لوبونىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى
لوبونىڭ سۇ تەركىبى كۆپ، ئېنېرگىيەسى تۆۋەن، تەركىبىدە تىئامىن، رىبوفلاۋىن، ۋىتامىن B6، يوپۇرماق كىسلاتاسى، نىكوتىن كىسلاتاسى، ۋىتامىن C قاتارلىق كۆپ خىل ۋىتامىنلار بار، بۇنىڭ ئىچىدە ۋىتامىنC ۋە يوپۇرماق كىسلاتا بىر قەدەر يۇقىرى بولۇپ، كالتسىي، فوسفور، كالىي، ناترىي، تۆمۈر، سىنك، سېلېن قاتارلىق كۆپ خىل مىنېرال ماددا ئېلېمېنتلىرى بار. قىزىل لوبونىڭ قىزىل قىسمى تەركىبىدە سىئانىدىن بار، سىئانىدىن بىر خىل مۇھىم ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرغۇچى ماددا، ئۇنىڭ ئەركىن رادىكاللارنى تازىلاش ئىقتىدارى بار بولۇپ، ئوكسىدلىغۇچى ئېنزىمنىڭ ئاكتىپچانلىقىنى تۆۋەنلىتىدۇ، يەنە ئۆسمىگە، زىيادە سېزىمچانلىققا قارشى تۇرۇش قاتارلىق كۆپ خىل ئىقتىدارغا ئىگە.
لوبونىڭ كۆك لوبو، ئاق لوبو، قىزىل لوبو، كىچىك لوبو قاتارلىق ئوخشاش بولمىغان سورتلىرى بار، ئوزۇقلۇق قىممىتى جەھەتتە ھەر قايسىسىنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكى بار. بۇ تۆت خىل لوبونى سېلىشتۇرغاندا، كۆك لوبودا يېمەكلىك تالاسى، نىكوتىن كىسلاتاسى، كالتسىي ۋە كالىينىڭ مىقدارى ئەڭ يۇقىرى؛ كىچىك لوبودا يوپۇرماق كىسلاتاسىنىڭ مىقدارى ئەڭ يۇقىرى بولۇپ، ھەر 100 گىرام كىچىك لوبو تەركىبىدە 79.5 مىكرو گىرام يوپۇرماق كىسلاتاسى بار؛ ئاق لوبو تەركىبىدە ۋىتامىن Cنىڭ مىقدارى ئەڭ يۇقىرى بولۇپ، ھەر 100 گىرام ئاق لوبو تەركىبىدە 16 گىرام ۋىتامىن C بار.
لوبو ئۆزگىچە تەمگە ئىگە
بەزىدە لوبونى خام يېگەندىن كېيىن، باشقىلار بىلەن يۈز تۇرانە پىكىر ئالماشتۇرۇشقا جۈرئەت قىلالمايمىز، بولۇپمۇ ھېق تۇتقاندىن كېيىن تېخىمۇ ئاچچىق تەم پەيدا بولۇپ قالىدۇ. لوبو كرېست گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى كۆكتاتقا تەۋە بولۇپ، كرېست گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى كۆكتات قىچا مېيى گلۇكوزىد تۈرىدىكى ئۆسۈملۈك خىمىيەلىك ماددىسىغا كىرىدۇ. نۇرغۇن تەتقىقاتلاردىن بايقىلىشىچە، كرېست گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى كۆكتاتلار ئاشقازان راكى ۋە بوغماق ئۈچەي راكىنىڭ پەيدا بولۇش خەۋپىنى تۆۋەنلىتىدىكەن.
گۆھەر سەي-لوبو
لوبو كۆكى لوبونىڭ غول يوپۇرمىقى بولۇپ، لوبو غولى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. لوبو كۆكىنىڭ تەمى ياخشى بولۇپلا قالماي، ئوزۇقلۇق قىممىتىمۇ يۇقىرى. مەسىلەن: لوبو كۆكى تەركىبىدە كاروتىننىڭ مىقدارى مول بولۇپ، ھەر 100 گىرام تەركىبىدە 1440 مىكرو گىرام كاروتىن بولۇپ، ئاق لوبو، بەسەي، يۇمىلاق بەسەي قاتارلىق كۆكتاتلاردىن خېلىلا يۇقىرى؛ ھەر 100 گرام تەركىبىدىكى يوپۇرماق كىسلاتاسىنىڭ مىقدارى 122.2 مىكرو گىرام بولۇپ، شىلەنخۇا، ۋاۋاسەي، يوسەي، جۇسەي قاتارلىق كۆكتاتلاردىن يۇقىرى بولىدۇ؛ ھەر 100 گرام تەركىبىدىكى كالتسىينىڭ مىقدارى 56 مىللىگرام بولۇپ، ئاق لوبو، چەيزە، شوخلا، خۇاڭگۇا، چىڭسەي قاتارلىق كۆكتاتلارنىڭكىدىن يۇقىرى.
خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى