كەچ كۈزدە، شىنجاڭ خوشۇت ناھىيەسىدىكى ئالتۇن رەڭلىك توغراقلىقتا ئەڭ گۈزەل مەنزىرە نامايان بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىچى-سىرتىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى سەيلە قىلىشقا جەلپ قىلدى. ئارىلاپ مال بېقىۋاتقان چارۋىچىلار گۈزەل توغراق مەنزىرىسىنى تېخىمۇ كۆركەملەشتۈردى. بەزىلەرنىڭ دېيىشىچە، مۇبادا تارىم ئويمانلىقىدىكى ئىپتىدائىي توغراقلىق ئېسىلزادە خانىمغا ئوخشىتىلسا، ئۇنداقتا خوشۇتتىكى توغراقلىق خۇددى يېڭى كېلىنچەككە ئوخشاش ئىنتايىن جەزبىدار كۆرۈنىدىكەن. (سۇ چياڭ فوتوسى)
جۇڭگو ئاخبارات تورىدىن تەرجىمە قىلىندى