تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئېغىر، پەۋقۇلئاددە زور ئورمان، ئوتلاق ئوت ئاپىتى يۈزبېرىشىنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش كېرەك

ئاپتونوم رايونىمىز كۈز، قىش پەسىللىك ئورمان، ئوتلاق ئوت ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئوت ئۆچۈرۈش خىزمىتى نەق مەيدان ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنى ئاچتى

ئېغىر، پەۋقۇلئاددە زور ئورمان، ئوتلاق ئوت ئاپىتى يۈزبېرىشىنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ يۈجاۋ خەۋەر قىلىدۇ: 11 - ئاينىڭ 5 - كۈنى، ئاپتونوم رايوننىڭ كۈز، قىش پەسىللىك ئورمان، ئوتلاق ئوت ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئوت ئۆچۈرۈش خىزمىتى نەق مەيدان ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنى جىڭ ناھىيەسىدە ئېچىلدى. يىغىندا ھازىرقى ئورمان، ئوتلاق ئوت ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئوت ئۆچۈرۈش خىزمىتىنىڭ ۋەزىيىتى ئومۇميۈزلۈك تەھلىل قىلىنىپ، ھۆكۈم قىلىنىپ، كۈز، قىش پەسىللىك ئورمان، ئوتلاق ئوت ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئوت ئۆچۈرۈش خىزمىتىگە قارىتا قايتا ئورۇنلاشتۇرۇش، قايتا ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىپ، ئېغىر، پەۋقۇلئاددە زور ئورمان، ئوتلاق ئوت ئاپىتى يۈزبېرىشىنىڭ قەتئىي ئالدى ئېلىندى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنىياز يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: بۇ يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار ئورمان، ئوتلاق ئوت ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئوت ئۆچۈرۈشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، ئورمان ئوت ئاپىتى يۈزبېرىش قېتىم سانى، ئوت كەتكەن كۆلەم ۋە زىيانغا ئۇچرىغان ئورمان كۆلىمىدىن ئىبارەت ئۈچتە تۆۋەنلەشنى ئىشقا ئاشۇردى، ئوت ئاپىتىنىڭ زىيىنىغا ئۇچراش يىللىق ئوتتۇرىچە نىسبىتى داۋاملىق بىرقەدەر تۆۋەن سەۋىيەدە ساقلىنىپ، ئورمان ئوت ئاپىتىنىڭ 24 سائەتتە ئۆچۈرۈلۈش نىسبىتى%100تە ساقلىنىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل ئىناق، مۇقىم بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىندى.

يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار ئورمان، ئوتلاق ئوت ئاپىتى ئېغىر، زور خەۋپ - خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىشتىكى سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى قەتئىي ئۈستىگە ئېلىپ، ھەقىقىي ئەسقاتىدىغان كۈچلۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئىنتايىن ئەستايىدىل، مەسئۇلىيەتچان پوزىتسىيە بىلەن ئورمان، ئوتلاق ئوت ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئوت ئۆچۈرۈش خىزمىتىگە ئاتلىنىشى كېرەك. مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، خىزمەت تۈزۈلمىسى، مېخانىزمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈشى كېرەك. خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، تەشۋىق - تەربىيە جايىدا بولۇش، مەنبەدىن باشقۇرۇش، كونترول قىلىش جايىدا بولۇش، جىددىي تاقابىل تۇرۇش تەييارلىقى جايىدا بولۇش، ئاساسىي كاپالەت جايىدا بولۇش، ئوت دېلوسىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش جايىدا بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك. تېخىمۇ يۇقىرى ئۆلچەم، تېخىمۇ ئەمەلىي تەدبىر، تېخىمۇ قاتتىق نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئارقىلىق ئورمان، ئوتلاق ئوت ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى كونترول قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، پۈتۈن يىللىق ئورمان ئوت ئاپىتىنىڭ زىيىنىغا ئۇچراش نىسبىتىنى ‰0.8تىن تۆۋەن كونترول قىلىش مەسئۇلىيەت نىشانىنى ئورۇنداشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ