10- ئاينىڭ 25- كۈنى، كىشىلەر ئاۋات ناھىيەسى دولان مەدەنىيەت مەيدانىدا ئۇسسۇل ئوينىماقتا.
شىنخۇا تورى خەۋىرى: شۇ كۈنى، شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى 15- نۆۋەتلىك دولان. كۈسەن مەدەنىيەت- ساياھەت بايرىمى ۋە ئاۋات ناھىيەسىنىڭ 6-نۆۋەتلىك مۇسەللەس مەدەنىيەت- ساياھەت بايرىمى ئاۋات ناھىيەسى دولان مەدەنىيەت مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلدى.
ئاۋات ناھىيەسى مۇسەللەس ئۆرپ- ئادەت كوچىسىدا مەھسۇلاتلار كۆرگەزمە قىلىنماقتا (10- ئاينىڭ 25- كۈنى تارتىلغان).
10- ئاينىڭ 25- كۈنى، ئارتىسلار ئاۋات ناھىيەسى دولان مەدەنىيەت مەيدانىدا نومۇر قويۇشقا تەييارلىق قىلماقتا.
شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى 15- نۆۋەتلىك دولان. كۈسەن مەدەنىيەت- ساياھەت بايرىمى ۋە ئاۋات ناھىيەسىنىڭ 6- نۆۋەتلىك مۇسەللەس مەدەنىيەت- ساياھەت بايرىمى ئاۋات ناھىيەسى دولان مەدەنىيەت مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلدى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى سادات فوتوسى