10-ئاينىڭ 20-كۈنى، لوپنۇر ناھىيەسى شىنجاڭ سەركە چارۋىچىلىق پاي چەكلىك شىركىتى 5-باقمىچىلىق مەيدانىنىڭ خىزمەتچىلىرى باقمىچىلىق رايونىدا قوي پادىلىرىنى ھەيدىمەكتە (ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا تارتىلغان سۈرەت).
شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى: لوپنۇر ناھىيەسى شىنجاڭ سەركە چارۋىچىلىق پاي چەكلىك شىركىتى لوپنۇر قويىنى كۆپەيتىش، بورداش، سويۇش، ئىنچىكە پىششىقلاش بىر گەۋدە قىلىنغان چوڭ تىپتىكى چارۋىچىلىق، باقمىچىلىق كارخانىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، كەسىپ ئارقىلىق يېتەكلەش، ھاۋالىلىك بېقىپ پايدا ئايرىش، ئادەم ئىشلىتىش ئارقىلىق يۆلەش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق ئۈنۈملۈك ھالدا 420 نامرات ئائىلىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولدى.
(خەن لياڭ فوتوسى)