تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

دەريا بويى يېزىسى پۈتۈن گەۋدە بويىچە كۆچۈرۈلۈپ تارىخىي ھالقىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى

«قوشاملىق ئۆي» بىلەن خوشلىشىش   شورلۇق سۇ بىلەن خوشلىشىش   يېرىم بېكىنمە ھالەت بىلەن خوشلىشىش

دەريا بويى يېزىسى پۈتۈن گەۋدە بويىچە كۆچۈرۈلۈپ تارىخىي ھالقىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى جىن چۈەن، ليۇ دۇڭلەي، پەرىزات خەۋەر قىلىدۇ: 10- ئاينىڭ 15- كۈنى، دەريا بويى يېزىسىنىڭ يېڭى ئاھالىلەر نۇقتىسىدىكى يېڭى ئۆيدە، ئايزىخان ئابلا كۆكۈچ رەڭلىك ياۋروپاچە سافادا بالىلىرىنىڭ ئوينىغىنىغا قاراپ ئولتۇراتتى، چىرايىدىن تەبەسسۇم جىلۋىلىنەتتى. «بۇنداق يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىرىپ، ھەممە نەرسە خۇددى چۈشۈمدىكىدەك بىلىنىۋاتىدۇ» دېدى ئايزىخان.

9- ئاينىڭ 27- كۈنى، ئايزىخان ئائىلىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 114 ئائىلىلىك يۇرتداش قۇملۇقنىڭ ئىچكىرىسىدىن كۆچۈپ چىقتى. شۇنىڭ بىلەن بىرمەھەل «ئەڭ ئاخىرقى قۇملۇق قەبىلىسى» دەپ ئاتالغان دەريا بويى يېزىسى پۈتۈن گەۋدە بويىچە كۆچۈشنى تاماملاپ، تارىخىي ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇردى.

كېرىيە ناھىيەسى تەزكىرىسىدە خاتىرىلىنىشىچە، 300 نەچچە يىل ئىلگىرى، كېرىيە ناھىيەسىدىكى ئىككى چوڭ جەمەت كېرىيە دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقىنى بويلاپ تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ ئىچكىرىسىگە كىرگەن ھەم ئولتۇراقلىشىپ كەنت شەكىللەندۈرگەن. ناھايىتى ئۇزاق بىر مەزگىل بۇ جاي دۇنيادىن ئايرىلىپ تۇرغان.

دەريا بويى يېزىسىنىڭ كۆلىمى 15 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، 363 ئائىلىلىك بار. كۆچۈرۈلۈشتىن ئىلگىرى، كەنت ئاھالىلىرى بىپايان قۇملۇققا تارقالغان بولۇپ، ئائىلىلەرنىڭ ئارىلىقى نەچچە ئون كىلومېتىر، ھەتتا يۈز نەچچە كىلومېتىر كېلەتتى. كەنت ئاھالىلىرى ئەۋلادمۇئەۋلاد چارۋا بېقىشقا تايىنىپ ياشاپ كەلگەن بولۇپ، تۇرىدىغىنى يۇلغۇن شاخلىرى ياكى قومۇشنى ئاددىيلا باغلاپ، نېپىز سۇۋاپ سېلىنغان «قوشاملىق ئۆي»، ئىچىدىغىنى فىتور مىقدارى بىرقەدەر يۇقىرى بولغان شورلۇق سۇ، ياقىدىغىنى كىرسىن چىراغ ئىدى. 2002- يىلىغا كەلگەندە، دۆلەتنىڭ «يېزىلارغا توك يەتكۈزۈش» قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇشىدىن نەپكە ئېرىشىپ، يېزىدا فوتوۋولت ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇلدى ھەم توك ئۇلاندى.

مۇھىتى ناچار، قاتنىشى قولايسىز بولۇپ، بۇ جاي يېرىم بېكىنمە ھالەتتە دېگۈدەك تۇرغانىدى. 99 ياشلىق مەتشا ئوسمان يېزىدىكى يېشى ئەڭ چوڭ ئادەم ئىدى، ئۇنىڭ ئۆمرىدە بېرىپ باققان ئەڭ يىراق جايى خوتەن شەھىرى بولۇپ، كېرىيە ناھىيەسىگىمۇ ئاران نەچچە قېتىملا بېرىپ باققان. ئۇ مۇنداق دېدى: «كىچىك ۋاقتىمدا كەنتتە مەلۇم مەزگىلدە بىر قېتىم نەچچە ئون تۆگىلىك كارۋان كېرىيەگە بېرىشقا تەشكىللىنەتتى، بېرىشقىلا 12 كۈن كېتەتتى، پۈتۈن كەنت ئېھتىياجلىق ماددىي ئەشيالار توشۇپ كېلىنگەندە، كەنت ئاھالىلىرى قوي بىلەن ئالماشتۇراتتى. ئىلگىرى پەقەت قوناق ئۇنى، جىگدىلا يەيتۇق، كومپارتىيە كادىرلىرى كەلگەندىلا، مەن ئاندىن ئاق ئۇننى كۆردۈم، كەنتتە يەنە رەخت، سەرەڭگە قاتارلىق تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى ساتىدىغان دۇكان بار بولدى».

2016- يىلى، كېرىيە ناھىيەسى دەريا بويى يېزىسىنى پۈتۈن گەۋدە بويىچە كۆچۈرۈشنى كۈنتەرتىپكە كىرگۈزدى. يېڭى دەريا بويى ئاھالە نۇقتىسىنىڭ ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 91 كىلومېتىر بولۇپ، 2018- يىلى 10- ئايدا، 1- تۈركۈمدىكى كەنت ئاھالىلىرى كۆچۈپ كىرىپ ئولتۇراقلاشتى.

يېڭى ئولتۇراقلىشىش نۇقتىسىنىڭ قاتنىشى قولاي بولۇپ، ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ بىر سائەتتىن كۆپرەك ۋاقىتتىلا كېرىيە ناھىيە بازىرىغا بارغىلى بولىدۇ. يېپيېڭى ئۆيلەر گىرەلەشتۈرۈلۈپ رەتلىك سېلىنغان بولۇپ، تازىلانغان تۇرۇبا سۈيى ھەربىر ئائىلىگە تۇتاشتۇرۇلغان. مەكتەپتە كىتاب ئوقۇغان ئاۋازلار ياڭراپ تۇرىدۇ، ئوقۇتقۇچىلار ئېلېكتىرونلۇق دوسكا ئارقىلىق ئوقۇتىدۇ، بالىلارنىڭ ئۆيلىرى 300 - 200 مېتىر يىراقلىقتا. ئون ياشلىق ئابدۇسالام رۇستەم يېڭى مەكتەپكە بولغان ئامراقلىقىنى يوشۇرالمىدى: «بۇ جايدا تاتلىق سۇ ئىچەلەيمەن، ئىلگىرى دائىم مەكتەپتە قوناتتىم، ھازىر كۈندە ئانامنى كۆرەلەيمەن».

پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇقىدا، دەريا بويى يېزىسىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش يولىغا ئاساس سېلىندى. كەنت ئاھالىلىرى توشقانزەدىكى ئۆستۈرۈشنى ئۆگەندى، پۇقراۋى قونالغۇ ئېچىپ، قۇملۇق ساياھىتى بىلەن شۇغۇللاندى. يېزىدا چارۋىچىلىق، توشقانزەدىكى ئۆستۈرۈش ۋە ساياھەتتىن ئىبارەت ئۈچ دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇلۇپ، كۆپچىلىكنى بازارغا كىرىشكە يېتەكلىدى. يېزىلىق پارتكومنىڭ شۇجىسى جيا سۈنپېڭ مۇنداق دېدى: «كېلەر يىلى، بىز چوقۇم پۈتۈن يېزا بويىچە نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بىلەن بىرلىكتە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتكە كىرىمىز».

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ