تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ ئاخبارات ساھەسىدىكىلەر 20- قېتىملىق جۇڭگو ئاخباراتچىلار بايرىمىنى تەبرىكلىدى

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يەنفاڭ خەۋەر قىلىدۇ: 20 - قېتىملىق جۇڭگو ئاخباراتچىلار بايرىمى يېتىپ كېلىش پەيتىدە، 11 - ئاينىڭ 6 - كۈنى، ئاپتونوم رايونىمىز تەقدىرلەش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، جۇڭگو ئاخبارات مۇكاپاتى، شىنجاڭ ئاخبارات مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىلەر ۋە ئاپتونوم رايون بويىچە ئون مۇنەۋۋەر ئاخبارات خىزمەتچىسىنى تەقدىرلىدى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى تيەن ۋېن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى كەڭ ئاخبارات خىزمەتچىلىرى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەشۋىقات - ئىدىيە خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى قەتئىي، كەسكىن ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مەركىزىي خىزمىتىنى زىچ چۆرىدەپ، توغرا سىياسىي يۆنىلىش ۋە ئاممىۋى پىكىر يۆنىلىشىدە باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، تاراتقۇلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىپ، ئاخبارات ئىشلىرىدا كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ئاخبارات سېپىدىكىلەر يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش دولقۇنىنى تېز قوزغىشى كېرەك. سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىپ، پارتىيەۋىلىكنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىپ، جاسارەت بىلەن يېڭىلىق يارىتىپ، يېزىقچىلىق ئىستىلىنى ئۆزگەرتىپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئاساسىي مېلودىيەنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئاكتىپ كۈچ تارقىتىشى كېرەك. «ئايىغى چاققان، كۆزى ئۆتكۈر، زېھنى ئوچۇق، قەلىمى كۈچلۈك» بولۇشنى تىرىشىپ ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ئىدىيەۋىلىككە ئىگە، يېقىشلىق، سۈپەتلىك نادىر ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ئۈچۈن ياخشى ئاممىۋى پىكىر كەيپىياتى يارىتىشى كېرەك.

تەقدىرلەش يىغىنى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئاخبارات خىزمەتچىلىرى ئۆزلىرى تەييارلاپ، ئۆزلىرى رېژىسسورلۇق قىلغان، تاراتقۇ خىزمەتچىلىرىنىڭ خىزمەت نەتىجە - ئۈنۈمى ۋە ياخشى قىياپىتىنى نامايان قىلغان ئېسىل نومۇرلارنى ئورۇنلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ