تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭدا ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە يېڭىدىن كۆپەيگەن كېمەيتىلگەن باج، تۆۋەنلىتىلگەن ھەق 17 مىليارد 700 مىليون يۈەندىن ئاشتى

ئىسلاھات پايدىسى سىجىل قويۇپ بېرىلدى     تۈرتكە بولۇش ئۈنۈم ئېففېكتى كۈنسېرى گەۋدىلەندى

شىنجاڭدا ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە يېڭىدىن كۆپەيگەن كېمەيتىلگەن باج، تۆۋەنلىتىلگەن ھەق 17 مىليارد 700 مىليون يۈەندىن ئاشتى

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى مېھرىگۈل ناسىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق باج ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل 1 - ئايدىن 9 - ئايغىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە يېڭىدىن كۆپەيگەن كېمەيتىلگەن باج، تۆۋەنلىتىلگەن ھەق 17 مىليارد 730 مىليون يۈەنگە يەتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە، قوشۇلما قىممەت بېجى ئىسلاھاتىدا يېڭىدىن كۆپەيگەن كېمەيتىلگەن باج 9 مىليارد 46 مىليون يۈەن بولۇپ، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنىڭ ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق سىياسىتى بويىچە يېڭىدىن كۆپەيگەن كېمەيتىلگەن باج 2 مىليارد 178 مىليون يۈەن، شەخسىي تاپاۋەت بېجىدا ئىككى قەدەملىك ئىسلاھاتنىڭ قاتلىنىشى سەۋەبلىك يېڭىدىن كۆپەيگەن كېمەيتىلگەن باج 5 مىليارد 504 مىليون يۈەن، باشقا سىياسەتلەر بىلەن يېڭىدىن كۆپەيگەن كېمەيتىلگەن باج 1 مىليارد 2 مىليون يۈەن بولغان.

ئاپتونوم رايونلۇق باج ئىدارىسى باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لو ئەيمىن مۇنداق بىلدۈردى: تېخىمۇ زور كۆلەملىك باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش سىياسىتى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى باج تارماقلىرى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى قاتتىق تۇتۇش بىلەن بىللە، سىياسەت ئېففېكتىنى دەسلەپكى قەدەمدە ئانالىز قىلدى، نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش سىياسىتى پايدىسىنىڭ داۋاملىق قويۇپ بېرىلىش بازار سۇبيېكتى كۆزلىمىسىنى مۇقىملاشتۈرۈش، جەمئىيەت ئىستېمالىنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇش، كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش قاتارلىق جەھەتلەردە رولىنى كۈنسېرى گەۋدىلەندۈرگەن.

بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئۈچ پەسلىدە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا 165 مىڭ 200 يېڭىدىن تىزىمغا ئېلىنغان باج تاپشۇرغۇچى كۆپىيىپ، ئېيىغا ئوتتۇرىچە 18 مىڭ 400ى يېڭىدىن كۆپەيگەن؛ پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى مۇقىم مۈلۈك سېلىنمىسى(دېھقان ئائىلىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ) ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.1 ئاشقان؛ سانائەت سېلىنمىسى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %11.5 ئاشقان، بۇنىڭ ئىچىدە كان ئېچىش كەسپى سېلىنمىسى تېز سۈرئەتتە ئېشىشنى ساقلىغان، ئېشىش سۈرئىتى %59.2كە يەتكەن. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ئەلئارا سېلىنما %8.7 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى 1 - ئايدىن 6 - ئايغىچە بولغان ئېشىش سۈرئىتىدىن 2.9 پىرسەنت پوئېنت تېز بولغان. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى شەھەر - بازار ئاھالىلىرىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىم %5.6 ئاشقان، شەھەر - بازار ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇش ئىستېمال چىقىمى %6.1 ئاشقان، ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى %5.6 ئاشقان. باج تارماقلىرىنىڭ تەكشۈرۈش سانلىق مەلۇماتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 2019 - يىلى پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە 1118 كارخانا كارخانىلارنىڭ تاپاۋەت بېجىنى جەملەپ ھېسابلاش، ئېنىقلاپ تاپشۇرۇش، مەلۇم قىلىشتا تەتقىق قىلىپ ئېچىش خىراجىتىنى باجدىن ئىلگىرى قوشۇپ ھېسابلاپ چىقىرىۋېتىش سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %51 ئېشىپ، كارخانىلارنىڭ تەتقىق قىلىپ ئېچىش سېلىنمىسىنى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈرگەن، كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرغان.

باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش باج تاپشۇرغۇچىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئۈمىدىنى ئۆستۈرۈپ، بازار سۇبيېكتىنىڭ جانلىنىشىنى كۈچەيتىپ، كارخانىلارنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، كارخانىلارنىڭ مەبلەغ سېلىش ئۈمىدىنى ئۆستۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىش ئورنى يارىتىپ، شەھەر - بازار ئاھالىلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولىدۇ. باج تاپشۇرغۇچىلار شەخسىي تاپاۋەت بېجى ئىسلاھاتى پايدىسىدىن بەھرىمەن بولۇپ، ئاھالىلەرنىڭ ئىلكىدىكى كىرىم بىۋاسىتە ئېشىپ، ئاھالىلەرنىڭ ئىستېمال ئىقتىدارى ئۆسىدۇ. لو ئەيمىن مۇنداق بىلدۈردى: كېيىنكى قەدەمدە، ئاپتونوم رايونلۇق باج ئىدارىسى باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى «ئاساسلىق ھۇجۇمچى»لىق مەسئۇلىيىتىنى داۋاملىق ياخشى ئادا قىلىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى سىياسەت ئۈنۈم ئېففېكتىنىڭ ئۆزگىرىشىگە يېقىندىن دىققەت قىلىپ، باج - ھەق تاپشۇرۇشتىكى خەلققە قولايلىق تۈرلۈك يېڭى تەدبىرلەرنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىياسەت ئارقىلىق ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش ۋە مۇلازىمەت ئارقىلىق خەلققە قولايلىق يارىتىشنىڭ «بىرىكمە مۇشتى»نى سىجىل ياخشى ئېتىپ، باج تاپشۇرغۇچىلار، ھەق تاپشۇرغۇچىلارنىڭ سىياسەت پايدىسى ۋە باج تاپشۇرۇش قولايلىقىدىن ئىبارەت قوش قاتلاملىق ئېرىشىش تۇيغۇسىنى يەنىمۇ ئاشۇرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ