تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

تېخىمۇ كۆپ كەنت ئاھالىسى ئۈچۈن نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش يولى ئېچىپ بېرىش

− مەملىكەتلىك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش مۇكاپاتى، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچى تاھىر قاۋۇل توغرىسىدا

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خې لىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىر خۇاڭ فاڭ

10- ئاينىڭ 24- كۈنى، تاھىر قاۋۇل كەنتتىكى نامرات ئاھالىلەرنى باشلاپ يول ياساۋاتاتتى. بۇ يول ياساش قۇرۇلۇشىنىڭ ھۆددىگىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇ ئىشلىگىلى كەلگەن ھەربىر كەنت ئاھالىسىگە كۈنىگە 300 يۈەندىن ئىش ھەققى بېرىدۇ.

تاھىر ئۈچۈن ئېيتقاندا، كەنت ئاھالىلىرىنى يېتەكلەپ بىرلىكتە پۇل تېپىپ، ئۇلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئەڭ مۇھىم بۇرچى.

«مەملىكەتلىك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلىكىمدىن ئىنتايىن ئىپتىخارلىنىمەن. بۇنىڭدىن كېيىن مەن داۋاملىق تىرىشىپ، تېخىمۇ كۆپ كەنت ئاھالىسىنى يېتەكلەپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشنى ئىشقا ئاشۇرىمەن» دېدى تاھىر.

بۇ يىل 49 ياشقا كىرگەن تاھىر ئاقتۇ ناھىيەسى تارتاجىك يېزىسى قۇزۇ كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى. بۇ جاي دېڭىز يۈزىدىن خېلىلا ئېگىز، قاتناش قولايسىز، ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 480 كىلومېتىر كېلىدىغان بولۇپ، ئاقتۇ ناھىيەسىدىكى ئېغىر نامرات يېزا.

2014- يىلى، تاھىر ئائىلىسى كەنت تەرىپىدىن ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىلەر قاتارىغا كىرگۈزۈلگەنىدى. «ئەينى چاغدا، بىزنىڭ تۇرىدىغىنىمىز كېسەك ئۆي بولۇپ، ئۆيىمىزدە تۈزۈكرەك بىر ئۆي جاھازىسىمۇ يوق ئىدى» دېدى تاھىر.

پارتىيەنىڭ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنىڭ ئىلھامىدا، تاھىر سىرتقا چىقىپ ئىشلەش يولىغا ماڭدى. يېڭى يېزا قۇرۇلۇشى قەدىمىنىڭ تېزلىشىشىگە ئەگىشىپ، ھەرقايسى جايلاردا بىناكارلىق قۇرۇلۇش ئىشچىلىرى قىس بولۇپ كەتتى. كاللىسى ئۆتكۈر تاھىر كەنت ئاھالىلىرىنى باشلاپ قۇرۇلۇش ئەترىتى تەشكىللىدى. «بۇنداق قىلغاندا ئۆزۈم پۇل تېپىپلا قالماي، قوشنا - قولۇملىرىممۇ پۇل تاپالايدۇ» دېدى تاھىر.

تاھىر دېگىنىنى قىلىپ، ئۆيمۇئۆي كىرىپ ئىدىيەۋى خىزمەت ئىشلەپ، ئويىنى ئۇلار بىلەن ئورتاقلاشتى ھەم ھېساباتنى ۋاقتىدا ئۈزۈشكە، بىر پۇڭنىمۇ نېسى قالدۇرماسلىققا ۋەدە بەردى. ناھايىتى تېزلا، ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن 12 نامرات ئاھالىدىن تەشكىللەنگەن بىناكارلىق قۇرۇلۇش ئەترىتى قۇرۇلدى.

كەنت ئاھالىلىرىنى ئىمكانقەدەر تېز پۇل تاپقۇزۇش ئۈچۈن، تاھىر تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىدىكى بىر قۇرۇلۇش ئورنىغا بېرىپ ئىشلەشنى تاللىدى. تاشقورغانغا يېڭى بارغاندا، كۆپ قىسىم كەنت ئاھالىسى ئانچە كۆنەلمىدى، بىرنەچچە كىشىدە ئېگىزلىك رېئاكسىيەسى كۆرۈلدى. لېكىن تاھىرنىڭ خەۋەر ئېلىشى بىلەن، كەنت ئاھالىلىرى ئېگىزلىك رېئاكسىيەسىنى يېڭىپ، ئۈچ ئاي ۋاقىتتىلا سان - سۈپەتكە كاپالەتلىك قىلغان ھالدا قۇرۇلۇش ۋەزىپىسىنى تاماملىدى.

بۇ قۇرۇلۇشتا، 12 كەنت ئاھالىسىنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمى 16 مىڭ يۈەنگە يەتتى، بۇ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تاھىرغا ئەگىشىپ بىللە ئىشلەش ئىشەنچىنى تېخىمۇ چىڭىتتى.

بۈگۈنكى كۈندە، تاھىر بىلەن بىللە سىرتقا چىقىپ ئىشلىگەن كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشنى ئىشقا ئاشۇردى. بۇ يىل 3- ئاينىڭ ئاخىرىدا، ئاقتۇ ناھىيەسى كوئىنلۇن چوڭ جىلغىسىدا 1- نۆۋەتلىك ئۆرۈك چېچىكى ساياھەت بايرىمى ئۆتكۈزدى. سودا پۇرسىتىنى كۆرگەن تاھىر كەنت ئاھالىلىرىنى باشلاپ چارۋىچىلار ئارامگاھى ئېچىپ، ساياھەت بايرىمى ئۆتكۈزۈلگەن بىر كۈندىلا 4000 يۈەن كىرىم قىلدى.

يۇرتىنىڭ بارغانسېرى ياخشىلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، تاھىرنىڭ كەنت ئاھالىلىرىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش يولىغا يېتەكلەش ئىشەنچى تېخىمۇ ئاشتى.

كەنت ئاھالىلىرىنىڭ نەزەرىدە، تاھىر باي بولسىمۇ ئەسلىنى ئۇنتۇمايدىغان راستچىل ئادەم بولۇپ، نامرات ئاممىنىڭ قىيىنچىلىقى بولسىلا، ئۇ پۈتۈن كۈچى بىلەن ياردەم قىلىدۇ.

نامرات ئاممىنىڭ «كۈتۈپ تۇرۇش، تايىنىۋېلىش، تەلەپ قىلىش» ئىدىيەسىنى ئۆزگەرتىپ، نامرات ئاممىنى ئۆزىنىڭ ئىككى قولىغا تايىنىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشقا پائال يېتەكلەش ئۈچۈن، تاھىر ئۆزلۈكىدىن ھۈنەر ئۆگەندى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ناھىيەدىكى تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۆز يېنىدىن پۇل چىقىرىپ كەنتتىكى سېتىك تاپى قاتارلىق ھۈنىرى يوق 15 نامرات ئەمگەك كۈچىنى ناھىيە بازىرىغا بېرىپ ئېلېكتىر سايمانلىرى، توكسىكلىت رېمونت قىلىش قاتارلىقلار بويىچە تەربىيەلەشكە قاتنىشىشقا ئەۋەتتى. تەربىيەلىنىش ئارقىلىق، تاھىر ۋە شۇ كەنتتىكى نامرات ئەمگەك كۈچلىرىدە نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش توغرىسىدا ناھايىتى كۆپ ئوي پەيدا بولدى. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئېلېكتىر سايمانلىرى رېمونتخانىسى ئاچتى، بەزىلىرى ئۇششاق تىجارەت بىلەن شۇغۇللاندى.

2017- يىلى يازنىڭ بىر كۈنى، تارتاجىك يېزىسىنىڭ تاغلىق رايونىدا پەۋقۇلئاددە زور كەلكۈن ئاپىتى يۈزبېرىپ، شۇ جايدىكى ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىغا ئېغىر تەھدىت سالدى. تاھىر ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىكى بىلەن ھېسابلىشىپ ئولتۇرماي، يۈك قاچىلاش ئاپتوموبىلى بىلەن دەريا يولىنى قايتا - قايتا تازىلاپ، ئاخىرى توسۇلۇپ قالغان دەريا يولىنى راۋانلاشتۇردى.

كەنت ئاھالىلىرىنىڭ قوشنا بولغان كوسراپ يېزىسىدىكى بازارغا بېرىپ سودا قىلىشىغا، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئۆز كەنتىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى سىرتقا سېتىشىغا قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن، تاھىر كۆپ قېتىم قۇزۇ كەنتى بىلەن كوسراپ يېزىسى ئارىسىدىكى يولنى ھەقسىز تۈزلەپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا قولايلىق يارىتىپ بەردى. «يول ياساشتا كەنت ئاھالىلىرىنىڭ چىقىپ كىرىشىگە قولايلىق يارىتىپ بېرىش مەقسەت قىلىنغان، پەقەت سىرتقا چىقالىغاندىلا، ئاندىن بايلىق ئېلىپ كەلگىلى بولىدۇ» دېدى تاھىر.

تاھىرنىڭ نەزەرىدە، بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئۇششاق - چۈششەك كىچىك ئىشلار، لېكىن كەنت ئاھالىلىرى ئۈچۈن ئېيتقاندا، بۇ ئىشلار تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلاشقا، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك چوڭ ئىش.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ