تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

سېرىق پۇرچاق كۈنجۈت ئۇمىچى قاندىكى ماينى تۆۋەنلىتىدۇ

  قاندىكى ماي مىقدارى بەك يۇقىرى بولۇپ كەتسە، ئادەم بەدىنىنىڭ ساغلاملىقىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان بەزى كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، مەسىلەن: ئارتېرىيە بوتقىسىمان قېتىشىش، تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى، ئاشقازان ئاستى بېزى قاتارلىقلارنى بىۋاسىتە كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. تۆۋەندە بىز كۆپچىلىككە قاندىكى ماينى چۈشۈرىدىغان ئەپچىل ئۇسۇلنى تونۇشتۇرىمىز:

  تەييارلاش ئۇسۇلى: سېرىق پۇرچاقتىن 100 گىرام، قارا كۈنجۈتتىن 20 گىرام، سېرىق پۇرچاقنى يېرىم كۈن سۇغا چىلايمىز، قارا كۈنجۈتنى قورۇپ تالقان قىلىۋالىمىز؛ ئاۋۋال سېرىق پۇرچاقتىن ئۇماچ قاينىتىمىز، ئاندىن ئۇنىڭغا كۈنجۈت تالقىنى، تۇز سېلىپ تەمىنى تەڭشىسەكلا بولىدۇ. ھەر كۈنى ئەتىگەندە يېسەك بولىدۇ. سېرىق پۇرچاقنىڭ تەمى تاتلىق، تەبىئىيىتى مۆتىدىل بولۇپ، تالنى ساغلاملاشتۇرۇپ، قۇرغاقلىقنى پەسەيتىدۇ. «كۈندىلىك دورا ئۆسۈملۈكلىرى» دە، سېرىق پۇرچاقنىڭ «يەل ھەيدەش، چوڭ ئۈچەينى راۋانلاشتۇرۇش، سۇلۇق ئىششىقنى ياندۇرۇش، ئىششىقنى داۋالاش» رولى بار دەپ خاتىرىلەنگەن. ھازىرقى زامان تەتقىقاتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، سېرىق پۇرچاقنىڭ تەركىبىدە كۆپ مىقداردا ئاقسىل ۋە ياغ بولۇپ، كۆپ خىل ۋىتامىن ۋە مىنېرال ماددىلار بار يېمەكلىك ھېسابلىنىدىكەن. «شېننۇڭ دورا ئۆسۈملۈكلىرى دەستۇرى »دە، كۈنجۈت «بەش ئەزانى قۇۋۋەتلەش، قۇۋۋەتنى ئاشۇرۇش، مۇسكۇل چىقىرىش، يىلىك تولۇقلاش ئۈنۈمى بار بولۇپ، ئۇزۇن مۇددەت ئىستېمال قىلغاندا قېرىشنى كېچىكتۈرىدۇ» دەپ خاتىرىلەنگەن. تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، كۈنجۈت قان شېكىرىنى تۆۋەنلىتىدىكەن، ئۇنىڭدىكى لىنولېئىك كىسلاتا قاندىكى قەنت مىقدارىنى تۆۋەنلىتىپ، تاجىسىمان ئارتېرىيە قېتىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولىنى ئوينايدىكەن.

  خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : مىھرىگۈل ناسىر

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ