تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر شۆ يۈنشاۋ): تۆت كۈندۈز ئۈچ كېچە، مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن سودا ساھەسىدىكى 70تىن ئارتۇق پىيادە مېڭىش ھەۋەسكارى 108 كىلومېتىرلىق مۇساپىنى تاماملىدى... يېقىندا، 3-نۆۋەتلىك سودا ساھەسىدىكى قابىللار قۇملۇقتا پىيادە مېڭىش جەڭ ئېلان قىلىش مۇسابىقىسى شىنجاڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ لوپنۇر ناھىيەسىدە ئاخىرلاشتى. مۇسابىقىگە قاتناشقۇچىلار بەس-بەستە پائالىيەتنىڭ ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك بولغانلىقىنى، لوپنۇرنىڭ ئۆزگىچە تەبىئىي مەنزىرىسىنىڭ كىشىنى تېخىمۇ جەلپ قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
بۇ قېتىملىق جەڭ ئېلان قىلىش مۇسابىقىسى تەشكىلىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، شېنجېن شىڭجې تەنتەربىيە تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى يۈەن جۇڭخۇي تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ قېىمقى مۇسابىقە پائالىيىتىنى ئۆتكۈزۈشتىكى ئەسلىي مەقسەت تېخىمۇ كۆپ كىشىنى لوپنۇرغا ئېلىپ كېلىپ، لوپنۇر بىلەن تونۇشۇش، لوپنۇرنى چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش، كارخانىچىلارنى لوپنۇرغا مەبلەغ سېلىپ ئېچىش، يېڭىلىق يارىتىپ، ئىگىلىك تىكلەشكە جەلپ قىلىش. ھازىر، 1-. 2- نۆۋەتلىك مۇسابىقىگە قاتناشقانلار ئىچىدە يەتتە ئادەم مەبلەغ سېلىش ئويىنى ئېنىق ئىپادىلىدى، مەسىلەن، ئۆي ئاپتوموبىلى بازىسى قۇرۇش، ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەش بازىسى قۇرۇش قاتارلىقلار.
بايىنغولىن گېزىتىدىن تەرجىمە قىلىندى