تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

رۇسىيە زەنجىرسىمان تاللا بازىرىنىڭ جۇڭگو شىنجاڭغا «كۆزى چۈشتى»

ئىمپورت كۆرگەزمىسىدە رىشتە باغلاش «كۆرۈپ بېقىش»تىن «قول تۇتۇشۇش»قىچە

رۇسىيە زەنجىرسىمان تاللا بازىرىنىڭ جۇڭگو شىنجاڭغا «كۆزى چۈشتى»

شىنجاڭدا 200 دۇكان ئېچىشنى پىلانلىدى

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى چېن چياڭۋېي، ما يىنىڭ خەۋەر قىلىدۇ: «رەئىس شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: <جۇڭگو بازىرى مانا مۇشۇنداق چوڭ، كۆپچىلىكنىڭ كېلىپ كۆرۈپ بېقىشىنى قارشى ئالىمىز.> رۇسىيە ئىۋان چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى كېلىپ كۆرۈپ بېقىپلا قالماستىن، يەنە بۇ قېتىمقى ھەمكارلىق ئارقىلىق كەڭ جۇڭگو بازىرىغا چوڭقۇر چۆكۈشنى ئۈمىد قىلىدۇ.» 11 - ئاينىڭ 6 - كۈنى، 2 - نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىدە، جۇڭگو شىنجاڭ ئۈرۈمچى ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى) باشقۇرۇش كومىتېتى بىلەن ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىغاندىن كېيىن، بۇ شىركەتنىڭ جۇڭگو تەرەپ ۋەكىلى تاراپخان پاتىخان شۇنداق دېدى.

كەلگۈسى بەش يىلدا، بۇ شىركەت جۇڭگودا مەبلەغ سېلىپ قىزىل - يېشىل چىراغ زەنجىرسىمان تاللا بازىرىدىن 1000نى ئېچىشنى پىلانلىدى، بۇنىڭ ئىچىدە شىنجاڭدا 200نى ئاچماقچى. ئىككى تەرەپنىڭ كېلىشىمىگە ئاساسەن، رۇسىيە قىزىل - يېشىل چىراغ زەنجىرسىمان تاللا بازىرى ئۈرۈمچى ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى(تۇدۇڭخابا رايونى)دا جۇڭگو رايونى تىجارەت مەركىزى قۇرىدۇ ھەم بۇ يىل ئىچىدە تۇنجى تاللا بازىرىنى ئېچىپ، ئاساسلىقى رۇسىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئىمپورت تاۋارلىرىنى ساتىدۇ. ئامباردا ساقلاش شەكلىدىكى يېمەكلىك تۈرلۈك ماللار زەنجىرسىمان تاللا بازىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، «قىزىل - يېشىل چىراغ» ئۆزى تەمىنلىگەن تاۋارنىڭ باھاسى تۆۋەن، سۈپىتى ئەلا بولۇشقا تايىنىپ بىر قەدەر كۈچلۈك رىقابەت ئۈستۈنلۈكىنى شەكىللەندۈرگەن بولۇپ، نۆۋەتتە رۇسىيە، قازاقىستان، پولشا، گېرمانىيە قاتارلىق سەككىز دۆلەت ۋە رايوندا مەبلەغ سېلىپ 1552 تاللا بازىرى ئاچتى.

«يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مەن <بىر بەلباغ، بىر يول> قۇرۇلۇشىنىڭ شىنجاڭغا ئېلىپ كەلگەن ئۆزگىرىشىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم. بۇ يىلدىن بۇيان، تەرەققىيات رايونىدا ئەمەلىي پايدىلىنىلغان تاشقى مەبلەغنىڭ ئېشىش نىسبىتى كۆرۈنەرلىك بولۇپ، چەت ئەل سودىگەرلىرىنىڭ مەسلىھەت سوراش، كېڭىشىش ھەمكارلىقى كۆرۈنەرلىك كۆپەيدى.» بۇ قېتىمقى ھەمكارلىقنىڭ ھاسىل قىلىنىشى ئۈرۈمچى ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى) سودا ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى لى گېنى چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە قىلدى.

لى گې تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: تۇنجى نۆۋەتلىك ئىمپورت كۆرگەزمىسىدە، رۇسىيە ئىۋان چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى جۇڭگو ئىستېمالچىلىرىنىڭ رۇسىيە، ئوتتۇرا ئاسىيا يېمەكلىكلىرىگە ئىنتايىن قىزىقىدىغانلىقىنى بايقىدى، ئۇلاردا جۇڭگوغا كېلىپ مەبلەغ سېلىش ئارزۇسى پەيدا بولدى. بۇ ئارزۇنى چۈشەنگەندىن كېيىن، ئۈرۈمچى ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى) دەرھال رۇسىيە كارخانىلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ، ئىككى تەرەپ تەكشۈرۈش، كېڭىشىش باسقۇچىغا كىرىشكە باشلىدى. ئىككى ئاي ئىلگىرى، رۇسىيە كارخانىچىلىرى ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورت رايونى، ئۈرۈمچى ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ خەلقئارا ئەشيا ئوبوروت ئىقتىدارى ھەم تىجارەت - سودا مۇھىتىدىن رازى بولۇپ، ئەڭ ئاخىرىدا بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىدە شىنجاڭ بىلەن رەسمىي «قول تۇتۇشۇش»نى قارار قىلدى.

«<بىر بەلباغ، بىر يول> قۇرۇلۇشىنىڭ چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلىشىغا ئەگىشىپ، ھەرقايسى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ جۇڭگو بازىرىغا كىرىش ئارزۇسى بارغانسېرى كۈچەيمەكتە، جۇڭگو شىنجاڭ بازىرىدا تىجارەتنى ياخشى قىلىش ياخشى باشلىنىش بولىدۇ» دېدى تاراپخان پاتىخان.

سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، جۇڭگو شىنجاڭدىكى پورتلارنىڭ قازاقىستان، رۇسىيە ۋە قىرغىزىستان قاتارلىق شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن ئىشقا ئاشۇرغان ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 107 مىليارد 930 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.6 ئاشقان، بۇنىڭ ئىچىدە ئىمپورت سوممىسى 42 مىليارد 520 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %13 ئاشقان.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ