تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

سالىقجان: ئىتتىپاقلىق يولىدا كۈچ ئۇلاپ ئۇزۇنغا يۈگۈرۈش

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چېن چېن

سالىقجان ئىمىن ئەجدادلىرىنىڭ قىزىل گېنىغا ۋارىسلىق قىلىپ، قولىدا پارتىيەنى سۆيۈش، دۆلەتنى سۆيۈشنىڭ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ كۈچ ئۇلاپ يۈگۈرۈش كالتىكىنى تۇتقىنىچە ئۇزۇنغا يۈگۈرۈشتىن بوشاشمىدى.

بۇ يىل 74 ياشقا كىرگەن سالىقجان چۆچەك شەھىرىنىڭ يېڭىشەھەر كوچىسى قارا دۆڭ مەھەللىسىدىكى پېنسىيەگە چىققان ئۇيغۇر بوۋاي. ئون يىلدىن بۇيان، ھەر دۈشەنبە كۈنى ھەم مۇھىم، زور بايراملاردا، ئۇ ھەمىشە ئۆز ھويلىسىدا چاقناپ تۇرغان بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراقنى چىقىرىپ كەلدى. دۆلەت بايرىقىنى چىقىرىپ بولغاندىن كېيىن، سالىقجان قوشنا - قولۇملىرىغا پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسەتلىرىنى تەشۋىق قىلىپ، ئەتراپىدىكى ھەربىر ھېكايە ئارقىلىق ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئۆتكەنلىكىنى تەسىرلىك سۆزلەيدۇ.

سالىقجان بىلەن مېڭ گۇاڭجى نەچچە ئون يىل بۇرۇن تونۇشقان. مېڭ گۇاڭجى ئۆزى يالغۇز شەندۇڭدىن چۆچەك شەھىرىگە كېلىپ تۇرالغۇ ئىزدەۋاتقاندا سالىقجان بىلەن تاسادىپىي ئۇچرىشىپ قالغان، ئاق كۆڭۈل سالىقجان مېڭ گۇاڭجىنىڭ يالغۇزلۇقىغا ئىچ ئاغرىتىپ، بىر ئېغىزلىق ئامبىرىنى بوشىتىپ مېڭ گۇاڭجىنىڭ ئولتۇرۇشىغا بەرگەن، ئۇ شۇ ئولتۇرغىنىچە 20 نەچچە يىل ئولتۇرغان. مېڭ گۇاڭجىنىڭ يېشى سالىقجاندىن چوڭ بولۇپ، يېقىملىق ھالدا سالىقجاننى «ئۇكام» دەپ چاقىراتتى. سالىقجاننىڭ ياردىمىدە مېڭ گۇاڭجى قۇرۇلۇش شىركىتىدىن خىزمەت تاپقان. ئۇزاق ئۆتمەي مېڭ گۇاڭجى خوتۇن - بالىلىرىنىمۇ ئېلىپ كېلىپ، يەنىلا سالىقجان ئائىلىسىنىڭ ھويلىسىدا تۇرغان، ئىككى ئائىلە كىشىلىرى بىر ئىشىكتىن كىرىپ - چىقىپ، بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك يېقىن ئۆتكەن. مېڭ گۇاڭجى ئۆزىنىڭ تۇرالغۇسى بولغاندىلا ئاندىن سالىقجاننىڭ ھويلىسىدىن كۆچۈپ چىققان. كېيىن مېڭ گۇاڭجى كېسەل سەۋەبىدىن ئالەمدىن ئۆتكەن، ئۇنىڭ خوتۇنىمۇ يۇرتى شەندۇڭغا قايتىپ ئاخىرقى ئۆمرىنى خاتىرجەم ئۆتكۈزگەن. گەرچە ئارىلىق يىراق بولسىمۇ، بىراق مېڭ گۇاڭجىنىڭ بالىلىرى ھەر يىلى شىنجاڭغا كېلىپ سالىقجاننى يوقلاپ تۇرغان، ئىككى ئائىلە كىشىلىرى ئۇرۇق - تۇغقان بولمىسىمۇ بىراق ئۇرۇق - تۇغقاندىنمۇ يېقىن ئۆتكەن.

سالىقجان مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: ئازادلىقنىڭ دەسلىپىدە، ئاتا - ئانام تۆت ئېغىزلىق ئۆينى بوشىتىپ، شىنجاڭغا كىرگەن ئازادلىق ئارمىيەنىڭ گازارما قىلىشىغا بەرگەنىدى. بۇ ئىش مەندە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان، مەن كىچىكىمدىن تارتىپ جەمئىيەتكە مۇلازىمەت قىلىش، باشقىلارغا ياردەم بېرىشكە ئىرادە باغلىغانىدىم. مۇشۇ يىللاردا، سالىقجان ئۆز يېنىدىن پۇل چىقىرىپ مېيىپ ياشانغانلار، ئىگە - چاقىسىز ياشانغانلار ھەم قىيىنچىلىقى بار قوشنىلىرىغا گۆش، كۆكتاتلارنى ھەقسىز يەتكۈزۈپ بېرىپ، قىزغىن ھال - ئەھۋال سوراپ تۇردى، تەۋەلىكتىكى مۇھىت تازىلىق ئىشچىلىرىغا مىنېرال سۇ، پەلەي، كىيىم - كېچەك قاتارلىقلارنى يەتكۈزۈپ بەردى، يەنە ئون بالىنىڭ مەكتەپتە ئوقۇشىغا ياردەم بەردى.

بۈگۈنكى كۈندە سالىقجاننىڭ يەنە چۆچەك شەھىرىنىڭ پۇقرا تەشۋىقاتچىسى، دېگەن يېڭى سالاھىيىتى بار بولدى. ئۇ ئۆزىنىڭ ھويلىسىدا كىچىك بىر كۇتۇپخانا ئېچىپ، تۈرلۈك قىزىل كىتابلار ۋە گېزىت - ژۇرناللارنى تىزىپ، بايراق چىقىرىشقا قاتنىشىشقا كەلگەنلەرنىڭ ئوقۇشى ئۈچۈن تەمىنلىدى. ھەرىكەت قىلىشى قولايسىز بولغان قوشنىسى مەڭلىگۈل قۇربان مۇنداق دېدى: «سالىقجاننىڭ قوشنىسى بولغىنىمدىن ناھايىتى خۇشالمەن، ئۇ پارتىيەنىڭ سىياسىتىنى ئائىلەمگە ۋاقتىدا يەتكۈزدى، ئۇ بىزنىڭ ئۆگىنىش ئۈلگىمىز».

سالىقجاننىڭ ئوغلى سالاھىدىن سالىقجان تارباغاتاي ۋىلايەتلىك خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ دوختۇرى، ئۇ دادىسى بىلەن مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ ئىلگىرىلىدى، نۆۋەتتە ئۇ ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولغان سەككىز ياشانغان كىشىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىۋاتىدۇ، ئەڭ ئۇزاق بولغىنى 16 يىلغا يەتتى.

ھەر قېتىم ئۆيىدە دۆلەت بايرىقى چىقىرىش مۇراسىمى، تەشۋىق قىلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزگەندە، سالىقجان ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ قاتنىشىشىنى تەلەپ قىلدى، ئۇ مۇنداق دېدى: «كېيىن مەن سۆزلىيەلمەيدىغان بولۇپ قالسام، مېنىڭ ئوغلۇم سۆزلەيدۇ، ئوغلۇم سۆزلىيەلمەيدىغان بولۇپ قالغاندا نەۋرىلىرىم تەشۋىق قىلىش كۈچ ئۇلاپ يۈگۈرۈش كالتىكىنى ئۆتكۈزۈۋالىدۇ».

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ