تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

قەشقەر ۋىلايىتى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىپ، پۇختىلاپ، تۈزىتىشنى تۇتتى

− دىققەتنى باش تېما، ئاساسىي لىنىيەگە مەركەزلەشتۈرۈپ، تۈزىتىشنى تۇتۇش توغرىسىدا يۈرۈشلۈك خەۋەر

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى پەرىزات ئابدۇل، شيا چىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىرلىرى ۋاڭ جىخېڭ، ۋاڭ ۋېنبو خەۋەر قىلىدۇ: «ئىلگىرى ئىجتىمائىي سۇغۇرتىنى بېجىرىش ئۈچۈن بانكا بىلەن ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ئىدارىسى ئارىسىدا نەچچە قېتىم قاتراشقا توغرا كېلەتتى، ھازىر پەقەت بىر قېتىم قاتراپلا بېجىرگىلى بولىدىغان بولدى، ئىشلار ئاسانلىشىپ كەتتى» دېدى قەشقەر ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مۇلازىمەت مەركىزىگە ئىش بېجىرگىلى كەلگەن قەشقەر ۋەنسەي سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ مەسئۇلى شۈ شياڭ چوڭقۇر تەسىراتتا.

قەشقەر ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان مەسىلىلەرنى دەل جايىدا تۈزىتىشى قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ باش تېما تەربىيەسىدە بېسىمنى قاتلاممۇقاتلام يەتكۈزۈپ، سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەتنى ئەستايىدىل پۇختىلىغانلىقىنىڭ ئىخچام كارتىنىسى.

«2+8» مەخسۇس تۈزەش ۋە «3+3+1» خەلق ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىشنى چىڭ كۆزلەپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئالماسلىق، قىلىدىغاننى قىلماسلىق مەسىلىسىنى سىجىل تۈزەپ، قەشقەر ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مۇلازىمەت مەركىزى پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلارنى باشلامچى قىلىپ، كۆزنەك مۇلازىمىتى سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، ئىش بېجىرىش تەرتىپىنى ئاددىيلاشتۇرۇشنى مەخسۇس تۈزەشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلدى. نۆۋەتتە، مەركەز «مۇلازىمەت مەركىزى+بانكا+كارخانا»دىن ئىبارەت ئۈچ تەرەپ ھەمكارلىشىپ بېجىرىش ئەندىزىسىنى قوللاندى، كەسىپ بېجىرگىلى كەلگەن كارخانىلار پەقەت بىر نۇسخا ئۈچ تەرەپ كېلىشىمىنى ئىمزالىسىلا بولىدۇ، باشقا رەسمىيەتلەرنى مۇلازىمەت مەركىزى بىلەن بانكا مەسئۇل بولۇپ بېجىرىدۇ.

قەشقەر ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋېي جېن مۇنداق دېدى: «بىز دىققەتنى ئاممىنىڭ ئىش بېجىرىشىدىكى قىيىن نۇقتا، مەمۇرىي ئىشلار مۇلازىمىتىدىكى توسۇق نۇقتا ۋە ئاغرىق نۇقتىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە، يۇقىرى - تۆۋەننى بىرلەشتۈرۈپ مەسىلىلەرنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ - كۆزىتىپ، رەتكە تۇرغۇزۇپ ئېنىقلاپ، قاراتمىلىق ھالدا تۈزىتىش تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىش بېجىرىدىغان ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسىنى ئاشۇردۇق».

«ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىدە، قەشقەر ۋىلايىتى ۋىلايەتلىك پارتكومدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار بىرىنچى مەسئۇل كىشى بولۇش ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بەنزە ئەزالىرى «بىر ئىش ئورنى، قوش مەسئۇلىيەت»نى ئادا قىلىپ، بىر نەپەر ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ۋىلايەتكە بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلارغا مەسئۇل بولۇش، ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ ئەزاسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى 12 ناھىيە، شەھەرگە مەسئۇل بولۇشنى ئېنىق بېكىتىپ، ناھىيە، باشقارما دەرىجىلىك كادىرلار باش، مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقى بولغان 13 يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ قۇرۇپ، سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەتنى ھەقىقىي زىممىگە ئېلىپ، رەھبەرلىك قىلىش، يېتەكچىلىك قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي زىممىگە ئالدى. قەشقەردىكى ھەرقايسى يېتەكچىلىك گۇرۇپپىلىرى ۋىلايەتكە بىۋاسىتە قاراشلىق تارماقلار، ئورۇنلار، ناھىيە، شەھەرلەرنىڭ باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش ئەھۋالىغا پۈتۈن مۇساپىلىك يېتەكچىلىك قىلىپ، ياخشىلاش پىكرىدىن 379نى، ئىز قوغلاپ ھەيدەكچىلىك قىلىدىغان مەسىلىدىن 15نى ئوتتۇرىغا قويدى.

قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، سىياسىي - قانۇن كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ما جيەن مۇنداق دېدى: «ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى بىرىنچى مەسئۇل كىشى بولۇش سۈپىتى بىلەن بىرتۇتاش پىلانلاپ تۇتتى، ۋىلايەتلىك پارتكوم بەنزە ئەزالىرى <مەسئۇلىيەت ئېتىزى>نى ياخشى تېرىدى، خىزمەتلەرنى كونكرېت تۇتۇش، ھەمكارلىشىپ تۇتۇش بويىچە ۋىلايەت، ناھىيە، يېزا - كەنتلەر بىر دەرىجە يەنە بىر دەرىجىنى تۇتىدىغان، قاتلاممۇ قاتلام ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتىدىغان مەخسۇس تۈزەش خىزمىتى چوڭ ئەندىزىسى شەكىللەندى».

كوناشەھەر ناھىيەلىك سۇچىلىق ئىدارىسى پارتكومى شۇ جايدىكى ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان تۇرۇبا سۈيى بېسىمى تۆۋەن بولۇش مەسىلىسىنى چىڭ كۆزلەپ، ئاممىنىڭ تۇرۇبا سۈيى ئىچىش بىخەتەرلىكىنى ئۆيمۇئۆي رەتكە تۇرغۇزۇپ، دېھقان ئائىلىلىرىنىڭ تۇرۇبا سۈيى تۇرۇبىسىنىڭ چوڭقۇرلۇقى يېتەرلىك بولماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەرنى تۈزىتىپ ھەم ئاممىغا تۇرۇبىنى ھەقسىز ئالماشتۇرۇپ بېرىپ، تۈزەش مەزمۇنى ئامما كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەرگە بىۋاسىتە يۈزلىنىش، تۈزەش جەريانىدا ئاممىنى قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىش، تۈزەش نەتىجىسىدە ئاممىنىڭ باھاسىنى قوبۇل قىلىشنى ئىشقا ئاشۇردى.

«سۇچىلىق ئىدارىسىنىڭ كادىرلىرى ماڭا ياردەملىشىپ سۇ تۇرۇبىسىنى ئالماشتۇرۇپ بەردى، مەن ئەمدى سۇ تۇرۇبىسىنىڭ توڭلاپ قېلىشىدىن، سۇ بېسىمىنىڭ تۆۋەن بولۇشىدىن ئەنسىرىمەيدىغان بولدۇم» دېدى كوناشەھەر ناھىيەسى بۇلاقسۇ يېزىسى دەسۇ كەنتىنىڭ ئاھالىسى مەمەتجان ئوسمان.

نۆۋەتتە، قەشقەر ۋىلايىتى مەسئۇلىيەتنى قاتلاممۇقاتلام ئەمەلىيلەشتۈرۈش سىستېمىسى بەرپا قىلىش ئارقىلىق، ناھىيە، باشقارما دەرىجىلىكتىن يۇقىرى رەھبىرىي كادىرلار تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، مەخسۇس تۈزەش ھېسابات دەپتىرىدىن جەمئىي 1972نى تۇرغۇزۇپ، 613نى تۈزەتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ