تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

قانداق بەدەن چېنىقتۇرغاندا ئاندىن ئۈنۈمى بولىدۇ ؟

   ھەپتىدە ئاز دېگەندە ئۈچ قېتىم چېنىققاندا، ئاندىن ھەرىكەتنىڭ پايدىسى بولىدۇ. ھەپتىدە 1-2 قېتىم چېنىققاندا ئۇزۇن مەزگىللىك پايدا ئېلىپ كېلەلمەيدۇ. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، ھەپتىدە ئاز دېگەندە ئۈچ كۈن چېنىقىش كېرەك ئىكەن. تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئۇزۇن ئولتۇرۇش ھەر قانداق ھەرىكەتنىڭ پايدىسىنى يوقىتىدىكەن.

  تۆمۈر كۆتۈرۈش مۇسكۇل چىقىرىشنىڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى. تۆمۈر كۆتۈرۈش شىتانكا، گانتېل قاتارلىق تۆمۈر ئەسۋابلارنى كۆتۈرۈپ چېنىقىش ئۇسۇلىنى كۆرسىتىدۇ. تۆمۈر كۆتۈرۈش مۇسكۇل كۈچەيتىدىغان ئەڭ ياخشى ئۇسۇل ھېسابلىنىدۇ.

  ھەرىكەت ئەمەلىيەتتە مېڭىنى ئەڭ چېنىقتۇرىدۇ. بەدەن چېنىقتۇرۇش بىلىش ئىقتىدارىنى ياخشىلايدىغان ئەڭ ياخشى ئۇسۇل. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بايقىشىچە، ئوكسېگىنلىق چېنىقىش چوڭ مېڭە ئىقتىدارىغا تەڭداشسىز پايدا ئېلىپ كېلىدىكەن. بۇ خىل چېنىقىش چوڭ مېڭىگە پايدىلىق بولۇپلا قالماستىن، يۈرەك ساغلاملىقىغىمۇ پايدىلىق ئىكەن.

  بەدەننى تەكشى تۇتۇپ تىرەش ھەرىكىتى قورساق مۇسكۇلىنى چېنىقتۇرىدىغان «ئەڭ ياخشى ئۇسۇل». بەزىلەر قورساق قاتلاش ھەرىكىتى ئارقىلىق قورساق مۇسكۇلىنى چېنىقتۇرىدۇ، ئەمەلىيەتتە قورساق قاتلاش قورساق مۇسكۇلىغىلا قارىتىلغان، بەدەننى تەكشى تۇتۇپ تىرەش ھەرىكىتى ئادەمنڭ يان، ئالدى ۋە دۈمبىسىدىكى بىر قانچە گۇرۇپپا مۇسكۇلنى ھەرىكەتلەندۈرىدۇ. شۇڭا، ئەگەر سىز يادرولۇق مۇسكۇل توپىنىڭ كۈچىنى ئاشۇرماقچى بولسىڭىز، بولۇپمۇ قورساق مۇسكۇلىنى چېنىقتۇرماقچى بولسىڭىز، ئۇنداقتا بەدەننى تەكشى تۇتۇپ تىرەش ھەرىكىتىنى تاللاڭ.

خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : مىھرىگۈل ناسىر

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ