تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

نەزەرىيە ئۆگىنىشنى كاللىغا، قەلبكە سىڭدۈرۈش  مەسىلىلەرنى ھەقىقىي ھەل قىلىش

− خوتەن ۋىلايىتىدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى باش تېما تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇردى

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى پەرىزات، ئىختىيارىي مۇخبىر جاڭ يۇڭ

2- تۈركۈمدىكى «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، خوتەن ۋىلايىتىدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى دىققەتنى باش تېمىغا، ئاساسىي لىنىيەگە مەركەزلەشتۈرۈپ، قاتتىق ئۆلچەم، قاتتىق ئىستىل، قاتتىق تەلەپ بىلەن ئۆزلىرىنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ۋاقتىدا قانۇن - نىزامغا توغرىلىنىپ، ئۆلچەمگە توغرىلىنىپ، خەلقنى كۆزلەش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، «2+8» مەخسۇس تۈزەشنى نۇقتىلىق ياخشى تۇتۇپ، ئاپتونوم رايون بېكىتكەن «3+3+1» خەلق ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىشنى ياخشى بېجىرىپ، ئامما ئەندىشە قىلىۋاتقان ئىشلارنى، باش قاتۇرۇۋاتقان ئىشلارنى، غەم قىلىۋاتقان ئىشلارنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، ئاممىنى تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسىغا ئېرىشتۈردى.

 «قاتتىق» بولۇشنى باشلامچى قىلىپ، ئۆگىنىشتە ئۈنۈم ھاسىل قىلىش

خوتەن ۋىلايەتلىك پارتكوم ۋىلايەتنىڭ باش تېما تەربىيەسى ئومۇمىي لايىھەسىنى تۈزۈش ئاساسىدا، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ۋىلايەت، ناھىيە تۆت يۈرۈش بەنزىسى، ۋىلايەت، ناھىيەگە بىۋاسىتە قاراشلىق تارماق، ئورۇنلار، يېزا - بازار(كوچا باشقارمىسى)، كەنت (مەھەللە)لەر ۋە مائارىپ سىستېمىسىدىن ئىبارەت تۆت تارماق لايىھە تۈزۈپ، بىر ئومۇمىي لايىھەنى باشلامچى قىلىپ ئومۇميۈزلۈك تۇتۇش، تۆت تارماق لايىھە بويىچە تۈرگە ئايرىپ تەدبىر قوللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، باش تېما تەربىيەسىگە دەل جايىدا، كۈچلۈك تۈرتكە بولدى.

خوتەن ۋىلايەتلىك پارتكوم بىر تەرەپتىن ئۆگىنىش، بىر تەرەپتىن تەكشۈرۈش، بىر تەرەپتىن تۈزىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئۆلچەم، سۈپەتنى چىڭ ئىگىلەپ، ئىدىيەۋى تونۇشنى چىڭ كۆزلەشنى چىڭ تۇتۇپ، سېلىشتۇرۇپ تەكشۈرۈشنى چىڭ ئىگىلەشنى بوشاشتۇرماي، «ئۈچنى تەتبىقلاش»نى گەۋدىلەندۈرۈپ، نازارەت دەرىجىلىك ۋە ناھىيەلىك، شەھەرلىك پارتكوم، ھۆكۈمەتلەردىكى ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلىش ماتېرىيالى، مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈش - كۆزىتىش تىزىملىكىدە ساقلانغان تونۇش چوڭقۇر بولماسلىق، تەكشۈرۈپ ئوتتۇرىغا قويۇش ئەمەلىي بولماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەرگە قارىتا، بىر - بىرلەپ قايتما ئىنكاس، تۈزىتىش پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

«بىز باش تېما تەربىيەسىنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، ئۆزى ئىزدەش، يولداشلار ياردەم قىلىش، ئامما ئوتتۇرىغا قويۇش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، كەڭ دائىرىدە پىكىر ئېلىپ، ئۆزىمىزدىكى يېتەرسىزلىكلەرنى تېپىپ، بىلگەن ھامان تۈزىتىپ، ئاممىغا ياردەملىشىپ قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلدۇق.» خوتەن ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جاڭ جيەنبو مۇنداق دېدى: بۇنىڭدىن كېيىن ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەش، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىشتىكى ئاڭلىق ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىش قىزغىنلىقىنى قوزغاپ، تۈرلۈك خىزمەتلەردە تېخىمۇ زور ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

خوتەن ۋىلايەتلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىدىكى پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۈستىگە ئېلىپ، ئۆگىنىشكە يېتەكچىلىك قىلىپ، ئۆگىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، باشلامچى بولۇپ، ئۈلگە كۆرسىتىپ، دەرىجىمۇدەرىجە يېتەكلەپ ئۆگىنىپ، نەزەرىيە ئۆگىنىشنى قاتتىق، ئەمەلىي، يۇقىرى سۈپەتلىك ئالغا سىلجىتتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بىرىنچى سەپكە چوڭقۇر چۆكۈپ، ۋىلايەتنىڭ نۇقتىلار بويىچە ھۆددىگە ئېلىش تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاساسىي قاتلامدىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىغا بېرىپ نۇقتىدا تۇرۇپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇردى.

گۇما ناھىيەسىنىڭ ھەرقايسى ئورۇنلىرىدىكى پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلار بەس - بەستە ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ، «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى ئاممىۋى خىزمەت بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئەڭ زور دەرىجىدە ئاممىغا يېقىنلاشتى، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلدى. گۇما ناھىيەسىنىڭ گۇما بازىرىدىكى پارتىيەلىك كادىر جياڭ شياۋيۇڭ مۇنداق دېدى: «مەركەزلىك ئۆگىنىشكە قاتنىشىش ۋە ئۆزلۈكىمدىن ئۆگىنىش ئارقىلىق، ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچقا بولغان تونۇشۇم تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتى، غايە - ئېتىقادىم تېخىمۇ چىڭىدى. بىر پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئۆزۈمنى ئاممىنىڭ ئورنىغا قويۇپ، ئاممىنىڭ غەم - ئەندىشىدىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بېرىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ بىرىكمە كۈچىنى شەكىللەندۈرىمەن».

■ «ئەمەلىي بولۇش» تىرەك قىلىنىپ، تۈزىتىش ئارقىلىق نەتىجە - ئۈنۈم ھاسىل قىلىش

خوتەن ۋىلايىتىدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلار مەسىلىگە تەتبىقلاپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، بىر تەرەپتىن ئۆگىنىپ، بىر تەرەپتىن تەكشۈرۈپ - كۆزىتىپ، بىر تەرەپتىن ئۆگىنىپ، بىر تەرەپتىن تۈزىتىپ، تۈرلەر بويىچە تىزىملىك تۈزۈپ، تاماملاش قەرەلى ۋە مەسئۇل كىشىنى ئايدىڭلاشتۇردى، نەق مەيداندا تەربىيەلەش ۋە يۈزتۇرا يېتەكلەش ئارقىلىق، كۆپچىلىككە نېمىنى تۈزىتىش، قانداق تۈزىتىشنى بىلدۈرۈپ، ئاممىغا ھەقىقىي ئۆزگىرىشنى ھېس قىلدۇردى.

باش تېما تەربىيەسىدە، خوتەن ناھىيەسىنىڭ بۇزاق يېزىسى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋە يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش خىزمىتىنى چۆرىدەپ كەمتۈكلۈكلەرنى تېپىپ، ئەمەلىي تەدبىر قوللاندى. پۈتۈن يېزا بويىچە نەسىللىك توشقان باقمىچىلىقى ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى قۇرۇلۇشىنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، نەسىللىك كەپتەر باقمىچىلىقى ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇردى. ھازىر، نەسىللىك كەپتەر باقمىچىلىقى ھەمكارلىق كوپىراتىپى جەمئىي توققۇز ئۆلچەملەشتۈرۈلگەن سېخ قۇرۇپ، 180 نامرات ئائىلىنى كەپتەر بېقىشقا يېتەكلەپ مەنپەئەتكە ئېرىشتۈردى، ئوتتۇرىچە ئايلىق مائاشى 4000 يۈەنگە يەتتى.

نىيە ناھىيەلىك سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتى ئاممىنىڭ ۋە ئاساسىي قاتلام داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئېھتىياجىغا زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ناھىيەلىك دوختۇرخانىغا نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان تيەنجىنلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان مۇتەخەسسىسلەر، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 1- خەلق دوختۇرخانىسىدىكى 25 مۇتەخەسسىسنى تەكلىپ قىلىپ، شۇ جايدىكى 11 تېببىي خادىم بىلەن سەييارە ھەقسىز كېسەل كۆرۈش گۇرۇپپىسى، سوزۇلما كېسەللەرنى ئارىلاپ تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ھەم ساغلاملىق چوڭ دەرسخانىسى ھەقسىز كېسەل كۆرۈش لېكسىيە گۇرۇپپىسى قاتارلىق تۆت گۇرۇپپا قۇرۇپ، ئاممىنى «ئىشىكى ئالدى»دىلا ئەلا سۈپەتلىك، قولايلىق داۋالاش مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن قىلدى.

نىيە ناھىيەسى يېيىق يېزىسىنىڭ يېيىق كەنتىدىكى 70 ياشلىق كەنت ئاھالىسى مەتروزى قاسىم خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: «ئۆيۈم ناھىيە بازىرىغا 80 نەچچە كىلومېتىر كېلىدۇ، ھەر قېتىم دوختۇرخانىغا بېرىپ كېسەل كۆرسەتسەم بالىلىرىم ھەمراھ بولۇپ باراتتى. ھازىر مۇتەخەسسىس دوختۇرلار ئىشىكىمىز ئالدىغا كېلىپ كېسەل كۆرىدۇ، ھەقسىز دورا ئەكېلىپ بېرىدۇ، پارتىيەگە چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن».

خوتەن شەھىرى سوزۇلما كېسەللەرنى كېلىشىم بويىچە پەرۋىش قىلىش مۇلازىمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، مەھەللە سەھىيە مۇلازىمەت مەركىزى، يېزا - بازارلىق شىپاخانىلارنى ئۆز تەۋەلىكىدە ساغلاملىق تەربىيەسى بويىچە مەسلىھەت بېرىش سۇپىسى تەسىس قىلىشقا تەشكىللەپ، ئاممىنى سوزۇلما كېسەللەرنى داۋالاتقاندىن كېيىنكى كېسەللىك ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش مۇلازىمىتى ۋە سوزۇلما كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرى تەشۋىقاتى بىلەن تەمىنلىدى، ئائىلە دوختۇرى مۇلازىمىتى كېلىشىمى ئىمزالىمىغان ئاھالىلەرنىڭ نەق مەيداندا كېلىشىم ئىمزالىشىنى ئالغا سىلجىتتى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ خوتەن شەھىرى شورباغ يېزىسىنىڭ ئايدىڭكۆل كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى باش تېما تەربىيەسىدە، ئائىلىلەرگە كىرىپ زىيارەت قىلىش، پىكىر - تەكلىپ ئېلىش جەدۋىلى تارقىتىش، ئاممىنىڭ قىيىنچىلىق تەلەپلىرىنى ئىنكاس قىلىش كۆزنىكى تەسىس قىلىش ئارقىلىق، ئاممىنىڭ ئەندىشە قىلىدىغان ئىشلىرىنى توپلاپ، تۈزىتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئەستايىدىل تۇتتى. سۇ - توك سائىتىنى ئالماشتۇرۇش، توك يوللىرىنى ئاسراش، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بېجىرىپ بېرىش قاتارلىق ئامما كۆڭۈل بۆلىدىغان بىر قاتار ئەڭ جىددىي، ئەڭ غەم قىلىدىغان، ئەڭ تەقەززا بولۇۋاتقان ئىشلارنى مەسىلە تىزىملىكىگە كىرگۈزدى ھەم تۈرمۇتۈر ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلدى. 9- ئايدىن بۇيان، بۇ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى تۈرلۈك قىيىنچىلىق تەلىپىدىن 68نى ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • رەڭگارەڭ گۈل كۆرگەزمىسىدە دۆلەت بايرىمى تەبرىكلەندى
  • يېڭى ئۆيدە ئولتۇرۇپ يېڭى تۇرمۇش كەچۈرۈش
  • قاناس مەنزىرە رايونى ئاۋاتلاشتى