تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن. قەھرىمانلار، قۇربانلار شەجەرىسى

«جۇڭگونىڭ پاۋىل كورچاگىنى» − ۋۇ يۈندو

ۋۇ يۈندونىڭ سۈرىتى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان)

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ۋۇخەن، 10- ئاينىڭ 13- كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر لى جىنفېڭ) ۋۇخەن شەھىرى سەيديەن رايونىدىكى دالا ئۇرۇشى دۆلەت مۇداپىئە باغچىسىغا جايلاشقان ۋۇ يۈندو خاتىرە سارىيىدا كادىرلار، ئامما، ياش ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئايىغى ئۈزەلمەيتتى، ئۇلار «جۇڭگونىڭ پاۋىل كورچاگىنى» دەپ تەرىپلەنگەن ۋۇ يۈندوغا ئېھتىرام بىلدۈرگىلى كەلگەنىدى.

ۋۇ يۈندو، ئەسلىي يۇرتى خۇبېي ۋۇخەن، 1917- يىلى جياڭشى پىڭشياڭدا تۇغۇلغان، ياش ۋاقتىدا ئەنيۈەن كۆمۈر كېنىدا ئىشچى بولغان. 1938- يىلى يېڭى 4- ئارمىيەگە قاتناشقان، 1939- يىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن. ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش ۋە ئازادلىق ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئىلگىرى - كېيىن يېڭى 4- ئارمىيە سىلىڭبۇسى قورال رېمونت قىلىش ئورنىنىڭ سېخ مۇدىرى، خۇەينەن ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇش بازىسىدىكى ئوق زاۋۇتىنىڭ زاۋۇت باشلىقى، ھەربىي سانائەت بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى، خۇاجۇڭ ھەربىي سانائەت باشقارمىسى زەمبىرەك ئوقى زاۋۇتىنىڭ زاۋۇت باشلىقى، داليەن بىرلەشمە قورال - ياراغ كارخانىسى پىستان زاۋۇتىنىڭ زاۋۇت باشلىقى، جۇجوۋ قورال - ياراغ زاۋۇتىنىڭ زاۋۇت باشلىقى بولغان.

1941- يىلى جەنۇبىي ئەنخۇي ۋەقەسىدىن كېيىن، ئۇ بۇيرۇققا بىنائەن خۇەينەن ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇش بازىسىغا يۆتكەلگەن. دۈشمەننىڭ قامال قىلىشى ئېغىر بولغان، ھەربىي سانائەت ئىشلەپچىقىرىشى قاتمۇقات قىيىنچىلىقتا قالغان ئەھۋالدا، ئۇ بار بولغان ئىمكانىيەتلەردىن پايدىلىنىپ، ھەرخىل ئاماللار بىلەن ئىشچى - خىزمەتچىلەرنى يېتەكلەپ يەرلىك خام ئەشيا، ئۆزلىرى ياسىۋالغان يەرلىك ئۈسكۈنىلەردىن پايدىلىنىپ، ئالدىنقى سەپتىكى قىسىملار جىددىي ئېھتىياجلىق بولۇۋاتقان مىلتىق - زەمبىرەك، ئوق - دورىلارنى ياسىغان. ياپون قوشۇنى بىلەن قورچاق قوشۇن بازىغا ھۇجۇم قىلغاندا، ئۇ كۆپچىلىكنى باشلاپ ماشىنا - ئۈسكۈنىلەرنى كۆتۈرۈپ يۈرۈپ پارتىزانلىق ئۇرۇشى قىلىپ، پۇرسەت بولسىلا ئىشلەپچىقىرىشنى قەتئىي داۋاملاشتۇرغان. بىر قېتىم ئالدىنقى سەپ جىددىي ئېھتىياجلىق بولغان زەمبىرەك ئوقىنى رېمونت قىلىۋاتقاندا، پىستان پارتلاپ كېتىپ، ئۇنىڭ سول قولىنىڭ تۆت بارمىقى ئۈزۈلۈپ كەتكەن، سول تىزى ئېغىر يارىلانغان، سول كۆزىنىڭ كىرىستال تەنچىسى يېرىلىپ كېتىپ كۆرمەس بولۇپ قالغىلى تاس قالغان. ئۇ ئىشچىلارنى يېتەكلەپ قورال - جابدۇقلارنى ياخشىلاشنى تەتقىق قىلىپ، ئېتىلىش مۇساپىسى 540 مېتىردىن ئاشىدىغان گىراناتا ۋە پوتەيگە ھۇجۇم قىلىدىغان تۈز ئاتار توپ ھەم قەرەللىك مىنا، دەسسىسە پارتلايدىغان مىنا قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلىشقا رىياسەتچىلىك قىلىپ مۇۋەپپەقىيەتلىك ياساپ چىقىپ، قىسىمنىڭ جەڭگىۋارلىقىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشقان.

1947- يىلى، ۋۇ يۈندو بۇيرۇققا بىنائەن داليەنگە بېرىپ پىستان زاۋۇتىنى قۇرغان ھەم زاۋۇت باشلىقى بولغان. بىر قېتىم ئوق - دورىنىڭ پارتلاش كۈچىنى سىناق قىلىۋاتقاندا كۈتۈلمىگەن ھادىسە يۈز بېرىپ، پارتلاشتا پۈتۈن بەدىنى يارىلانغان. داۋالىنىش مەزگىلدە، ئۇ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ رومانى «پولات قانداق تاۋلاندى»نى ئوقۇپ، ئۇنىڭدىن ئىلھام ۋە رىغبەت ئالغان. يارىسى ساقايغاندىن كېيىن تېخىمۇ ياخشى خىزمەت قىلىش ئۈچۈن، ئۇ تىرىشىپ ياپون تىلى ئۆگەنگەن. ئۇ يەرگە چۈشەلىگۈدەك بولغاندا، رەھبەرلەردىن يوليورۇق سوراپ خىمىيەلىك دورا ۋە ئۈسكۈنە سېتىۋېلىپ، كېسەلخانىنى تەجرىبىخانىغا ئۆزگەرتىپ، بىر خىل يۇقىرى ئۈنۈملۈك پارتلاتقۇچ دورىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان.

ئۇرۇش يىللىرىدا، ئۇ باشتىن - ئاخىر قەيسەر ئىرادىسى بىلەن مېيىپلىك ئۈستىدىن غالىب كېلىپ، ئىشلەپچىقىرىش، پەن تەتقىقاتنىڭ بىرىنچى سېپىدە كۈرەش قىلىشتا چىڭ تۇرغان. ئۇ مۇنداق دېگەن: «مەن بىر كۈن ھاياتلا بولىدىكەنمەن، چوقۇم پارتىيە ئۈچۈن، خەلق ئۈچۈن بىر كۈن خىزمەت قىلىمەن>>.

يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، پارتىيە تەشكىلى ئۇنى سوۋېت ئىتتىپاقىغا داۋالىنىشقا ئەۋەتكەن. كۆڭۈل قويۇپ داۋالاش ئارقىلىق، ئۇنىڭ سول كۆزى قايتىدىن يورۇقلۇققا ئېرىشكەن. ئۆزىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش، ئۇرۇش قىلىش كەچۈرمىشىگە ئاساسەن، ۋۇ يۈندو «بارلىقىمنى پارتىيەگە بېغىشلايمەن» دېگەن تەرجىمىھالىنى يېزىپ چىققان، كېيىن بۇ ئەسەر يەتتە خىل يېزىققا تەرجىمە قىلىنىپ، دۆلەت ئىچى - سىرتىدا كەڭ تارقالغان.

1951- يىلى 10- ئايدا، مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتى مەمۇرىي ئىشلار كېڭىشى ۋە مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ۋۇ يۈندوغا ئالاھىدە تەكلىپلىك مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىسى دەپ نام بەرگەن، ئۇنى بېيجىڭغا بېرىپ دۆلەت بايرىمىلىق مۇراسىمغا قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلغان. 10- ئاينىڭ 5- كۈنى، «خەلق گېزىتى»دە «پولات مۇنداق تاۋلاندى − جۇڭگونىڭ پاۋىل كورچاگىنى، قورال - ياراغ تۆھپىكارى ۋۇ يۈندو» ناملىق مەخسۇس خەۋەر ئېلان قىلىنىپ، ئۇنىڭ نامى ۋەتەننىڭ كەڭ زېمىنىغا تارقالغان.

ۋۇ يۈندو ئىلگىرى جۇڭنەن قورال - ياراغ ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى، ماشىنىسازلىق پەن تەتقىقات يۇرتىنىڭ مۇئاۋىن باش ئىنژېنېرى، 5- ماشىنىسازلىق بۆلۈمى پەن تەتقىقات يۇرتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن، كۆپ تۈرلۈك قورال - ياراغ پەن تەتقىقات خىزمىتىگە رىياسەتچىلىك قىلىپ، دۆلەت ئۈچۈن زور تۈركۈمدىكى ھەربىي سانائەت ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈپ بەرگەن، دۆلەت مۇداپىئەسىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش ۋە قىسىمنىڭ قورال - ياراغلىرىنى ياخشىلاش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشقان. دەم ئېلىشقا چىققاندىن كېيىن، ئۇ تەكلىپ بىلەن بېيجىڭ، تيەنجىن، شاڭخەيدىكى ئىشلەپ يۈرۈپ ئوقۇيدىغان بىرقانچە مەكتەپنىڭ پەخرىي مەكتەپ مۇدىرى ۋە نۇرغۇن ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ مەكتەپ سىرتى يېتەكچىسى ھەم بىر قىسىم ژۇرنال، ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ مەسلىھەتچىسى بولۇپ، مائارىپ ئىشلىرى، مېيىپلەر ئىشلىرى ئۈچۈن يېڭى تۆھپىلەرنى قوشقان، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى، كادىرلار مىنىستىرلىقى، جۇڭگو مېيىپلەر بىرلەشمىسى ئۇنىڭغا «مەملىكەتلىك ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نەمۇنىچىسى» دەپ شەرەپلىك نام بەرگەن. 1991- يىلى 5- ئايدا، ۋۇ يۈندو بېيجىڭدا ۋاپات بولغان.

سەيديەن رايونى دالا ئۇرۇشى دۆلەت مۇداپىئە باغچىسىنىڭ مەسئۇلى ۋاڭ ۋېنگۇي مۇنداق دېدى: «ھازىر ھەر يىلى نەچچە ئونمىڭلىغان كادىر، ئامما ۋۇ يۈندو خاتىرە سارىيىغا كېلىپ ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى ئالىدۇ، يولداش ۋۇ يۈندونىڭ شەخسىيەتسىز ئۆزىنى بېغىشلاش، پىداكارلىق، قەتئىي تەۋرەنمەس روھى بىزنى باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشكە رىغبەتلەندۈرمەكتە».

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ