ئامېرىكا «دىيابېت كېسەللىكى پەرۋىشى» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان بىر تۈرلۈك يېڭى تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، لىنولېئىك كىسلاتاسىنى كۆپ قوبۇل قىلغاندا Ⅱ تىپلىق دىيابېت كېسەللىكىنىڭ خەتىرىنى تۆۋەنلىتىشكە پايدىلىق ئىكەن.
بۇ يېڭى تەتقىقاتنى جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شاڭخەي ئوزۇقلۇق ۋە ساغلاملىق تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى دوكتور زۇڭ گېڭ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىرلىكتە تاماملىغان. تەتقىقاتچىلار 89 مىڭ ئايال ۋە 42 مىڭ ئەرنى زىيارەت قىلغان ھەمدە زىيارەت سانلىق مەلۇماتىنى تەھلىل قىلىش ئارقىلىق، سىناققا قاتناشقۇچىلارنىڭ ئومىگا 6 يۈرۈشلۈك تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسىنى قوبۇل قىلىش مىقدارىنى باھالىغان. تەتقىقاتچىلارنىڭ بايقىشىچە، لىنولېئىك كىسلاتاسىنىڭ قوبۇل قىلىنىش مىقدارى Ⅱ تىپلىق دىيابېت كېسەللىكىنىڭ خەۋپ-خەتىرى بىلەن مەنپىي مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. لىنولېئىك كىسلاتا قاتارلىق ئىسسىقلىق مىقدارى تويۇنغان ياغ، كاربون-سۇ بىرىكمىلىرى ۋە تەتۈر شەكىللىك ياغلار بىلەن ئالماشقاندا، Ⅱ تىپلىق دىيابېت كېسەللىكىنىڭ خەۋپ-خەتىرى ئايرىم-ئايرىم ھالدا % 14، % 9 ۋە % 17 تۆۋەنلەيدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، ئاراخىدونىك كىسلاتا Ⅱ تىپلىق دىيابېت كېسەللىكىنىڭ خەۋپ-خەتىرى بىلەن ئوڭ تاناسىپ بولىدىكەن.
يېڭى تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، تەركىبىدە لىنولېئىك كىسلاتا بولغان ئۆسۈملۈك مېيى ۋە قاتتىق پوستلۇق مېۋە قاتارلىق يېمەكلىكلەرنى كۆپ يېگەندە، ساغلام بولمىغان ياغ ياكى كاربون سۇ بىرىكمىلىرىنىڭ قوبۇل قىلىنىش مىقدارىنى چەكلەپ، Ⅱ تىپلىق دىئابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئۈنۈملۈك تۆۋەنلەتكىلى بولىدىكەن. تەركىبىدە لىنولېئىك كىسلاتا بار بولغان مايلار: دادۇر مېيى، كۈنجۈت مېيى ۋە خاسىڭ مېيىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى