− روشەنگۈل توختىنىڭ «ئاددىي» ھاياتى
شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى فۇ شياڭلۇڭ
يېقىندا ئۈرۈمچى ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەقىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى) ئوتتۇرا ئاسىيا جەنۇبىي يولى تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى گۇاڭجوۋ كوچىسى مەھەللىسى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ سابىق شۇجىسى روشەنگۈل توختى «مەملىكەتلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى نەمۇنىچى شەخس» دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشتى.
55 ياشلىق روشەنگۈل مۇنداق دېدى: «بۇ شان - شەرەپ بەك چوڭ بولۇپ كەتتى، مەن ئاددىي ئىش ئورنۇمدا 17 يىل خىزمەت قىلدىم، جاھاننى زىلزىلىگە سالىدىغان ھېچقانداق ئىش ئىزلىرىم يوق».
ئەمما ئاھالىلەرنىڭ كۆڭلىدە، روشەنگۈل مۇشۇنداق شان - شەرەپكە لايىق.
2017- يىلى يازدا، تەۋەلىك رايونىدىكى 84 ياشلىق بىر موماي روشەنگۈلگە تېلېفون قىلىپ، ئۇنىڭدىن ئۆيىگە كېلىپ ئوغلىنىڭ ئاخىرەتلىك ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشىپ بېرىشىنى ئۆتۈندى. روشەنگۈل شۇ ھامان بېرىپ پۈتۈن كۈچى بىلەن بارلىق ئىشلارنى قىلىشىپ بەردى، موماي بۇنىڭدىن تەسىرلەندى. ئوغلى ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن ئۇ يالغۇز قالدى، بىر قېتىم ئۇ يەنە روشەنگۈلنى ئالايىتەن ئىزدەپ كېلىپ: «ناۋادا ئالەمدىن ئۆتسەم ئاخىرەتلىك ئىشلىرىمنى سىزگە تاپشۇردۇم» دېدى. روشەنگۈل كۆزىگە ئىسسىق ياش ئېلىپ مومايغا: «خاتىرجەم بولۇڭ ھامما!»، دېدى.
روشەنگۈل مۇنداق دېدى: «پارتىيە ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، پارتىيە ماڭا تاپشۇرغان بۇ بازىنى ياخشى ساقلاپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ئۆز قېرىندىشىمدەك كۆرۈپ، كۆپچىلىكنى مەھەللە چوڭ ئائىلىمىزنىڭ گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىشقا يېتەكلەيمەن».
پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى بولغان مەزگىلدە، روشەنگۈل مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئىدىيەسىنى باشلامچىلىق بىلەن تەشۋىق قىلدى، مەھەللىنىڭ بۇلۇڭ - پۇچقاقلىرىغىچە بېرىپ، چوڭ - كىچىك بولۇپ 100 مەيداندىن ئارتۇق لېكسىيە سۆزلىدى، 10 مىڭغا يېقىن ئادەم قېتىم لېكسىيەگە قاتناشتى. ئۇ يەنە مەھەللىدە مەخسۇس مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى مەدەنىيەت تېمى بەرپا قىلدى. 2015- يىلى روشەنگۈل ئاپتونوم رايون بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى نەمۇنىچى شەخس بولۇپ باھالاندى.
بۇلتۇر 9- ئايدا روشەنگۈلنىڭ بىر «قىزى» بار بولدى، بۇ قىز ئۇنىڭ قوشماقلاشقان تۇغقىنى ليۇ يەننىڭ بالىسى ئىدى. ليۇ يەن يالغۇز ئانا بولۇپ، بۇلتۇر 7- ئايدا كېسەل سەۋەبىدىن ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئەمدىلا سەككىز ياشقا كىرگەن قىزىغا ياشىنىپ قالغان مومىسى قاراۋاتاتتى.
ليۇ يەن ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، بىر كۈنى روشەنگۈل بالىنى يوقلىغىلى موماينىڭ ئۆيىگە باردى. ئۇ بالىنى قۇچاقلاپ ئىچ ئاغرىتقان ھالدا كۆز يېشى قىلدى. «بىز بالىنىڭ ھالىدىن بىرلىكتە خەۋەر ئالايلى، مەن ئۇنى ئۆز قىزىمدەك كۆرىمەن» دېدى روشەنگۈل مومايغا. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، ئۇ «قىزى»نىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالدى. «قىزى»نىڭ ئاتا - ئانىلار يىغىنىغا بارىدىغان، «قىزى»نىڭ ئۆگىنىشىگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان، «قىزى»نىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدىغان بولدى.
كۆپ يىللاردىن بۇيان، روشەنگۈل ئىزچىل ھەر ئايلىق مائاشىدىن ئاز دېگەندە 500 يۈەن چىقىرىپ قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەرگە ياردەم بەردى، بۇلتۇر بىر يىلدىلا ئۇنىڭ قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەرگە ياردەم بەرگەن پۇلى 10 مىڭ يۈەندىن ئېشىپ كەتتى.
«ھەرقايسى مىللەتلەرنى زىچ ئىتتىپاقلاشتۇرۇشتا، ئاممىنىڭ ئىشىنى جەزمەن قەلب تۆرىمىزگە قويۇپ، ئامما كۆڭۈل بۆلىدىغان كىچىك ئىشلارنى، ئۇلارنىڭ غەم قىلىدىغان ئىشلىرىنى، باش قاتۇرىدىغان ئىشلىرىنى ئەستايىدىللىق بىلەن ياخشى، ئەمەلىي ھەل قىلىشىمىز كېرەك» دېدى روشەنگۈل.