تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئېچىۋېتىش شەرق شامىلىدىن پايدىلىنىپ، تەرەققىيات يەلكىنىنى ئېگىز چىقىرىش

−رەئىس شى جىنپىڭنىڭ 2- نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا قىلغان ئاساسىي مەقسەت نۇتقى ئاپتونوم رايونىمىزدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى

رەئىس شى جىنپىڭنىڭ 2 - نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا قىلغان ئاساسىي مەقسەت نۇتقى ئاپتونوم رايونىمىزدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى. كۆپچىلىك بەس - بەستە مۇنداق بىلدۈردى: «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم، زور پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، ئېچىۋېتىش شەرق شامىلىدىن پايدىلىنىپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يەلكىنىنى ئېگىز چىقىرىشىمىز كېرەك.

رەئىس شى جىنپىڭ ئاساسىي مەقسەت نۇتقىدا ئوچۇق ھەمكارلىشىدىغان، ئوچۇق يېڭىلىق يارىتىدىغان ھەم ئوچۇق ھەمبەھرىلىنىدىغان دۇنيا ئىقتىسادىنى ئورتاق بەرپا قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، دۇنياغا كۈچلۈك ئېچىۋېتىش سىگنالىنى يەنە بىر قېتىم تارقاتتى. ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، نازىر رۇڭ جۈن مۇنداق دېدى: بىز مەۋقەنى شىنجاڭنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىش ئەمەلىيىتىگە قويۇپ، ۋەزىپىلەرنى تۈرمۇتۈر بۆلۈپ، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى قاتتىق تۇتىمىز. دىققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش شەرتى ئاستىدا، ئىشىكنى دۆلەت ئىچىگە، سىرتقا ئېچىۋېتىش قەدىمىنى تېزلىتىش ئارقىلىق شەرق بىلەن بىرلىشىپ غەربتىن چىقىرىشنىڭ خەلقئارا سودا چوڭ يولىنى ئېچىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىپ، ھەر تەرەپلىمە ئېچىۋېتىش يېڭى ۋەزىيىتىنى بەرپا قىلىپ، شىنجاڭنىڭ دۆلەتنىڭ ئېچىۋېتىش سىستېمىسىغا سىڭىشىشىنى يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئىگە قىلىمىز.

«بىز خەلقئارا تاموژنا بىلەن بولغان ھەمكارلىققا تايىنىپ، ئىككى تەرەپلىك، كۆپ تەرەپلىك خەلقئارا ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ تۈرلۈك تاۋارلىرىنى پىرىيوم - كارانتىن قىلىش ۋە تەكشۈرۈپ ئۆلچەش ئۆلچىمىنى بېكىتىشكە تەشەببۇسكارلىق بىلەن چوڭقۇر قاتنىشىپ، شىنجاڭنىڭ ياخشى تىجارەت - سودا مۇھىتى بەرپا قىلىشى، ئىمپورتنى كېڭەيتىشىگە كۈچ قوشىمىز.» ئۈرۈمچى تاموژنىسىنىڭ تاموژنا باشلىقى دىڭ جىباۋ مۇنداق دېدى: «شۇنىڭ بىلەن بىللە، بىز يەنە شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، يىغىپ توپلاش - يىغىپ توشۇش، TIR تىرانسپورتى قاتارلىق تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈشنى قولايلاشتۇرۇش تەدبىرلىرىدە ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىمىز ھەم ئاپتونوم رايوننىڭ <بىر پورت، ئىككى رايون، بەش چوڭ مەركەز، پورت ئىقتىساد بەلبېغى> قۇرۇلۇشىنى چۆرىدەپ، چېگرا ئاھالىلىرى ئۆتۈشمە بازىرى سودىسى، جۇڭگو - قازاقىستان قورغاس خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىق مەركىزى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى تاموژنىدىن تېز ئۆتكۈزۈش <يېشىل يول>نى ئىجادىي تەرەققىي قىلدۇرىمىز».

جۇڭگو - قازاقىستان قورغاس خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىق مەركىزى جۇڭگو - قازاقىستان ئىككى تەرەپنىڭ ئالماشتۇرۇش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، «قول تۇتۇشۇش»تا چىڭ تۇرۇشنىڭ جانلىق كارتىنىسى. ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، ھەمكارلىق مەركىزىدە 4 مىليون 696 مىڭ 200 ئادەم قېتىمنىڭ چېگرادىن كىرىش - چىقىشى ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.55 ئاشتى. قورغاس ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى پورت باشقۇرۇش ئىدارىسىدىكى مېي چىدىڭ مۇنداق دېدى: بىز داۋاملىق رەئىس شى جىنپىڭنىڭ تەلىپى بويىچە، قازاقىستان تەرەپ بىلەن بولغان سىياسەتتە پىكىرلىشىش، ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئاۋۋال يولغا قويۇش، ئاۋۋال سىناش سىياسەت ئەۋزەللىكىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇش ئۈچۈن كۈچ قوشىمىز.

سىرتقا ئېچىۋېتىشنى سىجىل كېڭەيتىش جەريانىدا، نۇرغۇن شىنجاڭ كارخانىلىرى «سىرتقا چىقىش»تىن مەنپەئەتلەنگۈچىگە ئايلاندى، ھەم ئېچىۋېتىش جەريانىدا ئۆزىنىڭ رىقابەت كۈچىنى ئۆستۈردى. شىنجاڭ خۇالىڭ سودا - سانائەت (گۇرۇھى) چەكلىك شىركىتى گىرۇزىيەدە ئارقا - ئارقىدىن خۇالىڭ ئەركىن سانائەت باغچە رايونى، خۇالىڭ خەلقئارا ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونى قاتارلىقلارنى مەبلەغ سېلىپ قۇرۇپ، گىرۇزىيە باساس بانكىسى قاتارلىق تۈرلەرنى سېتىۋالدى. بۇ شىركەت پارتكومىنىڭ شۇجىسى گو شياڭياڭ مۇنداق دېدى: كەلگۈسىدە مەۋقەنى شىنجاڭغا قويۇشنى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونىنىڭ ئەۋزەللىكى قىلىپ، دۆلەتنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش ۋە پۇقراۋى كارخانىلارنى زور كۈچ بىلەن يۆلەش ياخشى سىياسىتىگە تايىنىپ، ئىككى باغچە رايونىنى قارا دېڭىز ئەتراپىدىكى ئەڭ چوڭ خەلقئارا سودا ئوبوروت سۇپىسى قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن كۈچ قوشۇپ، خەلقئارا سەھنىدە جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ ياخشى ئوبرازىنى تېخىمۇ ياخشى نامايان قىلىمىز.

ياخشى بولغان تىجارەت - سودا مۇھىتى كارخانىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى، تەرەققىي قىلىشىنىڭ تۇپرىقى. بۈگۈنكى كۈندە، تېخىمۇ ئېچىۋېتىلگەن پوزىتسىيە ۋە ئەۋزەل تىجارەت - سودا مۇھىتى تېخىمۇ كۆپ كارخانىلارنى شىنجاڭدىن ئىبارەت بۇ مۇنبەت تۇپراققا مەبلەغ سېلىشقا توپلىدى. شەنشىدىن كەلگەن كارخانىچى لى جۈدۇڭ شىنجاڭغا مەبلەغ سېلىپ ئاقسۇ خېڭتۇڭ مېۋىچىلىك چەكلىك شىركىتىنى قۇردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «كارخانىمىزنىڭ خەلقئارا بازاردىكى سېتىش سوممىسى يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %50لىك ئېشىش سۈرئىتىنى ساقلاپ كەلمەكتە، بۇ، شىنجاڭنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىش ئەۋزەللىكى ۋە ياخشى تىجارەت - سودا مۇھىتىدىن بولدى. بۇنىڭدىن كېيىن، بىز داۋاملىق تەرەققىيات ئىشەنچىمىزنى چىڭىتىپ، زېھنىمىزنى مەركەزلەشتۈرۈپ يېڭىلىق يارىتىپ، ئىجاد قىلىپ، پۇختا قەدەم بىلەن كارخانىنى ياخشى باشقۇرىمىز».

تۈرلۈك ماللار، يېمەكلىك، قول ھۈنەر بۇيۇملىرى، ئاپتوموبىل قاتارلىق يەر شارىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ماللار، تەرەققىي قىلغان ئىستېرېئولۇق قاتناش تورى ئارقىلىق جۇڭگو ئىچكى قۇرۇقلۇقىنىڭ ئىچكىرىسىگە جايلاشقان شىنجاڭغا ئۈزلۈكسىز يېتىپ كەلدى. 50 ياشلىق ئۈرۈمچى شەھەر ئاھالىسى لى گوچياڭ مۇنداق دېدى: «بىز ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن مەنپەئەتلەنگۈچىلەر، ئائىلىمىزدىكى نۇرغۇن نەرسىلەر ئىمپورت قىلىنغان مەھسۇلاتلار. رەئىس شى جىنپىڭ جۇڭگونىڭ دەرۋازىسى بارغانسېرى چوڭ ئېچىۋېتىلىدۇ، دېدى، ئىشىنىمەنكى، تۇرمۇشىمىز ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە <بىر بەلباغ، بىر يول> قۇرۇلۇشىغا ئەگىشىپ بارغانسېرى گۈزەل بولىدۇ».

(شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى جاڭ يۈنمېي، چېن چياڭۋېي، ما يىنىڭ، ۋاڭ يۈجاۋ، لياڭ لىخۇا يازغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ