تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى ھەقىقىي تۈردە ئىدارە قىلىش ئۈنۈم ئېففېكتىگە ئايلاندۇرىمىز

− پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلاردا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى

پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4- ئومۇمىي يىغىنىدا «جۇڭگونىڭ ئىدارە قىلىنىشى» دېگەن ئەڭ كۈچلۈك سىگنال قويۇپ بېرىلدى. 5000 خەتتىن كۆپرەك ئومۇمىي ئاخباراتتا «تۈزۈم» دېگەن سۆز 77 قېتىم كۆرۈلدى.

ئۇدا بىرقانچە كۈندىن بۇيان، پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلاردا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى. كۆپچىلىك مۇنداق بىلدۈردى: چوقۇم پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، ئاڭلىق ھالدا تۈزۈمگە ھۆرمەت قىلىپ، تۈزۈمنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، تۈزۈمنى قەتئىي قوغداپ، ھەرقايسى تەرەپلەردىكى تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى ھەقىقىي تۈردە ئىدارە قىلىش ئۈنۈم ئېففېكتىگە تېخىمۇ ياخشى ئايلاندۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىش، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىمىز.

 روشەن ئەۋزەللىك «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتتى

دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، خەلقنى تەرتىپچان قىلىشتا، تۈزۈمنى توغرىلاش كېرەك.

يېڭى جۇڭگو 70 يىلدا قولغا كەلتۈرگەن تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەر شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمى زامانىمىزدىكى جۇڭگونىڭ تەرەققىي قىلىپ ئىلگىرىلىشىنىڭ تۈپ كاپالىتى بولۇپ، قۇدرەتلىك ھاياتىي كۈچ ۋە غايەت زور ئەۋزەللىككە ئىگە. ئومۇمىي يىغىندا دۆلىتىمىزنىڭ دۆلەت تۈزۈمى ۋە دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنىڭ 13 روشەن ئەۋزەللىكى تۇنجى قېتىم ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق، ئىلمىي بايان قىلىندى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما مۇنداق بىلدۈردى: بۇ، پارتىيەمىز پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنى يېتەكلەپ ئۇزاق مۇددەت ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ ئىزدىنىش داۋامىدا شەكىللەندۈرگەن ئىلمىي تۈزۈم سىستېمىسى، ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى ئومۇمىي يىغىن روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن كۈچ قوشىمىز.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پارتىيە مەكتىپى (مەمۇرىيەت شۆيۈەنى)نىڭ مۇئاۋىن مەكتەپ (شۆيۈەن) مۇدىرى دۇەن لياڭ مۇنداق بىلدۈردى: ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق چۈشەندۈردىكى، دۆلىتىمىزنىڭ دۆلەت تۈزۈمى ۋە دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى كۆپ جەھەتتە روشەن ئەۋزەللىككە ئىگە، بۇ روشەن ئەۋزەللىكلەر بىزنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يول ئىشەنچى، نەزەرىيە ئىشەنچى، تۈزۈم ئىشەنچى، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چىڭىتىشىمىزنىڭ تۈپ ئاساسى. پەقەت پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى، خەلق ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى دۆلەت ئىدارە قىلىشنىڭ ئۈنۈم ئېففېكتىگە تېخىمۇ ياخشى ئايلاندۇرغاندىلا، ئاندىن «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلغىلى بولىدۇ.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پارتىيە مەكتىپى (مەمۇرىيەت شۆيۈەنى) پارتىيە تارىخى، پارتىيە قۇرۇلۇشى ئوقۇتۇش تەتقىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، دوتسېنت ۋاڭ پېڭنىڭ قارىشىچە، بىر دۆلەتنىڭ تۈزۈمى ۋە ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنىڭ ئىلغار ياكى ئىلغار ئەمەسلىكىنى ئۆلچەشتە ئاچقۇچ ئۇنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان - كەلمەيدىغانلىقىغا، خەلقنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشكەن - ئېرىشمىگەنلىكىگە، جەمئىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىپ ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولغان - بولمىغانلىقىغا قاراشتا ئىكەن. ئۇ مۇنداق دېدى: بىز قولغا كەلتۈرگەن شانلىق تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەر شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمى روشەن تۈزۈم ئەۋزەللىكى ۋە تەڭداشسىز قۇدرەتلىك ھاياتىي كۈچكە ئىگە بولۇپ، زامانىمىزدىكى جۇڭگونىڭ تەرەققىي قىلىپ ئىلگىرىلىشىنىڭ تۈپ تۈزۈم كاپالىتى. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىش دۆلىتىمىزنىڭ دۆلەت ئىدارە قىلىشىنىڭ ئۈزلۈكسىز تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە چىقىشىنى مۇقەررەر ئالغا سىلجىتىپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئىلگىرىلىشىگە داۋاملىق تۈرتكە بولۇپ، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك تۈزۈم كاپالىتىگە ئىگە قىلىدۇ.

 «يول خەرىتىسى» ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بەردى

پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4- ئومۇمىي يىغىنىدا ئايرىم - ئايرىم ھالدا پارتىيەنىڭ رەھبەرلىك تۈزۈمى سىستېمىسىدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، خەلقنىڭ ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش تۈزۈم سىستېمىسىدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش قاتارلىق 13 جەھەتتىن نۇرغۇن يېڭى تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرۇشى قىلىندى. كۆپچىلىك مۇنداق قارىدى: بۇ، پارتىيەمىزنىڭ ئىلغار ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىدىيەسى، يۈكسەك تۈزۈم ئىشەنچىنى تولۇق نامايان قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ دۆلەتنى ئىدارە قىلىشىغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشى كۆرسىتىپ بەردى، تۈپ مىزان بىلەن تەمىنلىدى.

ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى سىياسەت، قانۇن - نىزام تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى شۈ چيۇۋېي مۇنۇلارنى بىلدۈردى: پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش پارتىيەنىڭ رەھبەرلىك تۈزۈمىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى سىياسىي ئورگان بولۇش سۈپىتى بىلەن، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى بىر قاتار تۈزۈملەرنى قەتئىي ئىجرا قىلغۇچى، تېخىمۇ مۇھىمى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ قەتئىي قوغدىغۇچىسى، نازارەتچىسى. شۇڭا، نازارەت قىلىش، ئىنتىزام ئىجراسى، جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش ۋە نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى تېخىمۇ ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، پارتىيەنىڭ ھەر دەرىجىلىك تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئاڭلىق ھالدا تۈزۈمگە ھۆرمەت قىلىشى، تۈزۈمنى قاتتىق ئىجرا قىلىشى، تۈزۈمنى قەتئىي قوغدىشىنى نازارەت قىلىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ قۇدرەتلىك ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش كېرەك.

«پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4- ئومۇمىي يىغىنىدا خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. مەن بۇرچۇمنىڭ شەرەپلىك، مەسئۇلىيىتىمنىڭ مۇھىم، زورلىقىنى ھېس قىلدىم.» ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قانۇنچىلىق خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى لى جۈەن مۇنداق دېدى: خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى جۇڭگو خەلقىنىڭ ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇشىدىكى مۇھىم يولى ۋە ئەڭ يۈكسەك ئىشقا ئاشۇرۇلۇش شەكلى، شۇنداقلا جۇڭگونىڭ دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىغا تىرەك بولىدىغان تۈپ سىياسىي تۈزۈم. خەلق ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش خەلق قۇرۇلتىيى ئارقىلىق دۆلەت ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشتۇر. پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ تەلىپى بويىچە، ھەربىر پارتىيە ئەزاسى، بولۇپمۇ رەھبىرىي كادىر ھەقىقىي تۈردە تۈزۈم ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تۈزۈمنىڭ نوپۇزىنى باشلامچىلىق بىلەن قوغداپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن جەمئىيەتنى تۈزۈمگە ئاڭلىق ھۆرمەت قىلىش، تۈزۈمنى قاتتىق ئىجرا قىلىش، تۈزۈمنى قەتئىي قوغداشقا يېتەكلەپ، يۇقىرى سۈپەتلىك يەرلىك نىزام چىقىرىش ئارقىلىق پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم، زور تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇشى، ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى جاڭ رۇڭ مۇنداق بىلدۈردى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتى تۈزۈمى مېخانىزمىنى ئۈزلۈكسىز تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىگىلىك تىكلەش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى يولغا قويۇش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويدى ھەم ئۈنۈملۈك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتى ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ياخشى تەجرىبە، ياخشى ئۇسۇللارنى يەرلىك نىزامغا ئايلاندۇرۇپ قانۇن - تۈزۈملەشتۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى سىستېمىلاشتۇرۇپ، تۈزۈملەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولدى. «ئومۇمىي يىغىندا تېخىمۇ تولۇق، تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا پايدىلىق بولغان ئىلگىرى سۈرۈش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بۇ، بىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمىتىمىزگە يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى. بىز ئومۇمىي يىغىننىڭ روھى ئارقىلىق خىزمەت ئەمەلىيىتىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش مۇقىملىقىنى ئۆستۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ئەمگەك ئارقىلىق تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇش يارىتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشىمىز كېرەك».

 ئومۇمىي يىغىن روھىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا تۈرتكە بولىمىز

ئاساسىي قاتلام جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنىڭ ئاساسى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى، ئامما ئومۇمىي يىغىن روھىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا تۈرتكە بولۇپ، «جۇڭگونىڭ ئىدارە قىلىنىشى»نىڭ يېڭى مەنزىلىنى ئېچىش ئۈچۈن تۆھپە قوشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

چاقىلىق ناھىيەسى ئۇتام يېزىلىق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، يېزا باشلىقى قەيسەر قۇربان مۇنداق دېدى: «يېزا - بازار ئاممىغا بىۋاسىتە مۇلازىمەت قىلىدىغان ئالدىنقى سەپ بازىسى، كېيىنكى خىزمەتلەردە، بىز ئومۇمىي يىغىننىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى كەم - كوتسىز ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۆزىمىز ئۈلگە بولۇپ، تۈزۈمنى باشلامچىلىق بىلەن قاتتىق ئىجرا قىلىپ، پىرىنسىپتا چىڭ تۇرۇپ، كۈچەپ سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان يۇقىرى ساپالىق كادىرلار قوشۇنىنى قۇرۇپ چىقىمىز. خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش، يېزا - كەنت ئېكولوگىيە ساياھىتى، چىلانچىلىق كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنى كۈچەپ ياخشى ئىشلەپ، ئۇلنى پۇختىلاپ، ئەۋزەللىكلەرنى جارى قىلدۇرۇپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، ئاممىنىڭ رازى بولۇش دەرىجىسىنى ئۆستۈرىمىز».

بورتالا شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى 1- تەپتىش بۆلۈمىنىڭ تەپتىش ئەمەلدارى گۈلجامال نۇرتاس مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى چوقۇم ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇپ، «قانۇنچىللىق دۆلەتنى ئىدارە قىلىشنىڭ ئاساسىي شەكلى» دېگەننى پۇختا ئىگىلەپ، ۋەزىپىنى ياخشى ئادا قىلىش، مەسئۇلىيەتنى تولۇق، ياخشى ئادا قىلىش، قانۇننىڭ تۆۋەن چېكى، ئىنتىزامنىڭ قىزىل سىزىقىنى ساقلاش كېرەك. «بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلەردە مەن تەپتىشلىك فۇنكسىيەسىنى تولۇق ئادا قىلىپ، قانۇننىڭ يولغا قويۇلۇشىغا بولغان نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، كۆپ خىل شەكىللەرنى قوللىنىپ <قانۇنچىللىقنى مەكتەپلەرگە كىرگۈزۈش>نى دائىملاشتۇرۇش، تۈزۈملەشتۈرۈش، قېلىپلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىنى ھەقىقىي قوغداپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرىمەن».

ئومۇمىي يىغىندا خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى ئۈزلۈكسىز كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، خەلقنىڭ بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇش، ئورتاق بېيىش يولىدا مېڭىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەسى جاۋبىسەن يېزىسى پىڭدىڭسەن كەنتى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى جېڭ ۋېنجيې مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئاساسىي قاتلامنىڭ خىزمىتى ئىنتايىن مۇرەككەپ، قارىماققا «ئەرزىمەس ئىشلار»دەك كۆرۈنگەن كىچىك ئىشلار كۆپ ھاللاردا ئاممىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك چوڭ ئىشلاردۇر. «ئاساسىي قاتلام خىزمىتىنى ئىشلەشتە، چوقۇم ئاممىنى كۆڭۈلگە پۈكۈش كېرەك. مۇشۇنداق قىلغاندىلا، ئاندىن پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىنى ئەڭ ئاساسىي قاتلامغىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاممىنى بەخت - سائادەتتىن بەھرىلەندۈرگىلى، ئەمەلىي نەپكە ئېرىشتۈرگىلى بولىدۇ».

(شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى شى شىن، فەن خۇڭيى، لياڭ لىخۇا، يۈەن لېي، لى چۇنشيا، دۇ جيەنخۇي، سۇڭ ياۋېن يازغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ