9- ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى سۈرەتكە تارتىلغان شيۇڭئەن ۋوگزالى قۇرۇلۇش مەيدانىدىن كۆرۈنۈش. (ماتېرىيال سۈرەت، ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا تارتىلغان سۈرەت)
شىنخۇا تورى خەۋىرى: مۇخبىرنىڭ جۇڭگو تۆمۈريول قۇرۇلۇش گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، بېيجىڭ-شيۇڭئەن شەھەرلەر ئارا تۆمۈريولى شيۇڭئەن بېكىتى يەر ئاستى قۇرۇلمىسى 10-ئاينىڭ 28-كۈنى پۈتۈپ، ئومۇميۈزلۈك يەر ئۈستى قۇرۇلمىسى قۇرۇلۇش قىلىش باسقۇچىغا كىردى.
شيۇڭئەن ۋوگزالى بېيجىڭ-شيۇڭئەن شەھەرلەر ئارا تۆمۈريول لىنىيەسىدىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ يېڭىدىن قۇرۇلۇۋاتقان ۋوگزال، ۋوگزال مەيدانىنىڭ كۆلىمى 11 سۇپا 19 لىنىيە بولۇپ، ئومۇمىي قۇرۇلۇش كۆلىمى 475 مىڭ 200 كىۋادىرات مېتىر، 66 پۇتبول مەيدانىغا باراۋەر كېلىدۇ. كەلگۈسىدە، بېيجىڭ-شيۇڭئەن، بېيجىڭ-شياڭگاڭ-تەيۋەن، تيەنجىن-شيۇڭئەن تۆمۈريولى قاتارلىق كۆپ لىنىيەلىك رېلىسلىق قاتناش ۋە يەر يۈزىدىكى ئاممىۋى قاتناش، تاكسى قاتارلىقلار بۇ يەردە ئىستېرېئولۇق ئالمىشىدۇ.
10-ئاينىڭ 23-كۈنى، خىزمەتچى خادىملار بېيجىڭ-شيۇڭئەن شەھەرلەر ئارا تۆمۈريولىنىڭ شيۇڭئەن ۋوگزالىدا قۇرۇلۇش قىلماقتا.
بېيجىڭ-شيۇڭئەن شەھەرلەر ئارا تۆمۈريولى شيۇڭئەن ۋوگزالىنىڭ ئۈنۈم خەرىتىسى.