تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

ئالدىنقى ئون ئايدا شىنجاڭ كۈتۈۋالغان ساياھەتچى 200 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئاشتى

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياۋ گاڭنىڭ 11- ئاينىڭ 5- كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، ئۈچىنچى تەرەپ شىركەتنىڭ تەكشۈرۈپ ئىستاتىستىكا قىلىشىچە، 2019- يىلى 1- ئايدىن 10- ئايغىچە شىنجاڭ كۈتۈۋالغان دۆلەت ئىچى - سىرتىدىن كەلگەن ساياھەتچى 201 مىليون 928 مىڭ 700 ئادەم قېتىم بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %42.62 ئاشقان؛ ئىشقا ئاشۇرۇلغان ساياھەتچىلىك كىرىمى 341 مىليارد 727 مىليون يۈەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %43.39 ئېشىپ، يەنە قوش يېڭى يۇقىرى رېكورت يارىتىلغان.

ئالتۇن كۈزدىكى 10- ئايدا، جەنۇبىي شىنجاڭ «توغراقنى تاماشا قىلىش» باش تېمىسىدىكى كۈز پەسىللىك ساياھەت دولقۇنىنى كۈتۈۋالدى، ئالتۇن رەڭلىك توغراقلار، سۈزۈك دەريا سۇلىرى بىلەن زۇمرەتتەك كۆك ئاسماننىڭ گىرەلىشىپ جۇلالىنىشىدىن ئەكس ئەتكەن گۈزەل، كۆركەم يۆگىمە رەسىم زور مىقداردىكى ساياھەتچىنى جەلپ قىلدى. ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 10- ئايدا، پۈتۈن ئاپتونوم رايون كۈتۈۋالغان ساياھەتچى 19 مىليون 464 مىڭ 400 ئادەم قېتىم بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %47.72 ئاشقان؛ ئىشقا ئاشۇرۇلغان ساياھەتچىلىك كىرىمى 40 مىليارد 279 مىليون يۈەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %41.39 ئاشقان.

ئاپتونوم رايوننىڭ ساياھەت، تەرەققىيات يىغىنى ئېچىلغاندىن بۇيان، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە زور كۈچ سەرپ قىلىپ ساياھەت ئارقىلىق شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى ئالغا سىلجىتتى، مۇقىملىق پايدىسىنىڭ سىجىل قويۇپ بېرىلىشىگە ئەگىشىپ، ساياھەتچىلىك كەسپىنىڭ تۈرلۈك سانلىق مەلۇماتىدا كەينى - كەينىدىن يېڭى يۇقىرى رېكورت يارىتىلدى، «شىنجاڭ ياخشى جاي» ساياھەت سۈپەتلىك ماركىسى بارغانسېرى جۇلالاندى. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەرقايسى جايلار ساياھەت ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەنزىرە نۇقتىسى، مەنزىرە رايونلىرىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈردى، شىنجاڭغا كىرىپ چىقىش بارغانسېرى تېزلەشتى، ساياھەت سەپەر ۋاقتى بارغانسېرى قىسقاردى، ھەرقايسى ئۆزگىچىلىككە ئىگە مەنزىرە رايونلىرىنىڭ مەنزىرىسى بارغانسېرى گۈزەللەشتى. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەرقايسى جايلار ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، «ئۈچ قىيىن بولۇش، بىر راۋان بولماسلىق» (ئاپتوموبىل توختىتىش قىيىن بولۇش، ماي قاچىلاش قىيىن بولۇش، ھاجەتخانىغا كىرىش قىيىن بولۇش، يان تېلېفون سىگنالى راۋان بولماسلىق) مەسىلىسىنى زور كۈچ سەرپ قىلىپ ھەل قىلىپ، ساياھەتچىلەرنىڭ ھېس قىلىش تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇردى.

بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، پۈتۈن ئاپتونوم رايون «سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق، قار - مۇزلۇقمۇ بىر بايلىق» دېگەن مۇھىم ئىدىيەنى زور كۈچ بىلەن ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزدى، ھەرقايسى جايلار بەس - بەستە ساياھەت تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچىنى چوڭقۇر قېزىپ، خاس جەلپكارلىقنى كۈچەپ يارىتىپ، ساياھەت مەنزىلگاھى سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پۈتۈن رايون ساياھىتى، پۈتۈن ۋاقىت ساياھىتىنى كۈچەپ بەرپا قىلدى، خاس ساياھەت مەھسۇلاتلىرى، لىنىيەلىرى ئۈزۈلمەي بارلىققا كەلدى. ئاپتونوم رايونىمىز يەنە ساياھەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش جەريانىدا يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، ساياھەت يىرىك پىلان سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ساياھەت مۇلازىمەت خاسلىقىدا جاسارەت بىلەن يېڭىلىق يارىتىپ، كۈچنى توپلاپ شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ «تۆت پەسىل ناخشىسى»نى ياڭرىتىپ، شىنجاڭنىڭ ئاقىل ساياھەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، باشقۇرۇشنى ئەلالاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، تۈزۈم سىستېمىسىنى ئورنىتىپ، تاكامۇللاشتۇرۇپ، ساياھەتچىلىك كەسپىنىڭ باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈردى.

ئاپتونوم رايونىمىز ساياھەتچىلىك كەسپىنىڭ تۈرتكىلىك ئۈنۈم ئېففېكتىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ساياھەتچىلىكنى نامراتلارنى يۆلەشنىڭ پايدا - مەنپەئىتى بىلەن تۇتاشتۇرۇش مېخانىزمى بەرپا قىلىش ئارقىلىق نامرات ئاممىنى ساياھەتچىلىكنىڭ تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىلەندۈردى.

ساياھەت ئارقىلىق شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ ساياھەتچىلىك كەسپى سۈرئەتنى تېزلىتىپ، شىنجاڭنىڭ سۈرئەتنى ئاشۇرۇپ ساياھەت بايلىقى چوڭ رايوندىن ساياھەت ئىقتىسادى كۈچلۈك رايونغا ئۆزگىرىپ، دۇنيادىكى مۇھىم ساياھەت مەنزىلگاھى بولۇشقا قاراپ ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ