ۋاقىتقا چەك قويۇش. چۈشتە ئۇخلاشنىڭ ئەڭ ياخشى ۋاقتى 10~26 مىنۇت. ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى ئالىملىرىنىڭ بايقىشىچە، چۈشتە 26 مىنۇت ئۇخلىسا ئۇچقۇچىلارنىڭ ھەيدەش ئىپادىسىنى %34، ھوشيارلىق دەرىجىسىنى %54 ئاشۇرغىلى بولىدىكەن. ۋاقىت بەك ئۇزۇن بولۇپ كەتسە كەچكى ئۇيقۇغا تەسىر يەتكۈزىدىكەن.
ۋاقىتنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇش. كۆپ ساندىكى كىشىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئەڭ ياخشى چۈشلۈك ئۇيقۇ ۋاقتى چۈشتىن كېيىن سائەت 1دىن 3كىچە بولۇپ، بۇ چاغدا بەدەن چارچاپ، زېھنىي كۈچ تۆۋەنلەيدۇ، بىر ئاز ئۇخلىغاندا ئېنېرگىيە تولۇقلاش رولىنى ئوينايدۇ.
مۇقىم ۋاقىتتا چۈشتە ئۇخلاشنى داۋاملاشتۇرۇش. ھەر كۈنى ئوخشاش بىر ۋاقىتتىكى چۈشلۈك ئۇيقۇ كېچە-كۈندۈز رىتىمىغا كىرىشكە پايدىلىق. ۋاقىت يېقىنلاشقاندا، بەدەن ئاڭلىق ھالدا تېخىمۇ تېز ئۇخلايدۇ.
قەھۋە ئىچىش. چۈشلۈك ئۇخلاشتىن بۇرۇن بىر ئىستاكان قەھۋە ئىچكەندە، ئويغانغاندا روھى ھالەت تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ . كوففېئىن تەخمىنەن 10 مىنۇتتىن كېيىن رول ئوينىيالايدىغانلىقى ئۈچۈن، چۈشتە 20 مىنۇت ئۇخلىغاندىن كېيىن، ئادەم تېخىمۇ سەگەك بولىدۇ.
تىنچ، قاراڭغۇ جاينى تاللاش. ئۇخلاش ئورنى چوڭ مېڭىنىڭ كېرەكسىز نەرسىلەرنى تازىلاش ئۈنۈمىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. جىمجىت، قاراڭغۇ جايدا مۈگدەش، چوڭ مېڭىنىڭ خىزمەت قىلىشىغا پايدىلىق.
ئۆزى ئىشلىتىدىغان ياتاق بۇيۇملىرىنى تەييارلاش. خىزمەت ئۈستىلىگە ياستۇق ۋە كۆز توسقۇچ تەييارلاپ قويغاندا، ئۇخلىغاندا تېخىمۇ قولايلىق بولىدۇ.
چۈشلۈك ئۇيقۇدىن كېيىن ئاپتاپقا قاقلىنىش. ئەگەر چۈشلۈك دەم ئېلىش ۋاقتى يېتەرلىك بولسا، ئويغانغاندىن كېيىن سىرتقا چىقىپ نەچچە مىنۇت ئاپتاپقا قاقلىنىش كېرەك. قۇياش نۇرىنىڭ چۈشۈشى بىيولوگىيىلىك سائەتنى قايتىدىن تەڭشەپ، ئادەمنى تېخىمۇ روھلاندۇرىدۇ . (جاۋ پېڭچېڭ)
خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى