تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز ۋاڭ جىڭجىڭ، پىراكتىكانت مۇخبىرىمىز قەدىرىيە ئىمىر خەۋىرى، فوتوسى) پۇقراۋى قونالغۇ دېگەنلىك دېھقانلار ئارامگاھىغا بىر نەچچە كارىۋاتنى قويۇپ قويغانلىقمۇ؟ ئۇنداق ئەمەس، بۈگۈنكى كۈندە، ئۈرۈمچى ناھىيەسىدىكى پۇقراۋى قونالغۇلار ئىچىدە، توردا مودا بولۇۋاتقان ins ئۇسلۇبىدىكى پۇقراۋى قونالغۇلارنى تاپقىلى بولىدۇ، راھەت تۇرۇشنى ئويلايدىغانلار يۇمىلاق شەكىلدىكى چوڭ ۋاننىلىق قەدىمىي ئۇسلۇبتىكى ھەشەمەتلىك تۇرالغۇدا تۇرسا بولىدۇ، ئاتا- بالىلار ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ياكى تەنتەربىيە باش تېما قىلىنغان خاس پۇقراۋى قونالغۇلاردا تۇرسا بولىدۇ.
خاس پۇقراۋى قونالغۇ
10- ئاينىڭ 15- كۈنى، ئۈرۈمچى ناھىيەسى شۇيشىگۇ بازىرى پىڭشىلياڭ كەنتى چىشيەن پۇقراۋى قونالغۇسىدا، 47 ياشلىق خوجايىن يۈ شىنپىڭ ئالدىراشچىلىق ئىچىدە يېڭىدىن ياتاق ئاچماقچى بولغان مېھمانلارغا ياتاقتا يېتىش تەلەپلىرىنى چۈشەندۈرۋاتاتتى. «بىز دوستلىرىمىزنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن بۇ يەرگە كەلدۇق، ياتاقتا يېتىش تەلەپلىرىنى چۈشىنىمىز.» دېدى كورلىدىن كەلگەن ساياھەتچى لۇ ئەپەندى كۈلۈپ تۇرۇپ.
يۈ شىنپىڭ شۇيشىگۇ بازىرىدىن بولۇپ، سىرتتا 20 يىلدىن ئارتۇق سودا قىلغان، بۇلتۇر يۇرتىغا قايتىپ كېلىپ پۇقراۋى قونالغۇ ئېچىشنى قارار قىلىپ، بۇ يىل 7- ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ پۇقراۋى قونالغۇ تىجارىتىنى باشلىغان، 8 ئېغىزلىق مېھمانخانىسى ھەر ۋاقىت مېھمانلار بىلەن تولىدۇ. «مەن بۇ پۇقراۋى تۇرالغۇنى تەشۋىق قىلىپ باقمىدىم، پەقەت ئېغىزدىن-ئېغىزغا تارقالدى، ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت باش تېما قىلىنغانلىقى ئۈچۈن كىشىلەرنى جەلپ قىلدى، بىز پۇقراۋى قونالغۇ ئېچىپلا قالماي، كىشىلەرگە خاس پۇقراۋى قونالغۇلارنىڭ ياخشىلىقىنى ھېس قىلدۇرۇش ئارقىلىق، ساغلام تۇرمۇش ئۇسۇلىنى تەشەببۇس قىلىمىز.» دېدى ئۇ.
ئېسىل پۇقراۋى قونالغۇ
ئۈرۈمچى ناھىيەسى سارداۋان يېزىسى جۇڭلياڭ كەنتىدە، ئاق رەڭلىك، تاشقى كۆرۈنۈشى ئاددىي پۇقراۋى قونالغۇغا «نەنسەن ياجى» دېگەن خەت يېزىلغان بولۇپ، دېھقانلارنىڭ ئۆيىدىن يىغىۋېلىنغان كونا ئۆي جاھازىلىرى، كونا تاختىدىن ياسالغان ئىشىك ۋە ئۈستەل، قەدىمقىغا تەقلىد قىلىپ ياسالغان ئىشىك ھالقىسى، يەنە كونا مىس تەخسە، مىس قۇتا، لوڭقا قاتارلىقلار بار بولۇپ، بارلىق نەرسىلەردە شۇ دەۋرنىڭ پۇرىقى ئەكىس ئېتىپ تۇراتتى. «مۇشۇنداق گۈزەل مەنزىرىسى بار ئۆيدە تۇرسام، خۇشال بولىدىكەنمەن، كۆز ئالدىمدا پۈتۈنلەي سۈرەتتەك گۈزەل مەنزىرە، ئىنتايىن گۈەل تۇيغۇدا بولدۇم، مەن بۇ يەرنىڭ داڭقىنى ئاڭلاپ كەلگەن، بۇ پۇقراۋى قونالغۇدىن ھۇزۇرلاندىم، كېيىنكى قېتىم شىنجاڭغا كەلگەندە يەنە مۇشۇ يەردە تۇرىمەن.» دېدى ئەنخۇيلىق ساياھەتچى گاۋ پېڭپېڭ.
2019- يىل 6- ئايدا، ئۈرۈمچى ناھىيەسى «يېزا- كەنت پۇقراۋى قونالغۇ كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش لايىھەسى» ۋە «ئۈرۈمچى ناھىيەسى پۇقراۋى قونالغۇنى باشقۇرۇش سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇش» نى ئېلان قىلدى، ھەر بىر يېزا- كەنتتىكى پۇقراۋى قونالغۇ قۇرۇلۇشىدا ئۈلگە كۆرسىتىش نۇقتىسى بولۇشنى قولغا كەلتۈردى، يەنە پۇل مۇئامىلە، پۇقراۋى قونالغۇ كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار شۇنداقلا پۇقراۋى قونالغۇنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، ئۆزگەرتىش تولۇقلىما پۇلى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىمە سىياسەتلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، پۇقراۋى قونالغۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئىلھاملاندۇردى. ھازىر، ئۈرۈمچى ناھىيەسىدە 40 پۇقراۋى قونالغۇ بار، بۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە پۇقراۋى قونالغۇنىڭ سانى 100 يەتكۈزۈلىدىكەن.