لۇڭچىشەن تېغى تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى فۇجيەن ئۆلكىسى سەنمىڭ شەھىرى جياڭلې ناھىيەسى چېگراسىغا جايلاشقان، ئومۇمىي كۆلىمى 12 مىڭ 600 گېكتار، سۇبتروپىك بەلباغ دائىم كۆكىرىپ تۇرىدىغان كەڭ يوپۇرماقلىق ئورمىنىنى ئاساسلىق قوغداش ئوبيېكتى قىلغان تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى. لۇڭچىشەن تېغىنى فۇجيەندىكى كۈز سەيلىسى قىلىدىغان ئەڭ ياخشى جاي دېيىشكە بولىدۇ، ھەر يىلى 11- ئاينىڭ ئوتتۇرا-ئاخىرلىرى سەيلە قىلىدىغان ئەڭ ياخشى ۋاقىت ھېسابلىنىدۇ. لۇڭمېن تەكشۈرۈش پونكىتىغا ئۈچ كىلومېتىر كېلىدىغان شىياۋپېي كەنتى قىزىل يوپۇرماقلارنى تاماشا قىلىدىغان ئەڭ ياخشى جاي. گەرچە قىش كىرەي دەپ قالغان بولسىمۇ، شەمشاد ئەڭ ھەيۋەتلىك قىياپىتى، ئەڭ گۈزەل رەڭگى بىلەن لۇڭچىشەن تېغىنى بېزەپ، لۇڭچىشەن تېغىنى تېخىمۇ رەڭدار تۈسكە كىرگۈزدى.
«ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» شىنجاڭ ئۆگىنىش سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى