تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن. قەھرىمانلار، قۇربانلار شەجەرىسى

خەلقنىڭ ياخشى ساقچىسى جياڭ ۋېي

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، شىئەن، 10- ئاينىڭ 10- كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر لى خاۋ) شىئەن شەھەرلىك ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىدا قارىغاي، ئارچىلار قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى، ئوت - چۆپلەر بولۇق ئۆسكەنىدى، جامائەت خەۋپسىزلىكى سېپىدىكى قەھرىمان جياڭ ۋېي بۇ يەردە مەڭگۈلۈك ئۇيقۇغا كەتكەن بولۇپ، ئۆزى جان تىكىپ قوغداشقا قەسەم قىلغان بۇ قەدىمىي شەھەرگە قاراپ ياتاتتى.

جياڭ ۋېي 1964- يىلى تۇغۇلغان، شەنشى ئۆلكىسىنىڭ ۋېينەن شەھىرىدىن. 1979- يىلى جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىگە قاتناشقان، 1982- يىلى جامائەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىگە قاتناشقان، شەنشى ئۆلكىسى شىئەن شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش باشقارمىسى 4- ئوتتۇرا ئەترىتى، شىئەن شەھەرلىك ئاياللار يىغىۋېلىپ باشقۇرۇش - تەربىيەلەش ئورنى، شىئەن شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى ۋېيياڭ شۆبە ئىدارىسى ۋېيياڭگۇڭ ساقچىخانىسىنىڭ ساقچىسى بولغان.

جياڭ ۋېي جامائەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىگە قاتناشقاندىن بۇيان، خەلقنى قىزغىن سۆيۈپ، ئىجتىھات بىلەن ئامما ئۈچۈن نۇرغۇن ياخشى ئىش قىلىپ بەرگەن. ئۇ رەزىللىكلەرگە نەپرەتلىنەتتى، زېرەك، باتۇر بولۇپ، قۇربان بېرىشتىن قورقمايتتى، كۆپ قېتىم ئۆزى يالغۇز جىنايەتچىلەر بىلەن كۈرەش قىلغان، قىسقىغىنا سەككىز يىل ۋاقىتتا تۆت قېتىم شەرەپ بىلەن يارىلانغان.

بىر قىش كېچىسى، جياڭ ۋېي بىر تاكسى شوپۇرىنىڭ پىچاق كۆتۈرۈۋالغان ئۈچ قارا نىيەت تەرىپىدىن قورشىۋېلىنغانلىقىنى بايقاپ، دەرھال بېرىپ توسقان. قارا نىيەت خەنجىرىنى «شارت» قىلىپ چىقىرىپ قىستاپ كېلىپ: «ئارتۇق ئىشقا ئارىلاشما، پىچاق ساقچىنى تونۇمايدۇ!»دېگەن، جياڭ ۋېي تەھدىتتىن قورقۇپ قالماي ئۆزى يالغۇز ئۇلار بىلەن ئېلىشقان، قارا نىيەت ئۇنىڭ بېلىگە پىچاق تىقىۋەتكەن. ئۇ بىر تەرەپتىن شوپۇرغا: «دەرھال ساقچىخانىغا بېرىپ دېلو مەلۇم قىلىڭ!» دەپ ۋارقىرىغاچ، بىر تەرەپتىن قاتتىق ئاغرىققا بەرداشلىق بېرىپ، ئارىدىكى بىر جىنايەتچىنى بويسۇندۇرغان. قالغان ئىككى جىنايەتچىمۇ دەل ۋاقتىدا يېتىپ كەلگەن ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇلغان.

جياڭ ۋېي ئىشتىن چۈشكەندىمۇ، ھەر ۋاقىت خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتى، بۇرچىنى ئۇنتۇمايتتى. بىر قېتىم ئۆيىگە قايتىش يولىدا، جياڭ ۋېي تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان قاچقۇننى تونۇۋېلىپ، شۇ ھامان قوغلاپ تۇتۇشقا ئاتلىنىپ، خەۋپ - خەتەرگە قارىماي تۆت مېتىردىن ئېگىز ئۆتۈشمە كۆۋرۈكتىن سەكرەپ چۈشۈپ، سول پۇتىنىڭ قايرىلىپ كېتىپ قاتتىق ئاغرىشىغا قارىماي، ئاخىر قاچقۇن جىنايەتچىنى تۇتقان.

1990- يىلى 1- ئاينىڭ 5- كۈنى، جياڭ ۋېي بىر قېتىملىق زور زەھەر ئېلىپ سېتىش دېلوسى يىپ ئۇچىنى بايقاپ، ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىكى بىلەن ھېسابلاشماي، ئۈچ قېتىم «يولۋاس ئۇۋىسى»غا كىرىپ، جىنايەتچىلەرنىڭ جىنايەت دەلىل - ئىسپاتىنى ئىگىلىگەن. 1- ئاينىڭ 6- كۈنى، ئەسلىدە دەم ئالىدىغان جياڭ ۋېي تەشەببۇسكارلىق بىلەن جەڭگە ئاتلىنىشنى ئىلتىماس قىلىپ، ساقچىخانا باشلىقى خۇ جيەنچېڭ قاتارلىق تۆت خەلق ساقچىسى بىلەن ئۇدۇل ئۇۋىغا بېرىپ جىنايەتچىلەرنى تۇتقان. نەق مەيداندا، جياڭ ۋېي تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان قېچىپ يۈرگەن قاتىللىق دېلوسى گۇماندارى چىن شىباۋنى بىر قاراپلا تونۇۋالغان. چىن شىباۋ ئۆزىنىڭ قولغا ئېلىنىپ تۇتۇلۇپ قېلىشىنى بايقاپ، تۇيۇقسىز تاپانچىنى چىقارغان. بۇ خەتەرلىك پەيتتە، جياڭ ۋېي پىداكارلىق بىلەن، «جىنايەتچىدە تاپانچا بار ئىكەن!» دەپ ۋارقىرىغىنىچە جىنايەتچىگە شىددەت بىلەن ئېتىلىپ، كۆكرىكى بىلەن جىنايەتچى ئاتقان ئوقنى توسۇۋالغان. قوراللىق قارا نىيەتلەر ئاخىر خەلق ساقچىلىرى تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن، جياڭ ۋېينىڭ كۆكرىكىگە ئوق تەگكەچكە قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان.

قەدىمىي شەھەرنىڭ تۈن قاراڭغۇسىدىكى بىر تاپانچا ئاۋازى بىلەن خەلق چاكىرى مەردلەرچە قۇربان بولدى، جياڭ ۋېينىڭ ھاياتلىق گۈلىنىڭ ئېچىلغان ۋاقتى گەرچە قىسقا بولسىمۇ، ئەمما ئۇ ھاياتىنىڭ ئاخىرقى دەقىقىلىرىغىچە خەلقنىڭ بەختىنى قوغدىغان. جياڭ ۋېي قۇربان بولغان كۈنى ئۇنىڭ بىلەن بىللە چارلاشقا چىققان شى ياچىڭ مۇنداق دېدى: «جياڭ ۋېينىڭ قۇربان بولۇشتىن قورقماسلىق، شەخسىيەتسىز ئۆزىنى بېغىشلاش روھى بىزنىڭ ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىمىزنى تولۇق ئادا قىلىشىمىزغا، پۇقرالارنىڭ ئامانلىقىنى قوغدىشىمىزغا ئىزچىل ئىلھام بېرىپ كەلدى».

1990- يىلى 2- ئاينىڭ 12- كۈنى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى يولداش جياڭ ۋېيغا «مەملىكەت بويىچە جامائەت خەۋپسىزلىكى سىستېمىسىدىكى 1- دەرىجىلىك قەھرىمان نەمۇنىچى» دەپ تولۇقلاپ نام بەردى. شۇ يىلى، شەنشى ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى جياڭ ۋېينى ئىنقىلابىي قۇربان دەپ تەستىقلىدى.

شىئەن شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى ۋېيياڭ شۆبە ئىدارىسى سىياسىي خىزمەت بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى شۈ چاۋرۈي مۇنداق دېدى: «جياڭ ۋېي خەلقنىڭ ياخشى ساقچىسى، ساقچىلارنىڭ ياخشى ئۈلگىسى، جياڭ ۋېينىڭ قەھرىمانلىق ئىش ئىزلىرى ئەۋلادمۇئەۋلاد شىئەن خەلق ساقچىلىرىغا ئىلھام بولىدۇ، ئۇنىڭ روھىغا مەڭگۈ ۋارىسلىق قىلىنىدۇ».

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ