تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

360 مىڭ ئائىلىلىكتىن ئارتۇق ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالە ئەمىن ئۆي ئارزۇسىغا يەتتى

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى نامرات ئاھالىلەرنىڭ خەتەرلىك ئۆيلەردە ئولتۇرۇش تارىخى ئاساسەن ئاخىرلاشتى

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ يۈجاۋنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىز يېزىلاردىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن 9355 نامرات ئائىلىگە ئۆي سېلىپ بېرىش ۋەزىپىسىنى تاماملاشنى پىلانلىغان بولۇپ، 9- ئاينىڭ ئاخىرىغىچە ھەممىسى پۈتۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى نامرات ئاھالىلەرنىڭ خەتەرلىك ئۆيلەردە ئولتۇرۇش تارىخى ئاساسەن ئاخىرلاشقان.

«شىنجاڭنىڭ يېزا ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى يىرىك پىلانى(2016- يىلىدىن 2020- يىلىغىچە)»دا بېكىتىلگەن قۇرۇلۇش ۋەزىپىسى بويىچە، ئاپتونوم رايونىمىز دىققەتنى ئېغىر نامرات رايونلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، بېكىتىلگەن نامراتلارنى يۆلەش ئۆلچىمىدە چىڭ تۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش» بويىچە تۇرالغۇ ئۆي بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش خىزمەت نىشانىنى چىڭ كۆزلەپ، 2016- يىلىدىن 2018- يىلىغىچە يېزىلاردىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن جەمئىي 358 مىڭ 100 نامرات ئائىلىگە ئۆي سېلىپ بېرىش ۋەزىپىسىنى تاماملىدى.

«يېزا ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش ئارقىلىق، ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ئەڭ ئاساسىي تۇرالغۇ بىخەتەرلىكى مەسىلىسى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىندى.» ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتى يېزا - بازار قۇرۇلۇشى باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى گاۋ فېڭ مۇنداق دېدى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتى باشلانغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز پىلان، ۋەزىپە، مەبلەغ جەھەتتە مايىللىشىش سالمىقىنى زورايتىپ، يېزىلاردىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالىلەرنىڭ تۇرالغۇ ئۆي بىخەتەرلىكىگە ئۈنۈملۈك كاپالەتلىك قىلدى.

يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىرگىنىگە ئۈچ ئاي بولغان بولسىمۇ، ئۇچتۇرپان ناھىيەسى ئاقتوقاي يېزىسىنىڭ جىگدىلىك كەنتىدىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالە جامال ئىسلامنىڭ يەنىلا كۈنبويى خۇشاللىقتىن ئاغزى يۇمۇلمايتتى. ئۇنى خۇشال قىلغىنى، بۇ يىل ئۇنىڭ يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىرىپلا قالماي، يەنە كەنتتە يېزا ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى قىزغىنلىقىدىن پايدىلىنىپ، قۇرۇلۇش ئەترىتى قۇرۇلغانلىقى، ئۇنىڭ بىناكارلىق ماھارىتى بويىچە تەربىيەلەشكە قاتنىشىپ، ئۆي سېلىش تېخنىكىسىنى ئۆگىنىۋالغانلىقى ئىدى. «مېنىڭ ھازىر تېخنىكام بار، قىلىدىغان ئىشىم بار، پۇل تاپالايمەن، قەيەرگىلا بارسام، باشقىلارنىڭ كۆزگە ئىلماسلىقىدىن ئەندىشە قىلمايمەن» دېدى جامال ئىسلام.

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالىلەر جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى ئېغىر نامرات رايونلارغا كۆپرەك مەركەزلەشكەن بولۇپ، نامرات ئاھالىلەرنىڭ ئاساسىي سانى زور بولۇش، ئاممىنىڭ سىرتقا چىقىپ ئىشلىشى قىيىن بولۇش، ئۇنىڭ ئۈستىگە تەبىئىي شارائىت ناچار بولۇش، يېزىلارنىڭ ئۇل ئەسلىھەسى ئاجىز بولۇش، كەسىپلەر تەرەققىياتى ئارقىدا قېلىش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى بىر قەدەر زور ئىدى. ئاپتونوم رايونىمىز يېزا ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش ئارقىلىق، دېھقان - چارۋىچىلارنى ئەمگەك كۈچلىرىنى شۇ جايدا يۆتكەش، ئەمگەك كۈچى چىقىرىش، ئۆزئارا ياردەم بېرىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىشقا رىغبەتلەندۈردى، يېتەكلىدى، بىر قىسىم ئۆي سالغان دېھقانلار تەدرىجىي ھالدا دېھقان ھۈنەرۋەنلەرگە ئايلاندى، ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ كىرىمىنى ئاشۇرۇش ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈرۈلدى.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايونىمىز يەنە يېزا ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش ئارقىلىق يېڭى يېزا قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولدى. تۈرلۈك مەبلەغنى بىرىكتۈرۈش ئارقىلىق، «سۇ، توك، يول، گاز» قاتارلىق ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئۆي قۇرۇلمىسى بىخەتەر، ئىشلىتىلىش ئىقتىدارى تولۇق، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشقا قولاي بولغان يېڭى يېزىلارنى قۇرۇپ، يېزىلارنىڭ «مەينەت، قالايمىقان، ناچار» كونا قىياپىتىنى ئۆزگەرتتى؛ ھويلا - ئاران ئىگىلىكىنى يېتىشتۈرۈش ئارقىلىق، دېھقانلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتىنى تىرىشىپ ياخشىلاپ، «يېڭى ئۆيلەرنى سېلىش، يېڭى كەنتلەرنى بەرپا قىلىش»نى ئىشقا ئاشۇردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ