10-ئاينىڭ 27-كۈنى، گۇئەن ناھىيەسىنىڭ شېڭشى يېزا ھەمكارلىق ئېكولوگىيەلىك يېزا ئىگىلىك باغچىسى گۈل سېتىش زالىدا، خىزمەتچىلەر گۈللەرگە سۇ پۈركىمەكتە.
شىنخۇا تورى خەۋىرى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خېبېي ئۆلكىسىنىڭ گۇئەن ناھىيەسى يېزا ئىگىلىك كەسىپ قۇرۇلمىسىنى پائال تەڭشەپ، بېيجىڭ-تيەنجىن گۈل بازىرى ئېھتىياجىنى كۆزلەپ، «گۈل ئىقتىسادى»نى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇردى، تېرىقچىلىق، ساقلاش-توشۇش، سېتىش بىر گەۋدە قىلىنغان كەسىپ زەنجىرىنى بەرپا قىلىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولدى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋاڭ شياۋ فوتوسى)