10-ئاينىڭ 28-كۈنى، شىنجاڭنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى تارىم دەرياسى بويىدىكى لوپنۇر ناھىيەسى قارچۇغا توغراقلىقىدا ساياھەتچىلەر مەنزىرە تاماشاسى قىلماقتا.
تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ياڭ خۇۋۋېي خەۋىرى، فوتوسى): قىرو چۈشۈش مەزگىلىدە، شىنجاڭنىڭ جەنۇبىدىكى ھەممە مەۋجۇداتلار ئالتۇن رەڭگە كىرىپ، مىليون مو يەردىكى ياۋا توغراقلىق رەڭگارەڭ تۈسكە كىردى، رەڭگارەڭ گۈزەل توغراقلىق، يۇلغۇن، ئوت - چۆپلەر ئالتۇن رەڭلىك چۆچەكلەر دۇنياسىنى ھاسىل قىلىپ، دەريا-ئېقىن، كۆل، بىپايان قۇملۇق، دالا يۇغۇرۇلۇپ بىر گەۋدە قىلىنغان ھەيۋەتلىك مەنزىرىنى شەكىللەندۈردى.
ئالتۇن كۈز 10-ئايدىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى مىليون مو ياۋا توغراقلىقتا ئالتۇن رەڭلىك گۈزەل مەنزىرە شەكىللىنىپ، ساياھەت قىزىق نۇقتىسىغا ئايلاندى، شىنجاڭنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى بۈگۈر، شايار، لوپنۇر، كورلا شەھىرى قاتارلىق ناھىيە، شەھەرلەر ئارقا-ئارقىدىن توغراقلىق تېمىسىدا توغراق بايرىمى ئۆتكۈزۈپ، «توغراقلىقنى تاماشا قىلىش. گۈزەل مەنزىرىنى سۈرەتكە تارتىش» ساياھەت دولقۇنى كۆتۈرۈلدى، بۇ، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى نەچچە ئون مىڭ ساياھەتچىنى بۇ يەرگە كېلىشكە جەلپ قىلدى.