تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز فىي شۈەن فوتوسى، خەۋىرى): رەت-رەت كوچىلار يېشىللىققا پۈركەنگەنىدى، پىكاپلار ئۆتۈشۈپ تۇراتتى، كىچىك مەيدان، مەدەنىيەت چوڭ ھويلىسىغا كىرىپ-چىقىدىغان كىشىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيتتى، ھەر قېتىم تۈن پەردىسى يېيىلغاندا، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى گۇچۇڭ ناھىيەسى بەنجېگۇ بازىرى ياۋجەنزە كەنتىدە كوچا چىراغلىرى يورۇيدۇ، يورۇتۇلغان كېچە مەنزىرىسى خۇددى پارلاق نۇر چېچىپ تۇرغان دەستە-دەستە گۈلدەك كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىنى زىننەتلەپ تۇرىدۇ، كەنت ئاھالىلىرى مەمنۇنلۇق ئىلكىدە سەيلە قىلىپ، بەدەن چېنىقتۇرۇپ، يېزا-كەنتلەرنى شەھەر-بازارلاشتۇرۇش تەرەققىياتىدىن كەلگەن بەختلىك تۇرمۇشتىن ھۇزۇر ئالىدۇ.
بۈگۈنكى كۈندىكى ياۋجەنزە كەنتىدە يېزا-كەنت كەسىپ سىستېمىسى دەسلەپكى كۆلەمگە ئىگە بولدى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ «ھەميان»ى تومپايدى، ئاپتونوم رايون بويىچە ئېكولوگىيە كەنتى، مەدەنىيەت كەنتى، ئوبلاست دەرىجىلىك گۈزەل يېزا-كەنت ئۈلگە كۆرسىتىش كەنتى قاتارلىق مول نەتىجىلەر شان-شەرەپ تېمىغا لىق ئېسىلىپ، ھەممە جايدا ھاياتىي كۈچكە تولغان، ئېكولوگىيەسى گۈزەل، تۇرمۇش باياشات بولغان مەدەنىي، بەختلىك يېڭى كەنت مەنزىرىسى نامايان بولدى. (بىر قىسىم سۈرەتلەرنى ساياھەتچىلەر تەمىنلىگەن)