تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز يۈ مېڭفەن، پراكتىكانت لو بېيبېي خەۋىرى) بۈگۈن 24 مەۋسۇم ئىچىدىكى «باش قىش»، بۇ يىلقى باش قىش پەسلىنىڭ يېتىپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا نۆلدىن تۆۋەنگە چۈشۈپ كەتتى.
بۈگۈن شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىدا يامغۇر ياغىدىكەن، ئالتاي شەھىرىدە ئازراق قار يېغىپ، كېيىن ھاۋا بۇلۇتلۇق بولىدىكەن، سانجى شەھىرىدە يامغۇر ئارىلاش قار ياغىدىكەن، كۈيتۈن شەھىرى، غۇلجا شەھىرى قاتارلىق جايلاردا يامغۇر ئارىلاش قار يېغىپ، كېيىن ھاۋا ئېچىلىدىكەن؛ شەرقىي شىنجاڭدىكى قومۇل شەھىرىدە ھاۋا بۇلۇتلۇق بولۇپ سىم- سىم يامغۇر ياكى ئازراق يامغۇر ياغىدىكەن، تۇرپان شەھىرىدە ھاۋا بۇلۇتلۇق بەزىدە ئوچۇق بولىدىكەن؛ جەنۇبىي شىنجاڭدا ھاۋا ئوچۇق بەزىدە بۇلۇتلۇق بولىدىكەن.
ئۈرۈمچىدە ئازراق قار يېغىپ ئاندىن ھاۋا ئېچىلىدىكەن، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃1، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃2- بولىدىكەن، 3 بال شامال چىقىدىكەن. بۈگۈن سەھەردە مەركىزىي شەھەر رايونىدىكى بىر قىسىم يوللاردا مۇز تۇتقان بولۇپ، دوستلارنىڭ سىرتقا چىققاندا ئاپتوموبىلنى ئېھتىيات بىلەن ھەيدەپ، قاتناش بىخەتەرلىكىگە دىققەت قىلىشىنى سورايمىز.
شوپۇر دوستلار دىققەت، بۈگۈن G30 ،G312 لىنىيەسىنىڭ شىخەنزىدىن ئۈرۈمچىگىچە بولغان بۆلىكى، لياۋدۇڭدىن قومۇلنىڭ شىمالىدىكى تاغلىق رايونلارغىچە، G7 لىنىيەسى، G216 لىنىيەسىنىڭ قاراتۈڭكېدىن قامۇسىتقىچە بولغان بۆلىكى، ئۈرۈمچىدىن خوۋشىياغىچە بولغان بۆلىكى، G217 لىنىيەسىنىڭ چورمادىن بايىنغولىنغىچە بولغان بۆلىكى، G218 لىنىيەسىنىڭ مۇستىن كۈنەس جىلغىسىغىچە بولغان بۆلىكىدىكى قىسمەن رايونلاردا ئوتتۇراھال ياكى قاتتىق قار ياغىدىكەن، لىنىيە بويىدىكى تاغلىق رايونلاردا قېلىن قار ياغىدىكەن.