خەلق تورى، بېيجىڭ، 10- ئاينىڭ 26- كۈنى تېلېگراممىسى (ياڭ چياۋدۇڭ): 10- ئاينىڭ 26- كۈنى كەچتە، 7- نۆۋەتلىك دۇنيا ھەربىيلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئاياللار ۋاسكېتبول مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى ئاخىرلاشتى، جۇڭگو كوماندىسى بىرازىلىيە كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلەشتى. نەتىجىدە، جۇڭگو كوماندىسى 65كە قارشى 93 نەتىجە بىلەن بىرازىلىيە كوماندىسىنى يېڭىپ، بۇ نۆۋەتلىك ھەربىيلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە ئۇدا ئالتە مەيدان غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈش بىلەن بىرگە ئاياللار ۋاسكېتبول مۇسابىقىسىنىڭ ئالتۇن مېدالىنى قولغا كەلتۈردى.
بۇ قېتىملىق ھەربىيلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئاياللار ۋاسكېتبول مۇسابىقىسىگە جەمئىي ئالتە كوماندا قاتناشقان بولۇپ، ئۇلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا جۇڭگو كوماندىسى، بىرازىلىيە كوماندىسى، ئامېرىكا كوماندىسى، فىرانسىيە كوماندىسى، كانادا كوماندىسى ۋە گېرمانىيە كوماندىسى. مۇسابىقىدە يەككە ئايلانما مۇسابىقە قائىدىسى قوللىنىلغان بولۇپ، ھەر بىر كوماندا بەش مەيدان مۇسابىقىلەشكەندىن كېيىن، رەت تەرتىپتە ئالدىنقى ئىككى ئورۇندا تۇرغان كوماندا چېمپىيونلۇقنى تالىشىدۇ، ئۈچىنچى، تۆتىنچى ئورۇندا تۇرغان كوماندا مىس مېدالنى تالىشىدۇ. تۆت يىل ئىلگىرى كورېيەدە ئۆتكۈزۈلگەن ھەربىيلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە، جۇڭگو كوماندىسى كۈمۈش مېدالغا ئېرىشكەنىدى. بۇ نۆۋەتلىك ھەربىيلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە، جۇڭگو كوماندىسى ئۇدا ئالتە مەيدان غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈپ چېمپىيون بولدى.
سۈرەتلەر چاڭجياڭ گېزىتىدىن ئېلىندى