تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

شىنجاڭدا ئاناردىن مول ھوسۇل ئېلىندى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇشى ياخشى بولۇپ كەتتى

تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز دۇڭ شياۋخەن، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز چيەن گۇڭپىڭ فوتوسى، خەۋىرى): ھازىر دەل ئانارنىڭ پىشىش مەزگىلى، خوتەن ۋىلايىتى گۇما ناھىيەسىنىڭ پىيالما يېزىسى، قەشقەر ۋىلايىتى قاغىلىق ناھىيەسىنىڭ بەشئېرىق يېزىسى، قەشقەر ۋىلايىتى كوناشەھەر ناھىيەسىنىڭ بەشكېرەم يېزىسى قاتارلىق جايلاردىكى ئانار باغلىرىدا قىپقىزىل كىچىك پانۇسقا ئوخشاشش ئانارلار شاخلارغا لىق ئېسىلغان ئىدى، كەنت ئاھالىلىرى ئۈزۈش بىلەن ئالدىراش بولۇپ، ئۇلارنىڭ چىرايىدىن مول ھوسۇل شادلىقى جىلۋىلىنىپ تۇراتتى.

«2019-يىلى بېغىمدىكى ئانارلار شۇنداق ياخشى ئۆستى، مېۋىسى چوڭ، رەڭگى قىزىل، تەمىمۇ ياخشى بولدى، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن مو بېشى مەھسۇلاتى بىر توننىغا يەتتى، 300 گىرامدىن ئاشىدىغان چوڭ مېۋىلەر 70-80 پىرسەنتنى ئىگىلىدى» دېدى پىيالما يېزىسى ئانار يېڭى كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ئابدۇجېلىل مۆمىن، ئۇ ئۆزى ئانار ئۆستۈرگەندىن باشقا، يەنە كەنتتىكى ئانارلارنى سېتىۋېلىپ ئۈرۈمچى، شىخەنزە قاتارلىق جايلارغا سېتىپ، بىر يىلدا 200 نەچچە مىڭ يۈەن كىرىم قىلىدىكەن.

تور سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئالىمجان مەمتىمىن بۇ بىر نەچچە كۈندە پىيالما يېزىسىدىكى ھەرقايسى كەنتلەردە ئانار سېتىۋېلىش بىلەن ئالدىراش بولدى. ئالىمجاننىڭ ئانار سېتىۋېلىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقىنىغا سەككىز يىل بولغان بولۇپ، دەسلەپكى ھەر يىلى 50 نەچچە توننا سېتىۋېلىشتىن، يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيانقى 300 توننىدىن ئارتۇق سېتىۋېلىشقىچە ئۇنىڭ سودىسى بارغانسېرى ياخشىلانغان.

«<پىيالما> ئانىرىنىڭ دانىسى يوغان، شەربىتى كۆپ، تەمى تاتلىق بولۇپ، داڭقى بارغانسېرى تونۇلۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىچى-سىرتىدىكى ئىستېمالچىلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشىۋاتىدۇ. مەن سېتىۋالغان ئانارلار ئاساسلىقى ھاۋا تىرانسپورتى ئارقىلىق بېيجىڭ، شاڭخەي، تيەنجىن، چېڭدۇ قاتارلىق جايلارغا توشۇلىدۇ.» ئالىمجاننىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ بىر كىلوگىرام «پىيالما» ئانىرىنى 18 يۈەن ئەتراپىدا سېتىۋېلىپ، بازاردا 22 يۈەندىن يۇقىرى باھادا ساتىدىكەن.

قاغىلىق ناھىيەسى بەشئېرىق يېزىسى تۆۋەن ئوراڭ كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى بۇزۆھرە مەمەت ئائىلىسىنىڭ ئالتە مو يېرىدىكى ئانارلارنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى ئۈزۈلۈپ بولدى. «2019-يىلى 40 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك پۇلغا سېتىشنى مۆلچەرلىدۇق، بۇ بۇلتۇرقىدىن سەل يۇقىرى، ئانار ئۆستۈرۈش ئارقىلىق تۇرمۇشىمىز بارغانسېرى ياخشىلىنىۋاتىدۇ» دېدى بۇزۆھرە.

بۇ كەنتتىكى ئانار ئۆستۈرۈش چوڭ ئائىلىسىدىن نۇرمەمەت تۇرامەت كەنتتىكى قىزىل قۇياش باغۋەنچىلىك دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ مەسئۇلى. ھازىر دەل ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ ئەڭ ئالدىراش مەزگىلى بولۇپ، ئۇ كەنت ئاھالىلىرىنى يېتەكلەپ سېتىۋېلىپ كەلگەن ئانارلارنى دەرىجىگە ئايرىپ ئوراپ، دەرىجىگە ئايرىپ باھا بېكىتىپ، مال تارقاتتى.

نۇرمەمەت قۇرغان ھەمكارلىق كوپىراتىپى يەنە كەنتتىكى 58 كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى، كەنت ئاھالىلىرى ھەر ئايدا 1500 يۈەندىن 3000 يۈەنگىچە مائاش ئالدى.

قىپقىزىل ئانار كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇشىنى تېخىمۇ ياخشىلىدى. تۈپ-تۈپ ئانار دەرىخى ئاھالىلەرنىڭ «بېيىش دەرىخى»گە ئايلاندى، دانە-دانە ئانار كەنت ئاھالىلىرىنىڭ «بەخت مېۋىسى»گە ئايلاندى.

ھەممە ئادەم ماختايدىغان شىنجاڭ ئانىرىنى چۈشىنىپ بېقىڭ!

داڭلىق «پىيالما» ئانىرى خوتەن ۋىلايىتى گۇما ناھىيەسىنىڭ پىيالما يېزىسىدىن چىقىدۇ، 24 مىڭ مو يەرنىڭ يىللىق مەھسۇلات مىقدارى 9000 توننا ئەتراپىدا، ھازىر دۆلەت ئىچىدىكى ئالتە چوڭ ئانار ئىشلەپچىقىرىش رايونىنىڭ بىرى بولدى.

«پىيالما» ئانىرىنىڭ سىرتقى شەكلى كۆركەم، مېۋىسى چوڭ، پوستى نېپىز، دانىسى يوغان، شەربىتى كۆپ، رەڭگى توق، ئۇرۇقى يۇمشاق، تەمى تاتلىق بولۇپ، ئادەتتە بىر دانىسىنىڭ ئېغىرلىقى 350-800 گىرامغىچە بولىدۇ، ئەڭ چوڭىنىڭ ئېغىرلىقى 1500 گىرامدىن ئارتۇققا يېتىدۇ.

قاغىلىق ناھىيەسىنىڭ ئانىرى چۈچۈمەل، تاتلىق دەپ ئىككى چوڭ تۈرگە بۆلۈنىدۇ. تاتلىق ئانارنىڭ بىر دانىسىنىڭ ئېغىرلىقى 500-1000 گىرامغىچە بولۇپ، مېۋە پوستى قىپقىزىل، ئاق رەڭلىك ئۇرۇقىدىن قىزىل رەڭ كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ، ئۇرۇقى يوغان، تەمى تاتلىق، شىرنىسى كۆپ. چۈچۈمەل ئانارنىڭ پوستى قېلىنراق بولۇپ، قىزغۇچ سېرىق رەڭدە، تەمى چۈچۈمەل تاتلىق، بولۇپمۇ بەشئېرىق يېزىسىدىن چىقىدىغان دانەك ئانىرى ئەڭ ياخشى سورتلۇق ئانار ھېسابلىنىدۇ.

قەشقەر شەھىرىنىڭ چوڭ ئۇرۇقلۇق تاتلىق ئانىرىنىڭ مېۋىسى چوڭ، شەكلى يۇمىلاق، شىرنىسى كۆپ، تەمى تاتلىق، سۈپىتى ياخشى. بىر دانىسىنىڭ ئوتتۇرىچە ئېغىرلىقى 500 گىرام بولۇپ، ئەڭ چوڭ مېۋىسىنىڭ ئېغىرلىقى 750 گىرام ئەتراپىدا.

مەسئۇل مۇھەررىر : زاھىدە مۇتەللىپ

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ