تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

تۈزۈم ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، سادىقلىق بىلەن ۋەتەننى قوغداپ، چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىمىز

− پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق قىسىمدىكى ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر ئارىسىدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى

ئۇلۇغ خىتاب ئارقىلىق جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش كۈچىنى ئۇرغۇتۇش، سادىقلىق بىلەن چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىپ، مۇقەددەس بۇرچنى دادىل زىممىگە ئېلىش. بىرنەچچە كۈندىن بۇيان، پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئازادلىق ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىمدىكى ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر ئارىسىدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى. كەڭ ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر بەس - بەستە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۈزۈم ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، سادىقلىق بىلەن چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىپ، بۇرچنى دادىل زىممىگە ئېلىپ، مىنۇت - سېكۇنتنى قولدىن بەرمەيدىغان روھ بىلەن دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردە ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، خەلق ئارمىيەسىنى دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئارمىيە قىلىپ ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىمىز.

 ئەھمىيىتى مۇھىم، زور تەسىرى چوڭقۇر، ئۇزاق

پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4- ئومۇمىي يىغىنىدا «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشقا دائىر بىرقانچە مۇھىم، زور مەسىلە توغرىسىدىكى قارارى» قاراپ چىقىلىپ ماقۇللىنىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئېگىزدە تۇرۇپ يىراقنى كۆرىدىغان ئىستراتېگىيەلىك نەزەرى ۋە كۈچلۈك تارىخىي مەسئۇلىيەتچانلىقى نامايان قىلىنىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ يېڭى تەلىپى ۋە خەلق ئاممىسىنىڭ يېڭى ئارزۇسى تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈلدى.

شىنجاڭ ھەربىي رايونى مەلۇم توپچىلار تۇەنىنىڭ جېڭۋېيى چېن شېنلۇڭ مۇنداق بىلدۈردى: پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4- ئومۇمىي يىغىنى ئاخباراتىدا، «تۈزۈم» دېگەن سۆز 77 قېتىم تىلغا ئېلىنىپ، تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى ئىدارە قىلىش ئۈنۈم ئېففېكتىگە ئايلاندۇرۇشنىڭ كۈچلۈك سىگنالى تولۇق قويۇپ بېرىلدى. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يول ئىشەنچى، نەزەرىيە ئىشەنچى، تۈزۈم ئىشەنچى، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، پارتىيە مىلتىققا قوماندانلىق قىلىشتىن ئىبارەت بۇ تۈپ پىرىنسىپتا قىلچە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، تۈزۈم چەكلىمىسى ئارقىلىق قىسىمنىڭ ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىشى، ئۇرۇش قىلىشىنى ھەقىقىي تۇتۇپ، ئەمەلىي تۇتۇپ، قىسىمنىڭ جەڭگە كىرەلەيدىغان، جەڭدە غەلىبە قىلالايدىغان بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ باش ئەترىتى پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى بىرىنچى ۋاقىتتا ئۆگەندى. قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ باش ئەترىتىنىڭ جېڭۋېيى ۋاڭ ئەيگو مۇنداق دېدى: پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4- ئومۇمىي يىغىنىدا «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشقا دائىر بىرقانچە مۇھىم، زور مەسىلە توغرىسىدىكى قارارى»نىڭ قاراپ چىقىپ ماقۇللىنىشى «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، تۈرلۈك خەۋپ - خەتەر، خىرىسلار ئۈستىدىن غالىب كېلىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ گۈللىنىپ روناق تېپىشىدا، ئەبەدىي ئەمىنلىككە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشتا مۇھىم، زور رېئال ئەھمىيەتكە ۋە چوڭقۇر، ئۇزاق تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە.

شىنجاڭ ھەربىي رايونى مەلۇم ماشىنىلاشقان پىيادە ئەسكەرلەر تۇەنىنىڭ جېڭۋېيى پۇ چېڭدۇڭ مەشىق مەيدانىدا ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر بىلەن «قارلىق رايون كوئېنلۇندا يىلتىز تارتىپ، يېڭى دەۋردىكى ياخشى ئوفىتسېر - ئەسكەرلەردىن بولايلى» دېگەن تېمىدا ئەستايىدىل ئۆگىنىش قىلدى، مۇھاكىمە قىلدى. ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ ئۆزلەشتۈرگەندىن كېيىن، بىزنىڭ كۆز ئالدىمىزدا بىر يورۇق يول باشلاش چىرىغى ياندى. پارتىيەنىڭ خەلق ئارمىيەسىگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكى خەلق ئارمىيەسىنىڭ ئارمىيە قۇرۇش ئاساسى، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش روھى. جەزمەن شى جىنپىڭنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنىڭ دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىدىكى يېتەكچىلىك ئورنىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە ئىسلاھاتى نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خەلق ئارمىيەسىنىڭ خاراكتېرى، ئاساسىي مەقسىتى، خىسلىتىنى مەڭگۈ ساقلايمىز.

 پارتىيەنىڭ قوماندانلىقىغا بويسۇنۇش ۋەزىپىنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىش

يېقىندا شىنجاڭ ھەربىي رايونى مەلۇم تۇەنىدىكى ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرنىڭ پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگەنگەندىن كېيىنكى ئىنكاسى كۈچلۈك بولدى. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ قوبۇل قىلىشىغا ئېرىشكەن 4- دەرىجىلىك جۈنشىجاڭ مەنسۇر تەشەببۇسكارلىق بىلەن مۇنبەرگە چىقىپ لېكسىيە سۆزلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بۈگۈنكى تىنچلىق، گۈللىنىش ئاسان قولغا كەلمىگەن، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى بىزنىڭ قوغدىشىمىزغا ئېھتىياجلىق، بىز رەئىس شى جىنپىڭنىڭ يوليورۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ۋەتەننىڭ غەربىي دەرۋازىسىنى ياخشى قوغدىشىمىز كېرەك».

قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ باش ئەترىتى مۇتەخەسسىسلەرنى تەكلىپ قىلىپ چۈشەندۈرۈش، مۇھاكىمە قىلىش، پىكىر ئالماشتۇرۇشقا تەشكىللەش ئارقىلىق ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئۆگەندى. قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ باش ئەترىتى مەلۇم تارماق ئەترىتى سىياسىي خىزمەت بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جۇ يەنجۇ مۇنداق دېدى: ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئۆگىنىش ئارقىلىق ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرنىڭ پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش ئىرادىسى تېخىمۇ چىڭىدى.

چۆل - باياۋاندىكى كەڭ دالىدا شىنجاڭ ھەربىي رايونى مەلۇم قىزىل ئارمىيە شىسىدىكى ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر مەشىق مەيدانىدىن ئەمدىلا قايتىپ كېلىپ، ئۈستبېشىدىكى چاڭ - توزانلارنى قېقىشقىمۇ ئۈلگۈرمەي، دەرھال ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئۆگەندى. شى پارتكومىنىڭ ئەزالىرى مۇزاكىرە جەريانىدا مۇنداق بىلدۈردى: چوقۇم ئۆز ئورنىمىزنىڭ ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئەسلىي مەقسەتنى مەڭگۈ ساقلاپ، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، قىزىل گېننى ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇپ، شىنجاڭنى مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش، چېگرا مۇداپىئەسىنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت مۇقەددەس بۇرچنى ھەقىقىي ياخشى ئادا قىلىمىز.

ئالتاي تېغىنىڭ ئىچكىرىسىگە جايلاشقان قىزىلتاغ ئېغىزىدىكى چېگرا مۇداپىئە ليەنى تۇرۇشلۇق جاي ئاللىقاچان ئاپپاق قار بىلەن قاپلانغانىدى. پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4- ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلغاندىن كېيىن، ليەندۈي ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرنى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش تورى، يانفون تېرمىنالى ئارقىلىق ئۆگىنىشكە بىرىنچى ۋاقىتتا تەشكىللىدى ھەم چېگرا تېشىنى قىزىل سىزىش، پارتىيە بايرىقى ئالدىدا قەسەم بېرىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرنىڭ پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتتى.

 جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش جاپالىق مەشىقلەندۈرۈپ قوشۇننى سەرخىللاشتۇرۇش

تىيانشاننىڭ ئىچكىرىسىدە ھاۋا ئىنتايىن سوغۇق ئىدى. قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ باش ئەترىتى مەلۇم ھەرىكەتچان ئالاھىدە ئۇرۇش قىلىش تارماق ئەترىتىنىڭ ئوفىتسېر - ئەسكەرلىرى بىر ھەپتىلىك دالا مەشىقىنى قانات يايدۇردى. قاراڭغۇ چۈشتى، ئالاھىدە ئۇرۇش قىلىش ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى چېدىردا چۆرىدەپ ئولتۇرۇپ ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئۆگەندى. ئالاھىدە ئۇرۇش قىلىش ئەترىتىنىڭ ئەزاسى چېن سۇڭ مۇنداق دېدى: ئالاھىدە ئۇرۇش قىلىش ئەترىتىنىڭ ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، بۇرچۇمنى ھەر ۋاقىت ئېسىمدە چىڭ ساقلاپ، قاتتىق مەشىق قىلىپ يېڭىش، غەلىبە قىلىش ماھارىتىنى يېتىلدۈرۈپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرىمەن.

ئېگىزلىكنىڭ مەلۇم جايىدا، شىنجاڭ ھەربىي رايونى مەلۇم توپچىلار تۇەنىنىڭ ئوفىتسېر - ئەسكەرلىرى قار - شىۋىرغانغا قارىماي تاكتىكا مەشىقى قىلىۋاتاتتى. 3- دەرىجىلىك جۈنشىجاڭ چېن ۋېيخۇا مۇنداق دېدى: ھاۋاسى شالاڭ، دېڭىز يۈزىدىن 5100 مېتىردىن ئارتۇق ئېگىزلىكتىكى بۇ قارلىق ئېگىزلىككە كېلىپ، بىز مەشىق ئارىلىقىدىكى ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ، پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگەندۇق، بىز ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز بىلەن بۇرچ - مەسئۇلىيىتىمىزنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، «ئەڭ ئېگىز، ئەڭ يىراقتا تۇرۇپ ئەڭ سادىق بولۇش، ئەڭ چەت، ئەڭ يىراقنى ئەڭ خاتىرجەم قىلىش»نى ئىشقا ئاشۇرىمىز.

ئۇلۇغ پىلان تۈزۈلۈپ بولدى، ھازىر دەل جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان پەيت. شىنجاڭ ھەربىي رايونى مەلۇم چېگرا مۇداپىئە تۇەنى نۆۋەتتە قوشۇننى سەرخىللاشتۇرۇش ئۈچۈن جاپالىق مەشىقلەندۈرۈۋاتىدۇ، ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر مەشىق ئارىلىقىدا ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگەندى، پارتىيەلىك كادىرلار پارتىيە گۇرۇپپىسىنى بىرلىك قىلىپ ئۆگىنىشنى، مۇھاكىمىنى قانات يايدۇردى. تۇەنجاڭ يەن جىفاڭ مۇنداق دېدى: «يېڭى دەۋردىكى چېگرانى قوغداش مۇھاپىزەتچىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىز شەرەپلىك ئەنئەنىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، قىزىل گېنغا پائال ۋارىسلىق قىلىپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش مۇھىم ۋەزىپىسىنى ئاڭلىق زىممىمىزگە ئېلىپ، چېگرا مۇداپىئە قاراۋۇلخانىلىرىدا يىلتىز تارتىپ، يۈكسەك سىياسىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ئارقىلىق قايناق ھېسسىيات بىلەن ئىش قىلىپ، سادىقلىق بىلەن چېگرانى قوغداپ، ئۇلۇغ بۇرچنى زىممىمىزگە ئېلىش داۋامىدا ياشلىق باھارىمىزنىڭ ئەڭ گۈزەل پەيتلىرىنى نامايان قىلىشىمىز كېرەك».

(شىنجاڭ گېزىتى ئىختىيارىي مۇخبىرلىرى چېن مىڭ، ۋاڭ گويىن، جاڭ يىنبو، يۈ كەي، خەن چياڭ، تەي خاۋ، جاڭ لېيلېي، لو خاۋ، لى شىنيۈ، لۇ ۋېنشەن، لى گۇاڭرۇي، جاۋ بىفېڭ، ۋاڭ خەيشەن، لى مېڭچى، پەن جاۋ، ۋاڭ جۈنچياڭ، ليۇ نەنسۇڭ، ليۇ جېڭيى، دۇ ياۋ يازغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ