تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

ئاپتونوم رايوندا يۈك ئاپتوموبىلى ۋە مەخسۇس تۈر خىزمەت ئاپتوموبىللىرىغا ETC تارقىتىش خىزمىتى باشلاندى

  ​تىيانشان تورى خەۋىرى: (مۇخبىر گو لىڭ خەۋىرى) 11-ئايدا، ئۇزۇن مەزگىل يۈك توشۇش كەسپىنىڭ 1-سېپىدە كېتىۋاتقان يۈك ئاپتوموبىللىرى ۋە مەخسۇس تۈر خىزمەت ئاپتوموبىللىرىغا ETC (ئاپتوموبىلنى توختاتماي ئېلېكتىرونلۇق ھەق ئېلىش سىستېمىسى) ئورناتقىلى بولىدىغان بولدى، بۇ، 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، يۈك ئاپتوموبىللىرىنىڭ ئاپتوموبىل تىپى (ئوقى) بويىچە ھەق ئېلىشغا قولايلىق يارىتىپ بەردى.

  11-ئاينىڭ 7-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش- تىرانسپورت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، شىنجاڭ 2020-يىلى يۈك ئاپتوموبىلىنىڭ ئېغىرلىقىغا قاراپ ھەق ئېلىشنى بىر تۇتاش ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، يۈك ئاپتوموبىلىغا ETC تارقىتىش خىزمىتىنى يولغا قويۇپ، يۈك ئاپتوموبىللىرىدىن توختاتماي تېز سۈرئەتتە ھەق ئېلىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىدىكەن.

  نۆۋەتتە، دۆلىتىمىزدە يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيوللاردا يۈك ئاپتوموبىللىرىدىن ئومۇميۈزلۈك ئېغىرلىقىغا قاراپ ھەق ئېلىش ئومۇملاشقان بولۇپ، ئېغىرلىقىغا قاراپ ھەق ئېلىشتا ئاپتوموبىلنى توختىتىپ ئېغىرلىق ئۆلچىنىدىغان بولغاچقا، مەلۇم سەۋىيەدە ھەق ئېلىش پونكىتىدىن ئۆتۈش ئۈنۈمى ۋە يۈك ئاپتوموبىلدا ETCنى كېڭەيتىشكە تەسىر قىلىدۇ. يېڭى «ھەق ئېلىنىدىغان تاشيولدا قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ يول يۈرۈش ھەققى ئاپتوموبىل تىپى تۈرى» 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىدۇ، شىنجاڭدىمۇ يۈك ئاپتوموبىلىنىڭ ئېغىرلىقىغا قاراپ ھەق ئېلىشنى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ ھەمدە ئاپتوموبىلنىڭ تىپىغا قاراپ ھەق ئېلىنىپ، يۈك ئاپتوموبىلى يول يۈرۈش ھەققىنىڭ ئومۇمىي گەۋدىسىنى ئاشۇرماسلىققا كاپالەتلىك قىلىدۇ.

  يۈك ئاپتوموبىل شوپۇرلىرى ۋە مەخسۇس تۈر خىزمەت ئاپتوموبىل شوپۇرلىرىغا قۇلايلىق يارىتىش ئۈچۈن، يۈك توشۇش يىغىش- تارقىتىش ئورنى، يۈك ئاپتوموبىلى توختىتىش مەيدانى، ئەشيا- ئوبوروت باغچىسى، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول مۇلازىمەت رايونى، مەخسۇس تۈر كەسپىي ئورۇنلىرىدا ETC مەركەزلىك بېجىرىلىدۇ؛ ئاپتوموبىل ئىگىسى توردا تىزىملىتىش، نەق مەيداندا ئورنىتىش، تارقاتقۇچىلار بىلەن يۈز تۇرانە سۆزلىشىش ئارقىلىق بېجىرسىمۇ بولىدۇ. 2019- يىلى 12-ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن، ETC بېجىرگۈچىلەر «ئەسلىھە، ئورنىتىش، مۇلازىمەت ھەقسىز» بولۇش سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ ھەمدە يول يۈرۈش ھەققى 0.5 پىرسەنت ئېتىبار قىلىنىدۇ.

  كەڭ يۈك ئاپتوموبىلى ۋە مەخسۇس تۈر ئاپتوموبىل شوپۇرلىرى سودا-سانائەت بانكىسى، يېزا ئىگىلىك بانكىسى، بىڭتۇەن يېزا ئىگىلىك بانكىسى، جۇڭگو بانكىسى، قۇرۇلۇش بانكىسى، پوچتا ئامانەت بانكىسى، يېزا ئامانەت- قەرز كوپىراتىپى بىرلەشمىسى ئارقىلىق تىيانشان سەپىرى ھېسابات خاتىرىلەش كارتىسى ۋە OBU ئۈسكۈنىسىنى ئېلىپ، ETCنى ھەقسىز ئورناتسا بولىدۇ.

  ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش- تىرانسپورت نازارىتى تاشيول باشقۇرۇش باشقارمىسىنىڭ باشلىقى سۈن جىننىڭ ئېيتىشىچە، بارلىق يېپىق يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول ھەق ئېلىش پونكىتى يۈك ئاپتوموبىلىغا قارىتا ئېغىزغا كەلگەندە توختاتماي ئېغىرلىقىنى ئۆلچەش، قانۇنغا خىلاپ ھالدا نورمىدىن ئاشۇرۇپ يۈك باسقان ئاپتوموبىللارنىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولغا كىرىشىنى ئومۇميۈزلۈك مەنئى قىلىش، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى، مال- مۈلكى ۋە تاشيول ئۇل ئەسلىھەلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئومۇميۈزلۈك ئىشقا ئاشۇرۇلىدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، ئالاقىدار قانۇن- نىزام ۋە بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، نۆۋەتتە يۈك ئاپتوموبىلىنىڭ يول يۈرۈش ھەققى ئۆلچىمىنى تەڭشەپ ھېسابلاش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلۇپ، قاتناش ئېقىم مىقدارى ئوخشاش شارائىتتا، يۈك ئاپتوموبىلىنىڭ يول يۈرۈش ھەققىنىڭ ئومۇمىي يۈكىنى ئاشۇرماسلىققا كاپالەتلىك قىلىنىپ، ھەر بىر تۈردىكى ھەق ئېلىنىدىغان ئاپتوموبىللارنىڭ ئۆلچەملىك قاچىلاش ھالىتىدىكى تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك يول يۈرۈش ھەققى سوممىسىنىڭ ئەسلىدىكى ئېغىرلىق ھېسابلاشقا تېگىشلىك ھەق سوممىسىدىن ئېشىپ كەتمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىنىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : مىھرىگۈل ناسىر

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ