تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر لياۋ جۈن، ياڭ كۈن فوتوسى، خەۋىرى): 10-ئاينىڭ 29-كۈنى، تۇنجى ئاممىۋى ئاپتوبۇسنىڭ 2-شى باشئەگىم شەھىرىدىن يولغا چىقىشىغا ئەگىشىپ، باشئەگىم شەھىرىدىن كورلا شەھىرىگىچە بولغان شەھەرلەر ئارا ئاممىۋى قاتناشتا رەسمىي قاتناش باشلانغانلىقىدىن دېرەك بەردى.
مۇخبىرلارنىڭ ئىگىلىشىچە، باشئەگىم شەھىرىدىن كورلا شەھىرىگىچە بولغان شەھەرلەر ئارا ئاممىۋى قاتناش تىجارىتىگە باشئەگىم شەھىرى جۇڭليەن شىنيۈن يولۇچى تىرانسپورت چەكلىك شىركىتى مەسئۇل بولۇپ، ئالدىنقى قاراردا شەھەرلەر ئارا ئاممىۋى ئاپتوبۇستىن ئىككىسى ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدىكەن. ئومۇمىي مۇساپىنىڭ بېلەت باھاسى ئالتە يۈەن بولۇپ، جەمئىي 10 بېكەت تەسىس قىلىنغان، ئۇلار ئايرىم ھالدا باشئەگىم شەھەرلىك يولۇچى توشۇش بېكىتى، باشئەگىم راۋىقى، 29-تۇەن باغچىسى 14-ليەنى، شاڭخۇ بازىرى قارا سۇ كەنتى، دادۇنزا، 29-تۇەن 4-ليەنى، بوگۇچى بازىرى، خۇديېجۈن، 2-شى كورلا دوختۇرخانىسى، باغراش مېھمانخانىسى بولۇپ، جەمئىي 48 كىلومېتىر كېلىدىكەن. باشئەگىم شەھىرى ۋە كورلا شەھىرىدىن ئۆزئارا قارمۇقارشى يولغا چىقىش شەكلىنى قوللىنىپ، ھەر كۈنى سائەت 8دە ئايرىم ھالدا باشئەگىم شەھەرلىك يولۇچى توشۇش بېكىتى ۋە باغراش مېھمانخانىسىدىن بىرلا ۋاقىتتا ئاپتوبۇس يولغا چىقىدىكەن، يەككە يۈرۈش ۋاقتى بىر سائەت 10 مىنۇت بولۇپ، نۆۋەتچى ئاپتوبۇسنىڭ ئارىلىق ۋاقتى بىر سائەت 40 مىنۇت ئىكەن، ئاخىرقى نۆۋەتچى ئاپتوبۇس سائەت 20دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە يولغا چىقىدىغان بولۇپ، قارمۇقارشى يۆنىلىشكە ھەر كۈنى ئالتە نۆۋەت ئاپتوبۇس قاتنايدىكەن.
بايىنغولىن گېزىتىدىن تەرجىمە قىلىندى