شىنجىڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر سۈن خەيگۇاڭ): 11- ئاينىڭ 5- كۈنى سەھەردە ئاياغلاشقان قىسقا ئارىلىقتا تېز تېيىلىش دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىنىڭ سولت لېيك بېكىتى 500 مېتىرغا تېيىلىش بويىچە 2- قېتىملىق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە، ۋۇ داجىڭ 39 سېكۇنت 702 دەقىقىلىك نەتىجىدە چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈردى، بۇ ھەم جۇڭگو كوماندىسىنىڭ بۇ بېكەتتىكى دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە تۇنجى ئالتۇن مېدالنى قولغا كەلتۈرۈشى ھېسابلىنىدۇ.
ئاياللار 3000 مېتىرغا كۈچ ئۇلاپ تېيىلىش تۈرىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە، فەن كېشىن، خەن يۈتوڭ، چۈ چۇنيۈ، جاڭ يۈتىڭدىن تەشكىللەنگەن جۇڭگو كوماندىسى كورېيە، كانادا كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ، 4 مىنۇت 08 سېكۇنت 746 دەقىقىلىك نەتىجىدە چېمپىيون بولۇپ، جۇڭگو كوماندىسى ئۈچۈن يەنە بىر ئالتۇن مېدالنى قولغا كەلتۈردى.
ئاياللار 500 مېتىرغا تېيىلىش تۈرىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە، چۈ چۇنيۈ كۈمۈش مېدالغا ئېرىشتى، كانادالىق ماھىر بۇتىن 41 سېكۇنت 936 دەقىقىلىك نەتىجىدە دۇنيا رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلاپ، چېمپىيون بولدى. ئاياللار 1000 مېتىرغا تېيىلىش تۈرىدە گوللاندىيەلىك ماھىر سىكۇلتىڭ چېمپىيون بولدى، خەن يۈتوڭ بىلەن جاڭ چۇتوڭ 2-، 3- لىككە ئېرىشتى.