تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   سەلتەنەتلىك 70 يىل ، كۈرەشچان يېڭى دەۋر

«ئەگىشىپ يۈگۈرۈش»تىن «يېتەكلەپ يۈگۈرۈش»كىچە بولغان ھالقىش

− شىنجاڭ نېفىتلىكىنىڭ قويۇق نېفىت قېزىش - پىششىقلاش تېخنىكىسىدا ئۆتكەلگە سىجىل ھۇجۇم قىلغانلىقى توغرىسىدا خاتىرە

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ۋاڭ يۇڭفېي، ما يىنىڭ

10- ئاي كىرىشى بىلەن، جۇڭگو نېفىتى قاراماي نېفىت - خىمىيە سانائىتى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ سىلىقلاش مېيىغا يۇقىرى بېسىمدا ھىدروگېن قوشۇش 3- يۈرۈش قۇرۇلمىسى جىددىي سىناق قىلىنىۋاتاتتى. بۇ قۇرۇلما ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، بۇ شىركەتنىڭ ئالىي دەرىجىلىك سىلىقلاش مېيىنى يىللىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى بىر مىليون توننىغا يېتىدۇ، قارامايدىكى بىر نەچچە ئەۋلاد نېفىت - خىمىيە سانائىتى كىشىلىرى بوشاشماي ئىنتىلىپ كەلگەن نىشان − دۇنياۋى سىكلوئالكىل مەھسۇلات بازىسى قۇرۇپ چىقىش ناھايىتى تېز ئىشقا ئاشقۇسى.

قاراماي نېفىت - خىمىيە سانائىتى كىشىلىرىنىڭ ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنىڭ ئاساسى شىنجاڭ قويۇق نېفىتىنىڭ قېزىلىشىدا. چەت ئەللەردىكى نوپۇزلۇق شىركەتلەر تەرىپىدىن ئېچىش چەكلەنگەن رايون دەپ ئۈچ قېتىم جاكارلىنىشتىن بۈگۈنكى كۈندىكى ئەلا سۈپەتلىك سىكلوئالكىل قويۇق نېفىتىنىڭ ئومۇمىي مەھسۇلات مىقدارىنىڭ 100 مىليون توننىلىق ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتكەنلىكىگىچە؛ دەسلەپتە چەت ئەللەردىن قېزىش تېخنىكىسىنى ئىگىلىمەكچى بولۇپ ئىگىلىيەلمەسلىكتىن بۈگۈنكى كۈندە قويۇق نېفىت قېزىشنىڭ كۆپ تۈرلۈك تېخنىكىسىدا خەلقئارا ئىلغار سەۋىيەگە يەتكەنلىكىگىچە، جۇڭگو نېفىتى شىنجاڭ نېفىتلىك شىركىتىنىڭ قويۇق نېفىت قېزىش تېخنىكىسىدا ئۈزلۈكسىز بۆسۈش ھاسىل قىلىشتا، تايانغىنى ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش، گۇۋاھ بولغىنى يېڭى جۇڭگو نېفىت سانائىتىنىڭ قەد كۆتۈرۈشىدۇر!

 دۇنيا دەرىجىلىك قىيىن مەسىلە چەت ئەللىك مۇتەخەسسىسلەرنى چېكىنىشكە مەجبۇر قىلدى

بىر تەرەپتىكىسى ئىنتايىن قىممەتلىك قويۇق نېفىت بايلىقى، بىر تەرەپتىكىسى قويۇق نېفىت قېزىش تېخنىكىسىدىن ئىبارەت دۇنيا دەرىجىلىك قىيىن مەسىلە ئىدى. ئەينى يىلى شىنجاڭ نېفىتلىك شىركىتىنىڭ تېخنىكا مۇتەخەسسىسى سۈن شىنگېنىڭ كەيپىياتىنى پەقەت «نېفىتقا قاراپ خۇرسىنىش» دېگەن سۆز بىلەن سۈپەتلەشكە بولاتتى.

قويۇق نېفىتنىڭ قىممەتلىكلىكى ھەققىدە توختالغاندا، سۈن شىنگې مۇنداق چۈشەنچە بەردى: قويۇق نېفىت بىلەن زىچ نېفىت، كۆمۈر قاتلىمى گازى، سلانېتس گازى، تەبىئىي گاز گىدراتى قوشۇلۇپ بەش چوڭ ئادەتتىن تاشقىرى نېفىت - گاز بايلىقى دەپ ئاتىلىدۇ، بۇ ھەممە ئېتىراپ قىلغان 21- ئەسىردىكى ئەڭ ئىستىقباللىق ۋە ئەڭ رېئال ئورۇنباسار بايلىق ھېسابلىنىدۇ.

دۆلەت ئىچىدىكى قويۇق نېفىت ئاساسلىقى شەرقىي قىسىمدىكى بوخەي دېڭىزى قولتۇقى ئويمانلىقى ۋە غەربىي قىسىمدىكى جۇڭغار ئويمانلىقىغا تارقالغان. قويۇق نېفىتنىڭ خىمىيەلىك تەركىبىنىڭ ئوخشاشماسلىقىغا ئاساسەن، قويۇق نېفىتنى پاراففىن ئاساسلىق قويۇق نېفىت، ئارىلىق ئاساسلىق قويۇق نېفىت ۋە سىكلوئالكىل قويۇق نېفىتى دەپ ئايرىشقا بولىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، سىكلوئالكىل قويۇق نېفىتى يۇقىرى دەرىجىلىك تىرانسفورموتور مېيى، راكېتا ئىتتىرگۈچىسى، قاتتىق سوغۇققا چىداملىق ئاپتول، ئالاھىدە دەرىجىلىك ئاسفالت قاتارلىقلارنى چەككىلەيدىغان كەم ئۇچرايدىغان خام ماتېرىيال بولۇپ، نېفىت ئىچىدىكى «سىرەك يەر» دەپ تەرىپلىنىدۇ.

سىكلوئالكىل تەركىبى %50تىن يۇقىرى بولسا، ئەلا سۈپەتلىك سىكلوئالكىل قويۇق نېفىتى ھېسابلىنىدۇ، شىنجاڭ قويۇق نېفىتىنىڭ سىكلوئالكىل تەركىبى %69.7كە يېتىدىغان بولۇپ، نېفىت «سىرەك يېرى» ئىچىدىكى ئەڭ ئېسىل مەھسۇلات ھېسابلىنىدۇ، دۇنيادىكى قويۇق نېفىتنىڭ ئېنىقلانغان زاپىسى ئىچىدە بۇ تۈردىكى بايلىقتىن پەقەت %0.15لا بار بولۇپ، شىنجاڭ نېفىتلىكىدىكى ئەلا سۈپەتلىك سىكلوئالكىل قويۇق نېفىتى بايلىق مىقدارى 1 مىليارد توننىغا يېتىدۇ، ئاساسلىقى جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ غەربىي شىمالىي چېتىگە تارقالغان.

ھالبۇكى سىكلوئالكىل قويۇق نېفىتى ياخشى بولسىمۇ، لېكىن ئۇ بىر خىل يۇقىرى كىسلاتالىق، يۇقىرى كالتسىيلىق، يۇقىرى يېپىشقاقلىق نېفىت، ئۇنى قېزىش قىيىن، توشۇش قىيىن، چەككىلەش قىيىن بولغاچقا، زور كۆپ ساندىكى سىكلوئالكىل قويۇق نېفىتى ياكى «چاڭ - توپا بېسىپ» يەر ئاستىدا كۆمۈلۈپ ياتقان، ياكى «يۈزەكىلا تەتقىق قىلىنىپ بولدى قىلىنغان» بولۇپ، ياخشى ئېچىش ئۈنۈمىگە ناھايىتى ئاز ئېرىشىلگەن.

قويۇق نېفىت قېزىشتىكى بىرىنچى قىيىن مەسىلە ئۇنىڭ يېپىشقاقلىقىنىڭ يۇقىرى بولغانلىقىدا، يېلىم تەركىبى يۇقىرى بولغانلىقتىن، ئۇ نېفىت ئۇۋىسى شارائىتىدا لايغا ئوخشاش، ھەتتا سېغىز لايغا ئوخشاش قاتتىق ھالەتتە ياكى يېرىم قاتتىق ھالەتتە يەر ئاستىدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان بولۇپ، قېزىشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى ئىنتايىن زور.

يېپىشقاقلىقى بويىچە ئايرىغاندا، قويۇق نېفىتنى ئادەتتىكى قويۇق نېفىت، ئالاھىدە قويۇق نېفىت ۋە ئادەتتىن تاشقىرى قويۇق نېفىت دەپ ئايرىشقا بولىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە، ئادەتتىن تاشقىرى قويۇق نېفىتنى قېزىشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى ئەڭ زور، شىنجاڭ قويۇق نېفىتى ئادەتتىن تاشقىرى قويۇق نېفىتنى ئاساس قىلغان. گەرچە 20- ئەسىرنىڭ 90- يىللىرىدىن ئىلگىرى، خەلقئارادا ئوچۇقچىلىقتا قېزىش، يېپىشقاقلىقنى تۆۋەنلىتىش دورىسى قوشۇش، پار كىرگۈزۈش - چىقىرىش، پار ياردەمچى ئېغىرلىق كۈچى ئارقىلىق ماي ئاققۇزۇش قاتارلىق قويۇق نېفىت قېزىشنىڭ ئون خىلدىن ئارتۇق تېخنىكىسى شەكىللەنگەن بولسىمۇ، لېكىن ھەممىسى شىنجاڭ قويۇق نېفىتىنى قېزىشنىڭ گېئولوگىيەلىك شارائىتىغا تولۇق ماس كەلمىگەن.

شىنجاڭ قويۇق نېفىتىنى قېزىشنىڭ قىيىنلىقى توغرىسىدا توختالغاندا، سۈن شىنگې ئەسلەپ مۇنداق دېدى: «1990- يىلى، بىز فېڭچېڭ نېفىتلىكىدە ئادەتتىن تاشقىرى قويۇق نېفىتنى سىناق تەرىقىسىدە قازدۇق، سىناق تەرىقىسىدە قېزىپ چىقىلغان قويۇق نېفىت 30 - 20 سېلسىيە گىرادۇسقىچە سوۋۇغاندا، قېتىشىپ قاتتىق جىسىمغا ئايلىنىپ قالىدىغان بولۇپ، ئادەم دەسسىسىمۇ قاتتىق تۇيۇلىدۇ. مەن ئەينى چاغدا، بۇنداق قويۇق نېفىتنى قانداقمۇ قازغىلى بولسۇن؟ ھەقىقەتەن كىشىنىڭ بېشىنى قاتۇرىدىكەن! دەپ ئويلىغانىدىم».

1958- يىلى شىنجاڭ نېفىتلىكىدە قويۇق نېفىت بايقالغاندىن تارتىپ، 2006- يىلى شىنجاڭ نېفىتلىك شىركىتى ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىشقا تايىنىپ تۇنجى تۈركۈمدىكى ئادەتتىن تاشقىرى قويۇق نېفىتنى قېزىشقىچە بولغان بۇ مەزگىلدە، شىنجاڭ نېفىتلىك شىركىتىنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى قويۇق نېفىت قېزىش رايونى چەت ئەللەردىكى نوپۇزلۇق نېفىت ئېچىش شىركەتلىرى تەرىپىدىن ئېچىش چەكلەنگەن رايون دەپ ئۈچ قېتىم ھۆكۈم قىلىنغانىدى. «بەزى چەت ئەللىك مۇتەخەسسىسلەر نەق مەيدانغا كېلىپ تەكشۈرگەندىن كېيىن، قېزىش قىممىتى يوق دەپ قاراپ، بىز بىلەن ھەمكارلىشىشتىن بىۋاسىتە ۋاز كەچكەنىدى»، دېدى سۈن شىنگې.

 كۆپ يىل ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىنىپ، بۆسۈش خاراكتېرلىك نەتىجە قولغا كەلتۈرۈلدى

خىرىس ئالدىدا، شىنجاڭ نېفىتلىك شىركىتى بوشىشىپ قالمىدى. بولۇپمۇ 1996- يىلىدىن بۇيان، شىنجاڭ نېفىتلىك شىركىتى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىغا تايىنىپ، 1600 نەچچە كىشى قاتناشقان تەتقىق قىلىش، سىناق قىلىش، كېڭەيتىش بىر گەۋدىلەشكەن پەن تەتقىقات كوللېكتىپى تەشكىللەپ، بىر تەرەپتىن تەجرىبە قىلىپ، بىر تەرەپتىن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، بىر تەرەپتىن قۇرۇلۇش قىلىپ، ئىشلەپچىقىرىپ، بىر تەرەپتىن ئۆستۈرۈپ، كۆپ يىل ئۆتكەلگە سىجىل ھۇجۇم قىلىپ، يېڭى بىر ئەۋلاد تېيىز قاتلام قويۇق نېفىتى، ئادەتتىن تاشقىرى قويۇق نېفىت ئېچىش تېخنىكىسىنى ئىگىلەپ، قويۇق نېفىت قېزىش تېخنىكىسى چەت ئەللەر تەرىپىدىن مونوپول قىلىنىش قىيىن ئەھۋالىنى بۇزۇپ تاشلىدى.

سۈن شىنگې مۇنداق تونۇشتۇردى: شىنجاڭ نېفىتلىك شىركىتى قويۇق نېفىت ئېچىش تېخنىكىسى بويىچە جەمئىي 75 كەشپىيات پاتېنتى، 165 ئەمەلىي قوللىنىلىدىغان يېڭى تىپتىكى پاتېنت، 11 تۈردە يۇمشاق ماتېرىيال ئەسەر ھوقۇقى، 23 تۈردە تېخنىكا مەخپىيىتىگە ئېرىشتى، 20 تۈرلۈك ساھە ئۆلچىمى تۈزدى، تۈزىتىش كىرگۈزدى، ئۈچ قېتىم شەرەپ بىلەن «جۇڭگو نېفىت پەن - تېخنىكىسى بويىچە ئون چوڭ ئىلگىرىلەش» شەرىپىگە ئېرىشتى.

«يىغىنچاقلاپ ئېيتقاندا، شىنجاڭ قويۇق نېفىت قېزىش تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىنى <1+3> بىلەن ئىپادىلەشكە بولىدۇ. ئادەتتىن تاشقىرى قويۇق نېفىت قېزىش، ئالاھىدە قويۇق نېفىت قېزىش نىسبىتى تۆۋەن بولۇش ۋە قالدۇق قېزىلما قېزىشتىن ئىبارەت ئۈچ خىل ئەھۋالغا قارىتا، شىنجاڭ قويۇق نېفىت ئېچىشتا ئاساسلىقى ئۈچ تۈرلۈك قېزىش تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىشنى ئىشقا ئاشۇردى؛ نېفىت - گاز قېزىشتىن چىققان سۇيۇقلۇقنى بىر تەرەپ قىلىشقا قارىتا، يەنە بىر تۈرلۈك مۇھىت ئاسراش تېخنىكىسىدا بۆسۈش ھاسىل قىلدى. كۆپ تۈرلۈك تېخنىكا قويۇق نېفىت قېزىشتىكى دۇنياۋى قىيىن مەسىلىلەردە بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، خەلقئارا ئىلغار سەۋىيەگە يەتتى»، دېدى جۇڭگو نېفىتى چارلاش - ئېچىش تەتقىقات يۇرتىنىڭ مۇتەخەسسىسى ما دېشېڭ.

ئۆتكەلگە سىجىل ھۇجۇم قىلىش ئارقىلىق، نۆۋەتتە، شىنجاڭ نېفىتلىك شىركىتى قويۇق نېفىتنى سانائەتلەشتۈرۈپ ئېلىش نىسبىتىنى %60تىن يۇقىرىراق ئۆستۈرۈپ، ئەنئەنىۋى تېخنىكىغا سېلىشتۇرغاندا 30 پىرسەنت پوئېنتتىن كۆپرەك ئۆستۈردى.

«بىزنىڭ قويۇق نېفىت قېزىش تېخنىكىمىز گەرچە چەت ئەل تېخنىكىسى ئاساسىدا باشلانغان بولسىمۇ، ئەمما شۇنچە كۆپ يىل ئۆز ئالدىمىزغا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق، <ئەگىشىپ يۈگۈرۈش>تىن <تەڭ يۈگۈرۈش>كىچە، ئاندىن <يېتەكلەپ يۈگۈرۈش>كىچە بولغان ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇردۇق.» دېدى سۈن شىنگې ئىپتىخارلىق بىلەن.

 مەھسۇلاتلار پىششىقلاپ ئىشلىنىپ دۆلەتكە شان - شەرەپ كەلتۈرۈلدى

ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىشقا تايىنىپ، شىنجاڭنىڭ قويۇق نېفىتىنى «قېزىپ ئالغىلى» بولۇپلا قالماي، يەنە ئۇنىڭدىن «ياخشى پايدىلانغىلى بولىدۇ». «قېزىشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى زور بولسىمۇ، لېكىن شىنجاڭ نېفىتلىكىنىڭ قويۇق نېفىت قېزىشىدا پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ، ئەگەر ئىنچىكە پىششىقلاش ھالقىسىدىكى پايدىنى قوشقاندا، پايدا تېخىمۇ كۆرۈنەرلىك بولىدۇ» دېدى ما دېشېڭ.

قاراماي نېفىت - خىمىيە سانائىتى 20- ئەسىرنىڭ 80- يىللىرىدىن باشلاپ قويۇق نېفىتنى سىناق تەرىقىسىدە چەككىلىدى، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا تايىنىپ قويۇق نېفىت پىششىقلاش يۈرۈشلۈك تېخنىكىسىنى شەكىللەندۈردى ھەم يۈرۈشلۈك ئۆزگىچە مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىپ، قويۇق نېفىتنى ئىنچىكە پىششىقلاشتىن ئىبارەت بۇ خەلقئارا خاراكتېرلىك قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلدى. قاراماي نېفىت - خىمىيە سانائىتى باشلامچى بولۇپ يوللىغان «سىكلوئالكىل قويۇق نېفىتى ئىشلەپچىقىرىشتىكى ئالىي مەھسۇلات تېخنىكىسىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش ۋە سانائەتلەشتۈرۈپ ئەمەلىي قوللىنىش» تۈرىمۇ شۇ سەۋەبلىك دۆلەت پەن - تېخنىكا تەرەققىياتى بويىچە 1- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى.

«يۈرۈشلۈك تېخنىكا سانائەتتە قوللىنىلغاندىن كېيىن، يۇقىرى قوشۇلما قىممەتتىكى ئۆزگىچە مەھسۇلاتلارنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش ۋە رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلىدى» دېدى قاراماي نېفىت - خىمىيە سانائىتى پەن - تېخنىكا باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى لى رۇڭ.

قاراماي نېفىت - خىمىيە سانائىتى سىكلوئالكىل نېفىتىنى خام ماتېرىيال قىلىپ ئىشلەپچىقارغان تىرانسفورموتور مېيى، توڭلىتىش ئاپتولى، كاۋچۇك تولدۇرما مېيى قاتارلىق مەھسۇلاتلار دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى بازارلاردا قارشى ئېلىشقا ئېرىشتى، كۆپ تۈردىكى مەھسۇلات دۆلەت ئىچىدىكى بوشلۇقنى تولدۇردى. «سىكلوئالكىل مېيىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىشتا دۆلەت ئىچىدە ئالدىنقى ئورۇنغا ئۆتۈپ، خەلقئارا ئىلغار سەۋىيەگە يەتتۇق» دېدى قاراماي نېفىت - خىمىيە سانائىتى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش ئىنژېنېرى جېن شىنپىڭ.

قاراماي نېفىت - خىمىيە سانائىتى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى نېفىت چەككىلەش خىمىيە سانائىتى تەتقىقات يۇرتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى كې يوۋشېڭ پەن تەتقىقات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان 24 يىلدا قويۇق نېفىتنى ئىنچىكە پىششىقلاش تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىگە گۇۋاھ بولدى. ئۇ مۇخبىرلارغا مۇنداق دېدى: «ھەر بىر قېتىملىق پەن - تېخنىكىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ ئارقىسىدىكىسى چەت ئەللەرنىڭ تېخنىكىنى قامال قىلىشى ياكى خەلقئارا سودا توسۇقىغا دۇچ كېلىش بولۇپ، دەل مۇشۇ قارشىلىق كۈچلەر بىزنىڭ توختىماي ئالغا ئىلگىرىلەش روھىمىز ۋە ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش جاسارىتىمىزنى ئۇرغۇتۇپ، بىزنىڭ كەينى - كەينىدىن مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىشىمىزگە تۈرتكە بولدى».

بۈگۈنكى كۈندە، قاراماي نېفىت - خىمىيە سانائىتى قويۇق نېفىت پىششىقلاشتا زور دەرىجىدە ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇردى، 2018- يىلى قويۇق نېفىت يىللىق پىششىقلاش ئىقتىدارى 3 مىليون توننىدىن ئاشتى.

جۇڭگولۇقلارنىڭ قويۇق نېفىت قېزىش ساھەسىدە ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ ئېچىشى ۋە يېڭىلىق يارىتىشى شىنجاڭ نېفىتلىكى قويۇق نېفىت مەھسۇلات مىقدارىنىڭ قاتلىنىشىغا تىرەك بولۇپلا قالماي، يەنە پۈتۈن يەر شارىدىكى ئوخشاش كەسىپتىكىلەرنى ئۆرنەك قىلىشقا بولىدىغان، كېڭەيتىشكە بولىدىغان جۇڭگو تەجرىبىسى ۋە جۇڭگو تېخنىكىسى بىلەن تەمىنلىدى، ئالاقىدار تېخنىكىلار قازاقىستان، كانادا، ۋېنېزۇئېلا، سۇدان قاتارلىق دۆلەتلەردە مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا قوللىنىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ