تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن. قەھرىمانلار، قۇربانلار شەجەرىسى

«پەرزەنت ئەسكەرلەرنىڭ ئانىسى» رۇڭ گۇەنشيۇ

رۇڭ گۇەنشيۇنىڭ سۈرىتى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، شىجياجۇاڭ، 10- ئاينىڭ 1- كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر يەن چىلېي) خېبېي ئۆلكىسىنىڭ پىڭشەن ناھىيەسى شىبەيپو كۆرگەزمىخانىسىنىڭ 1- كۆرگەزمە زالىدا «پەرزەنت ئەسكەرلەرنىڭ ئانىسى» دېگەن خەت كەشتىلەنگەن بىر چوڭ قىزىل لەۋھە ھەرقاچان ئېكسكۇرسىيە قىلغۇچىلارنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ، بۇ لەۋھە ئارمىيەنى ھىمايە قىلىش نەمۇنىچىسى، «رۇڭ ئانا» رۇڭ گۇەنشيۇغا بېرىلگەن.

رۇڭ گۇەنشيۇ، ئايال، 1896- يىلى تۇغۇلغان، خېبېي پىڭشەندىن، 1938- يىلى 2- ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن. ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش مەزگىلىدە، شياپەنسۇڭ كەنتى ئاياللار ۋەتەننى قۇتقۇزۇش جەمئىيىتىنىڭ جەمئىيەت باشلىقى، 8 - ئارمىيە يارىدار، كېسەللەرنى يۆتكەپ توشۇش پونكىتىنىڭ پونكىت باشلىقى بولغان. دۈشمەنگە قارشى شەپقەتسىز كۈرەش داۋامىدا، ئۇ پۈتۈن كەنتتىكى ئاياللارنى باشلاپ، پائال ئارمىيەنى ھىمايە قىلىپ، ئالدىنقى سەپكە ياردەم بېرىپ يارىدارلارنى قۇتقۇزغان. 1941- يىلىدىن 1943- يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا، ياپون قوشۇنى بىلەن قورچاق قوشۇن سەنشى - چاخار - خېبېي چېگرا رايونىدا ئۇدا كۆپ قېتىم مىسلىسىز پاجىئەلىك چوڭ «تازىلاش» قوزغىغان. «تازىلاش»قا قارشى جاپالىق يىللاردا، رۇڭ گۇەنشيۇ پۈتۈن كەنتتىكى ئاياللارنى باشلاپ جەڭچىلەرگە سۇ، تاماق توشۇغان، يارىدارلارنى يۆتكىگەن. دوختۇر ئىنتايىن كەمچىل، دورا ئاز بولغان شارائىتتا، يارىدارلارنى قۇتقۇزۇپ داۋالاش ئۈچۈن، ئۇ بارلىق ئاماللارنى ئويلاپ چىققان، ئىلمان قايناق سۇ بىلەن جاراھەتلەرنى تازىلاپ يۇيۇپ، جۇڭيى ئۆسۈملۈك دورىلىرى بىلەن يارا ئېغىزىنى تاڭغان، يارىدارلارغا تاماقنى بىر قوشۇق، بىر قوشۇقتىن يېگۈزگەن. ئۇنىڭ كۆڭۈل قويۇپ قۇتقۇزۇشى بىلەن، ئېغىر يارىلانغان، ھاياتى خەۋپتە قالغان 8- ئارمىيەنىڭ نۇرغۇن كوماندىر - جەڭچىلىرىنىڭ سالامەتلىكى ئەسلىگە كېلىپ، ئالدىنقى سەپكە قايتا ئاتلانغان. كىشىلەر ئۇنى سەمىمىيلىك بىلەن «رۇڭ ئانا» دەپ ئاتاشقان.

1944- يىلى 2- ئايدا، رۇڭ گۇەنشيۇ شەرەپ بىلەن سەنشى - چاخار - خېبېي چېگرا رايونىنىڭ 1- نۆۋەتلىك قەھرىمانلار قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىپ، «بېييۆ رايونىنىڭ ئارمىيەنى ھىمايە قىلىش نەمۇنىچىسى − پەرزەنت ئەسكەرلەرنىڭ ئانىسى» دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشكەن. شەرەپ ئالدىدا، رۇڭ گۇەنشيۇ مەغرۇرلانماي، ئالدىراقسانلىق قىلماي، مۇكاپات بېرىلگەن قېچىر بىلەن دېھقانچىلىق سايمانلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئومۇمغا تەقدىم قىلىپ، ئاممىنى باشلاپ ئالدىنقى سەپكە ياردەم بېرىش چوڭ ئىشلەپچىقىرىش ھەرىكىتىنى قوزغىغان، شۇ يىلى سەنشى - چاخار - خېبېي چېگرا رايونى تەرىپىدىن ئەمگەك نەمۇنىچىسى بولۇپ باھالانغان.

ئازادلىق ئۇرۇشى مەزگىلىدە، رۇڭ گۇەنشيۇ ئالدىنقى سەپكە ياردەم بېرىش، ئازاد رايوننى قوغداش ئۈچۈن، كەنتلەرگە بېرىپ، ئۆيمۇئۆي كىرىپ، ئەرلەرنى ئارمىيەگە قاتنىشىپ جەڭ قىلىشقا، ئاياللارنى ئىشلەپچىقىرىش ئارقىلىق ئالدىنقى سەپكە ياردەم بېرىشكە سەپەرۋەر قىلغان ھەم كەنجى ئوغلىنى ئالدىنقى سەپكە ئەۋەتكەن. ئۇنىڭ يېتەكلىشىدە، ئىنقىلابىي كونا رايوندا، ئانا بالىسىنى ئەۋەتىدىغان، خوتۇنى ئېرىنى ئۇزىتىدىغان، ئاكا - ئۇكىلار بەسلىشىپ جەڭگە ئاتلىنىدىغان تەسىرلىك مەنزىرە بارلىققا كەلگەن. ئۇ ئاياللارنى ھەربىي ئاياغ تىكىش، ھەربىي ئاشلىق يەتكۈزۈشكە پائال تەشكىللەپ، تۈرلۈك ئالدىنقى سەپكە ياردەم بېرىش ۋەزىپىلىرىنى قالتىس تاماملىغان. ئۇنىڭ تۈرتكىسىدە، سەنشى - چاخار - خېبېي ئازاد رايوندا زور بىر تۈركۈم «رۇڭ گۇەنشيۇ گۇرۇپپىسى» بارلىققا كېلىپ، ئازادلىق ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشقان.

يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، رۇڭ گۇەنشيۇ داۋاملىق ئۇرۇش يىللىرىدىكى ئىنىقلابىي روھىنى ساقلاپ ۋە جارى قىلدۇرۇپ، يۇرتىنىڭ سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇشىغا پائال قاتناشقان. دادۈي پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىشلەپچىقىرىش ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى پىڭشەن ناھىيەلىك كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، پىڭشەن ناھىيەلىك ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ پەخرىي مۇدىرى بولغان. ئۇ ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان زات سۈپىتىدە جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ 1- نۆۋەتلىك ئومۇمىي يىغىنىغا ۋەكىل بولۇپ قاتناشقان ھەم دۆلەت قۇرۇش مۇراسىمىغا قاتناشقان. 1950- يىلى 9- ئايدا، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەملىكەتلىك ئىشچى، دېھقان، ئەسكەرلەر ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ۋەكىللىرى يىغىنىغا قاتناشقان، كېيىن يەنە كۆپ قېتىم مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى يىغىنى ۋە ئارمىيەنى ھىمايە قىلىش، ئائىلە تەۋەلىرىگە ئېتىبار بېرىش تەقدىرلەش يىغىنىغا قاتناشقان. ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ 1- نۆۋەتلىكتىن 5- نۆۋەتلىككىچە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، جۇڭخۇا مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ 3-، 4- نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى 4- نۆۋەتلىك ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولۇپ سايلانغان. ئىلگىرى مەملىكەتلىك «8 - مارت قىزىل بايراقدارى» شەرىپىگە ئېرىشكەن.

ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن كېيىن، يېشى 80دىن ئاشقان رۇڭ گۇەنشيۇ يۇرتىنى گۈللەندۈرۈش ئىشلىرىغا پائال قاتناشقان، تاغلىق رايوننىڭ نامرات قىياپىتىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن چارە - تەدبىر كۆرسەتكەن. ئۇ خەلق پەرزەنت ئەسكەرلىرىگە بۇرۇنقىدەكلا كۆڭۈل بۆلگەن، ياشىنىپ، ئاجىزلاپ قالغىنىغا قارىماي، چېگرا مۇداپىئە ئەسكەرلىرىگە لەۋھە تەقدىم قىلىپ، ھال سوراش خېتى يېزىپ، ئۇلارنى خاتىرجەم ھالدا ۋەتەننى قوغداپ چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىشقا رىغبەتلەندۈرگەن.

1989- يىلى 8- ئاينىڭ 12- كۈنى، رۇڭ گۇەنشيۇ كېسەل سەۋەبىدىن ۋاپات بولغان، شۇ يىلى 93 ياشتا ئىدى.

2018- يىلى 9- ئايدا، رۇڭ گۇەنشيۇنىڭ يۇرتى پىڭشەن ناھىيەسى نامرات ناھىيەلەر قاتارىدىن چېكىنىپ چىقتى. «نامراتلىق قالپىقى»نى تاشلىغان پىڭشەن ناھىيەسى تېخىمۇ ئۇلۇغۋار پىلانغا ئىگە بولدى − ئۇ بولسىمۇ شەھەر رايونى ئىككىلەمچى مەركىزى بەرپا قىلىپ، ئېكولوگىيەلىك، باي، مەدەنىي، ئىناق، ئوتتۇرا دەرىجىلىك شەھەر قۇرۇشتىن ئىبارەت.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ