تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكۈچىلىرىدىن بولىمەن

مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى شياڭ چېڭۋېن

مۇشۇ يەردە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن مورىلىق بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن مورىنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت زور تەرەققىياتى، مىللەتلەر بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى مۇساپىسىنى ئۆز بېشىمدىن ئۆتكۈزدۈم. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ دانا رەھبەرلىكى بولمىسا، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادى، جەمئىيىتىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىياتى بولمايتتى، بۈگۈنكى بەختلىك تۇرمۇشىمىز بولمايتتى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولغان، جۇڭگو ئارزۇسىنى بىر نىيەتتە ئورتاق ئىشقا ئاشۇرىدىغان ياخشى كەيپىيات بولمايتتى.

ئەقلىمنى بىلگەندىن تارتىپ، ئۆيىمىزنىڭ ئەتراپىدا قازاق، خۇيزۇ، ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەردىن بولغان قولۇم - قوشنىلىرىم بار ئىدى، مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمدا تونۇشقان ياخشى ياتاقداشلىرىم، ياخشى ساۋاقداشلىرىم، خىزمەتكە چىققاندىن كېيىن تونۇشقان ياخشى خىزمەتداشلىرىم، ياخشى دوستلىرىمنىڭ ھەممىسى ئوخشىمىغان مىللەتتىن ئىدى. كۆپچىلىك بىر قاچىدا تاماق يەپ، بىر ئىستاكاندا سۇ ئىچىپ، مەيلى چاغان، دۈەنۋۇ بايرىمى، جۇڭچيۇ بايرىمى بولسۇن ياكى روزا ھېيت، قۇربان ھېيت بولسۇن، كۆپچىلىك بىرلىكتە ئۆتكۈزۈپ، ئۇرۇق - تۇغقان، دوست - بۇرادەرلەرنى يوقلاپ، ئۆزئارا بەخت تىلىشەتتۇق. يەيدىغان ياخشى نەرسە بولسا، كۆپچىلىك تەڭ بەھرىمەن بولاتتۇق، قىيىنچىلىق بولسا، كۆپچىلىك بىرلىكتە ئامال قىلىپ ھەل قىلاتتۇق. ھەر مىللەت قېرىنداشلار ئىتتىپاق، ئىناق ئۆتۈپ، مەنپەئەتداش ۋە تەقدىرداش بولۇپ، يۇرتىمىزنىڭ گۈللىنىشى، تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن ياشلىق باھارىمىزنى بېغىشلاپ، تەر تۆكۈپ، تۆھپىمىزنى قوشتۇق.

بىر پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، قەتئىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، ئۈزلۈكسىز ھالدا «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، كاللامنى ھەر ۋاقىت سەگەك تۇتۇپ، بايرىقىم روشەن، مەيدانىم مۇستەھكەم، سىياسىيدا سەزگۈر، پوزىتسىيەم قەتئىي ھالدا شىنجاڭنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقىنى قوغدايمەن. ئىشنى ئۆزۈمدىن باشلاپ قىلىپ، ئۇششاق، كىچىك ئىشلاردىن باشلاپ قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارىچۇقۇمنى ئاسرىغاندەك ئاسرايمەن، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ھاياتىمنى قەدىرلىگەندەك قەدىرلەيمەن. «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى پۇختا، ياخشى قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىنى ھەقىقىي تۈردە كۆڭلۈمگە پۈكىمەن، چىڭ تۇتىمەن، ھەرىكىتىمدە ئەمەلىيلەشتۈرىمەن. ئائىلىلەرگە كىرىپ ئەھۋال ئىگىلەش، تۇغقان يوقلاش قاتارلىق پۇرسەتلەردىن پايدىلىنىپ، دېھقان - چارۋىچى ئاممىغا ياخشى كۈنلەرنىڭ پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىدىن كەلگەنلىكىنى ئېنىق سۆزلەپ، ئېنىق چۈشەندۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنى چىن قەلبىدىن پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرىدىغان، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلايدىغان، پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭىدىغان قىلىمەن. سەمىمىيلىك بىلەن، پۈتۈن كۈچۈم بىلەن، چىن ھېسسىياتىم بىلەن ئاممىغا تايىنىپ، ئاممىنى قوزغاپ، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، سەۋرچانلىق، ئىنچىكىلىك بىلەن قىلىنغان ئاممىۋى خىزمەت ئارقىلىق ھەر مىللەت ئاممىنى ماركسىزملىق «بەش قاراش» «ئۈچ ئايرىلالماسلىق» ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشقا، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشكە، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشنىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتىگە ئاكتىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن قاتنىشىشقا، ھەممەيلەننى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشنىڭ ئۈلگىلىرىدىن بولۇشقا يېتەكلەپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرىنى دائىم پورەكلىتىپ ئېچىلدۇرىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ