11- ئاينىڭ 7- كۈنى، خېنەن ئۆلكىسى جياۋزو شەھىرى ۋېنشيەن ناھىيەسى شياڭيۈن بازىرى داشاڭ كەنتىدە، بىر دېھقان جۇخار گۈلى ئۈزمەكتە.
شىنخۇا تورى خەۋىرى: كەچكۈزدە، داڭلىق «خۇەيياۋ دورىسى» چىقىدىغان خېنەن ئۆلكىسى جياۋزو شەھىرى ۋېنشيەن ناھىيەسى تېرىغان دورا ئورنىدا ئىشلىتىلىدىغان جۇخار گۈلى بەس- بەستە ئېچىلدى، دېھقانلار ئۈزۈش، ئاپتاپقا سېلىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى.
جياۋزو شەھىرى ۋېنشيەن ناھىيەسى تارىختا خۇەيچىڭ مەھكىمىسىگە تەۋە بولۇپ، بۇ يەردە ئۆسىدىغان خۇەيشەنياۋ، خۇەيجۈخۇا، خۇەينيۇشى، خۇەيدىخۇاڭ قاتارلىقلار «تۆت چوڭ خۇەيياۋ دورىسى» دەپ ئاتالغان. شىنخۇا ئاگېتنلىقى تارقاتقان (شۈ خوڭشىڭ فوتوسى)