شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ۋۇخەن، 10- ئاينىڭ 23- كۈنى تېلېگراممىسى (لى ۋېي): 7- نۆۋەتلىك دۇنيا ھەربىيلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەپمە بوكىس تۈرى 10- ئاينىڭ 23- كۈنى باشلاندى، شۇ كۈنى جەمئىي تۆت ئالتۇن مېدال تارقىتىلدى، جۇڭگو كوماندىسى بىر ئالتۇن مېدال، ئىككى مىس مېدالغان ئېرىشتى.
ئاياللار 73 كىلوگرامدىن تۆۋەن دەرىجىلىكلەر مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە، جۇڭگو ماھىرى لى چېن 5كە قارشى 10 نەتىجىدە گېرمانىيە ماھىرى مارىيانى يېڭىپ چېمپىيون بولدى. بۇنىڭدىن باشقا، تيەن جيەن ئەرلەر 87 كىلوگرامدىن يۇقىرى دەرىجىلىكلەر مۇسابىقىسىدە ئۈچىنچى بولدى، ئاياللار 49 كىلوگرامدىن تۆۋەن دەرىجىلىكلەر مۇسابىقىسىدە، لى جاۋيى مىس مېدالغا ئېرىشتى.
ئىگىلىنىشىچە، كەلگۈسى ئۈچ كۈن ئىچىدە، ۋۇخەن تەنتەربىيە سارىيى تەپمە بوكىس مۇسابىقە مەيدانىدا يەنە 12 تەپمە بوكىس ئالتۇن مېدالى تارقىتىلىدىكەن. بۇ نۆۋەتلىك ھەربىيلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە جۇڭگو كوماندىسى جەمئىي 16 تەپمە بوكىس ماھىرىنى مۇسابىقىگە ئەۋەتكەن.