كۈز رەڭگىگە كىرگەن سەككىز قىرلىق شەھەر
تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرلىرىمىز لەي يۈنىڭ، جاڭ چىڭخۇا خەۋىرى) بەزىلەر، شىنجاڭ ئىلىنىڭ باھار پەسلى ئەڭ گۈزەل دېيىشىدۇ؛ يەنە بەزىلەر، ئىلىنىڭ كۈز پەسلى ئەڭ گۈزەل، چۈنكى ئىلىنىڭ كۈز پەسلى رەڭگارەڭ چۆچەك دۇنياسىغا ئوخشايدۇ، دېيىشىدۇ.
قابان باي چوققىسى
كۈز شامىلىدىن كېيىنكى ئىلى دەرياسى ۋادىسىنىڭ مەنزىرىسى ئىنتايىن ئۆزگىچە، بۇ پەسىلدە تاغقا چىقىپ يىراقلارغا نەزەر سالغىنىڭىزدا، قات-قات ئورمانلار ھەر خىل رەڭدە بويالغان بولۇپ، خۇددى رەسسامنىڭ رەڭ تەڭشەش تاختىسى ئۆرۈلۈپ كېتىپ، قارلىق تاغ، يايلاق، ئورمان، ئېتىز - ئېرىق، دەريا-ئېقىنلارنى ئوخشىمىغان رەڭلەردە بويىۋەتكەندەكلا كۆرۈنىدۇ.
ئارغىماق
قاراڭ، تاغدىكى بەزى دەرەخلەرنىڭ يوپۇرماقلىرى كۈز شامىلىدا قىزىلغا بويالغان بولۇپ، قىزىللىقىدىن ھېقىققا ئوخشايدۇ، يەنە بەزىلىرى يەنىلا ياپيېشىل بولۇپ، تاغ ئورمىنى ئارىسىدا زۇمرەتتەك گۈزەل كۆرۈنىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە تاغ باغرىدىكى سۈپسۈزۈك دەريا سۈيى، كۆز ئالدىمىزدىكى گۈزەل مەنزىرىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ تۇرىدۇ، بۇلارنىڭ ھەممىسى شۇنچىلىك گۈزەل بولۇپ، بىر پارچە ماي بوياق رەسىمدەكلا كۆرۈنىدۇ.
تۇمان بىلەن ئورالغان تاغلار
كۈز مەنزىرىسى سۈرەتتەك گۈزەل. ئىلى دەرياسى ۋادىسىدىكى ئوخشىمىغان جايلارنىڭ مەنزىرىسى ھەر خىل، كۈزدە ئەڭ گۈزەل تۈسكە كىرىدىغان جايلار كەڭساي، جۇڭخۇا فۇشوۋشەن تېغى، قاراجون، كۆلدىنەڭ، تاڭبۇلا يايلىقى، نارات يايلىقى ۋە موڭغۇلكۈرە يايلىقى قاتارلىقلار. ئەلۋەتتە، يەنە نۇرغۇن نامى چىقمىغان جايلارنىڭ كۈز مەنزىرىسىمۇ بوش كەلمەيدۇ، بۇ جايلار دەل سىزنىڭ بايقىشىڭىزنى كۈتمەكتە.
سۇلۇق يەر مەنزىرىسى
تاغ، دالا، دەريا-ئېقىنلاردىن باشقا، كۈز تۈسى شەھەرلەرنى خىيالىي تۈسكە كىرگۈزدى، چوڭ-كىچىك كوچىلارنىڭ يول بويىدىكى دەرەخ يوپۇرماقلىرى ئۈزلۈكسىز رەڭ ئۆزگەرتىپ، بەزىلىرى قېنىق قىزىل، ھال رەڭ، سۇس قىزىل رەڭگە ئۆزگەرسە، بەزىلىرى ئالتۇن رەڭ، سۇس سېرىق رەڭ، قىزغۇچ سېرىق رەڭگە ئۆزگەردى... پۈتكۈل شەھەر رەڭگارەڭ تۈسكە كىرىپ، كىشىنى تېخىمۇ مەپتۇن قىلاتتى.
كۆچۈش سەپىرىدىكى كۈل رەڭ تۇرنا
كۈز شامىلى، كۈزدىكى يوپۇرماق، كۈز تۈسى، كۈزدىكى قۇياش نۇرى بىرلىشىپ ئاجايىپ كۈز مەنزىرىسىنى شەكىللەندۈردى.
تاغنىڭ كۈز مەنزىرىسى