شىنخۇا تورى خەۋىرى: شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئاۋات ناھىيەسى يېزا ئىگىلىكىنى ئاساس قىلىدىغان، دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىقنى قوشۇمچە ئۇنىۋېرسال تەرەققىي قىلدۇرىدىغان يېزا ئىگىلىك ئىقتىسادى ناھىيەسى، پاختا بۇ ناھىيەنىڭ نۇقتىلىق يېتىشتۈرگەن ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان كەسپى، شۇنداقلا ئەڭ ئەۋزەللىككە ئىگە بايلىقى ھېسابلىنىدۇ. ئاۋات ناھىيەسىنىڭ كېۋەز تېرىش تارىخى ئۇزۇن بولۇپ، بۇ ناھىيە مەملىكەت بويىچە ئەلا سۈپەتلىك پاختا بازىسى ناھىيەسى، شىنجاڭ رايونىدىكى ئەسلىي ئۇرۇق يېتىشتۈرۈش بازىسى ۋە پاختا ئەلا سۈپەتلىك، يۇقىرى ھوسۇللۇق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى بولۇپ، «جۇڭگو پاختا شەھىرى»، «جۇڭگو ئۇزۇن تالالىق پاختا ماكانى» دەپ ئاتالغان.
ئاۋات ناھىيەسىدىن چىقىدىغان پاختىنىڭ سۈپىتى ياخشى، تالاسى ئۇزۇن بولۇپلا قالماستىن، يەنە تالاسىنىڭ چىدامچانلىقى يۇقىرى، رەڭگى، ئېلاستىكىلىقى ياخشى بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە. 2019-يىلى ناھىيە بويىچە كېۋەز تېرىلغۇ كۆلىمى 1 مىليون 470 مىڭ موغا يەتكەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇزۇن تالالىق كېۋەز 620 مىڭ مودىن ئاشقان. پۈتۈن ناھىيەدە ھازىر پاختا تازىلاش كارخانىسىدىن 24ى، پاختا توقۇمىچىلىق كارخانىسىدىن 3ى بولۇپ، پاختا توقۇمىچىلىق ئومۇمىي كۆلىمى 378 مىڭ ئۇرچۇققا يەتتى. (سادات فوتوسى)