تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

گۆشسىز تاماق يېگەندىن كۆرە، بېلىقنى كۆپرەك يېگەن ياخشى

 يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، گۆشسىز تاماق، يېنىك ئوزۇقلىنىش قىزغىنلىقى بارغانسېرى ئەۋج ئالماقتا، بىر قىسىم سەۋەبلەر بۇ خىل يېمەك-ئىچمەكلەرنىڭ پايدىسىنىڭ كۆپ بولۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

 ئەنگلىيەدە، ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە «مەملىكەت خاراكتېرلىك يېمەك-ئىچمەك ۋە ئوزۇقلۇقنى تەكشۈرۈش 2008» ۋە 2016-يىللىق تەكشۈرۈشتە مۆلچەرلىنىشىچە، بۇ دۆلەتتە تەخمىنەن 1 مىليون 700 مىڭ گۆشسىز تاماق يېگۈچى ۋە ئېغىر دەرىجىدىكى گۆشسىز تاماق يېگۈچىلەر(سۈت، تۇخۇممۇ يېمەيدۇ) بار ئىكەن. دەلىل-ئىسپاتلار شۇنى ئىسپاتلىدىكى، گۆشسىز تاماق يېمەيدىغانلار بىلەن گۆشلۈك تاماق يەيدىغانلارنى سېلىشتۇرغاندا، كېسەللىك خەۋپ-خەتىرىدە پەرق بولىدىكەن. تەتقىقاتلاردا دېيىلىشىچە، گۆشسىز تاماق يېمەيدىغانلارنىڭ يۈرەك كېسىلى بىلەن ئۆلۈپ كېتىش خەۋپى گۆشلۈك تاماق يەيدىغانلارنىڭكىدىن كۆرۈنەرلىك تۆۋەن بولىدىكەن. لېكىن بۇ تەتقىقاتنىڭ زىيارەت ۋاقتى يېتەرلىك بولمىغاچقا، باشقا يېمەك-ئىچمەك گۇرۇپپىسى (بېلىق يېگۈچىلەر ۋە گۆشسىز تاماق يېگۈچىلەر)نىڭ خەتىرىنى ئايرىم تەكشۈرگىلى بولمايدىكەن.

  يېقىندا، ئوكسفورد داشۆسىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى ئېلان قىلغان 18 يىل داۋاملاشقان تەتقىقاتتىن مەلۇم بولۇشىچە، ئوخشاش بولمىغان يېمەك-ئىچمەك ئادىتى بار كىشىلەر ئارىسىدا يۈرەك كېسىلى ۋە سەكتە بولۇش خەۋپى ئوخشاش بولمىغان ھەمدە قان كەملىك سەكتە بىلەن قاناش خاراكتېرلىك سەكتە كېسىلىگە قارىتا باھالاش ئېلىپ بارغان. تەتقىقاتچىلار سىناققا قاتناشقۇچىلارنى 3 گۇرۇپپىغا، يەنى گۆشخورلار گۇرۇپپىسى (قارا گۆش، بېلىق، تۇخۇم، سۈتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، بېلىقخورلار گۇرۇپپىسى (كۆكتات ۋە بېلىق تۈرىدىكىلەر) ۋە گۆشسىزلەر گۇرۇپپىسى (تۇخۇم، سۈت ۋە كۆكتاتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)غا ئايرىغان. بۇ شۇنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇكى، بېلىقخورلار گۇرۇپپىسى ۋە گۆشسىزلەر گۇرۇپپىسىدا قان كەملىك يۈرەك كېسىلىنىڭ خەتىرى گۆشخورلار گۇرۇپپىسىدىن كىچىك بولۇپ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا %13 ۋە %22 تۆۋەن بولغان.

  ئەسكەرتىشكە تېگىشلىكى شۇكى، گۆشسىز يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلغۇچىلارنىڭ سەكتە بولۇش خەۋپى گۆشخورلارغا قارىغاندا % 20 يۇقىرى بولۇپ، كېسەللىك خەۋپى ئامىللىرىنى يەنىمۇ تەڭشىگەندىن كېيىن، سەكتىنىڭ باغلىنىشچانلىقى ئاجىزلاشمىغان. (ۋاڭ بىڭجيې)

  خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : مىھرىگۈل ناسىر

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ