تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى شەھىرى يىل ئىچىدە 91 مىڭ ئائىلىلىك كونا ئۆينى ئۇنىۋېرسال ئۆزگەرتىشنى تاماملايدۇ

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ۋېي خۇڭپىڭ، يې شياۋمىن خەۋەر قىلىدۇ: «بۇ ئۆيۈم 58 كىۋادرات مېتىر، 36 يىل ئولتۇردۇم. بۇ يىل ھۆكۈمەت ئاشخانامنى، تازىلىق ئۆيۈمنى ئۆزگەرتىپ بەردى، ئۆيۈم چوڭىيىپ قالغاندەك، راھەت ھېس قىلدىم» دېدى 10- ئاينىڭ 17- كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ مۇزېي ئولتۇراق رايونىدىكى ئاھالە ۋاڭ خۇڭبىڭ مۇخبىرغا.

ۋاڭ خۇڭبىڭنىڭ بەخت تۇيغۇسى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ كونا شەھەر رايونى (كەپىلىك مەھەللە)نى ئۆزگەرتىش خىزمىتىنى سىجىل ئالغا سىلجىتقانلىقىدىن كەلگەن. بۇ يىل ئۈرۈمچى شەھىرى كونا ئولتۇراق رايونلارغا قارىتا ئاشخانا، تازىلىق ئۆيىنى ئۆزگەرتىش، تۇرۇبا سۈيى يولى، يۇندى يوللىرىنى ئۆزگەرتىش، لىفىت ئورنىتىش، ئولتۇراق رايونلارنىڭ شەھەر مەمۇرىيىتى يانداشما ئەسلىھەلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئاساس قىلىنغان ئۆيلەرنى ئۇنىۋېرسال ئۆزگەرتىشنى يولغا قويۇپ، يىل ئىچىدە 91 مىڭ ئائىلىلىك كونا ئۆينى ئۆزگەرتىشنى پىلانلىدى، ھازىرغىچە 88 مىڭ 800 ئائىلىلىكتە قۇرۇلۇش باشلاندى.

ئۈرۈمچى شەھىرى كونا شەھەر رايونى (كەپىلىك مەھەللە)نىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى ئىشخانىسى قۇرۇلۇش باشقۇرۇش گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى ۋاڭ شىن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ كوناشەھەر رايونى (كەپىلىك مەھەللە)نى ئۆزگەرتىش خىزمىتىدە ئاممىنىڭ ئارزۇسىغا قۇلاق سېلىشقا ئەھمىيەت بېرىلدى، ئالدىنقى مەزگىلدە زور مىقداردا زىيارەت قىلىش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق كونا ئولتۇراق رايوندىكى ئاھالىلەرنىڭ جىددىي ھەل قىلىش زۆرۈر بولغان مەسىلىلىرى قاراتمىلىق ھەل قىلىندى، ئىلگىرىكى كۆچۈرۈپ - چېقىپ ئۆزگەرتىش 20- ئەسىرنىڭ 80- يىللىرىدا سېلىنغان ئۆيلەر ھەم مۈلۈك باشقۇرۇش ئاپپاراتى يوق كونا ئولتۇراق رايونلارغا قارىتا ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىشقا ئۆزگەرتىلدى.

ۋاڭ خۇڭبىڭ تۇرىدىغان مۇزېي ئولتۇراق رايونى 1980- يىلى قۇرۇلغان، ئەڭ كىچىك ئۆي شەكلى 41 كىۋادرات مېتىر، ئەڭ چوڭ ئۆي شەكلى 60 كىۋادرات مېتىر بولۇپ، ئەڭ كىچىك تازىلىق ئۆيى ئارانلار 1.08 كىۋادرات مېتىر ئىدى، ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىن سولياۋ پولات بىلەن ئايرىپ 2.64 كىۋادرات مېتىرغا يەتكۈزۈلۈپ، ئىلگىرى بىرلا ئادەم ئاران سىغىدىغان ھاجاتخانا ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىن يۇيۇنۇش، كىر يۇيۇش، يۈز يۇيۇشنىڭ ھەممىسىنى بىمالال قىلغىلى بولىدىغان بولدى.

ئۈرۈمچى ئۆي - زېمىن تەرەققىيات (گۇرۇھى) چەكلىك شىركىتى، ئۈرۈمچى خېڭشىن خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇش قۇراشتۇرۇش چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن دىرېكتورى چىن يۈبىن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ گۇرۇھ مەسئۇل بولغان 2019- يىللىق كاپالەت خاراكتېرلىك ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىدىكى كونا ئولتۇراق رايونلىرىنىڭ فۇنكسىيەسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش تۈرى 67 ئولتۇراق رايوندىكى 8773 ئائىلىگە چېتىلىدۇ، ئاھالىلەر ئۆيىنىڭ ئاشخانا، تازىلىق ئۆيلىرىنى ئۆزگەرتكەندىن سىرت، يەنە ئاھالىلەرنىڭ تۇرۇبا سۈيى يولى، يۇندى يولى تورى سىستېمىسىنىڭ دەرىجىسى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈلدى، ئالماشتۇرۇلدى، توك سىمى ئەسلىدىكى ئاليومىن ئۆزەكلىك سىمدىن مىس ئۆزەكلىك سىمغا ئالماشتۇرۇلۇپ، ئاھالىلەرنىڭ توك ئىشلىتىش ئېھتىياجى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇلدى. ئۆي سىرتىدا، غول لىنىيە يەرگە كۆمۈلۈپ، يەنە كۆكەرتىش بەلبېغى ئۆزگەرتىلىپ، ئولتۇراق رايوننىڭ مۇھىتى گۈزەللەشتۈرۈلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ