تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشى ئۈچۈن ئەقىل ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسى (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشى ئۈچۈن ئەقىل ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسى (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى 11- ئاينىڭ 4- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئېچىلدى، يىغىندا پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى. يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، بۇرچ - ۋەزىپىنى بېكىتىپ، ھەقىقىي تۈردە ۋەزىپە - مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشى ئۈچۈن ئەقىل ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: قەتئىي ھالدا ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، ئۆگىنىپ ئىگىلەش، پۇختا ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئىشلەش ۋە چوڭقۇرلىشىش، قەلبلەرگە سىڭىش، پۇختا بولۇشقا كۈچ سەرپ قىلىپ، ئۆگىنىشنىڭ نەتىجە - ئۈنۈمىنى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە گەۋدىلەندۈرۈش، يېڭى دەۋردىكى سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش ئەمەلىيىتىدە گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك. پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىدىن بۇيان پارتىيەمىز ۋە دۆلىتىمىزنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن يېڭى مۇھىم، زور ئىلگىرىلەشلەرنى چوڭقۇر تونۇپ، قولغا كەلتۈرۈلگەن غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇش كېرەك. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمى ۋە دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنىڭ چوڭقۇر ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ھەر مىللەت، ھەر ساھە سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ۋە جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە زاتلارنى تەربىيەلەپ، يېتەكلەپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى سىياسىي جەھەتتە قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش، ئىدىيە جەھەتتە قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش، نەزەرىيە جەھەتتە قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش، ھېسسىيات جەھەتتە قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ سىياسىي تەرەققىيات يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىش كېرەك. دۆلىتىمىزنىڭ دۆلەت تۈزۈمى ۋە دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنىڭ روشەن ئەۋزەللىكىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، دۆلەت ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشتە جەزمەن چىڭ تۇرىدىغان ئاساسىي پىرىنسىپ، ئومۇمىي نىشان، خىزمەت تەلىپىنى توغرا ئىگىلەپ، تۈزۈم ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تۈزۈمنىڭ نوپۇزىنى باشلامچىلىق بىلەن قوغداپ، ئۈزلۈكسىز ھالدا جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن ئەلرايىنى مۇجەسسەملەش، كۈچ قوشۇش، بىرىكمە كۈچنى ئاشۇرۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى، تەلىپى بويىچە، ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى سىياسىي ئاڭلىقلىق، ئىدىيە ئاڭلىقلىقى ۋە ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى ھەقىقىي كۈچەيتىش كېرەك. سىياسىي كېڭەشنىڭ «مۇھىم بازا» «مۇھىم سۇپا» «مۇھىم يول»لۇق رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئىدىيەۋى - سىياسىي يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىش، كەڭ دائىرىدە ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەشنى مەركىزىي ھالقا قىلىپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، كېڭىشىش - ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش پائالىيىتىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، قەلبنى، كۈچنى مۇجەسسەملەپ جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش، دىنلار ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى پۇختا، ياخشى قانات يايدۇرۇپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش كېرەك. كەڭ ئەزالارنى ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ياخشى تەشۋىق قىلىش، ياخشى لېكسىيە سۆزلەشكە تەشكىللەپ، ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشقا ياخشى كەيپىيات يارىتىش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن رەئىس چېڭ جېنشەن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن رەئىس، قوشۇمچە باش كاتىپ جاڭ بو، پارتگۇرۇپپا ئەزاسى، مۇئاۋىن رەئىس مۇتەللىپ ئوبۇل يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ