تىيانشان تورى خەۋىرى (بايىنغولىن گېزىتى مۇخبىرى چۆ . خۇرە فوتوسى، خەۋىرى): 2019- يىلى 10- ئاينىڭ 12- كۈنى، يامغۇردىن كېيىنكى شىنجاڭ تارىم دەرياسى سۇلۇق يېرىنىڭ لوپنۇر ناھىيەسى بۆلىكىدە، ئەسلىدە بار بولغان سۇ ۋە ئېقىپ كىرگەن يامغۇر سۈيىنىڭ رەڭگىدىن رەڭگارەڭ مەنزىرە شەكىللەندى (ئۇچقۇچىسز ئايروپىلاندا تارتىلغان سۈرەت). 2019- يىلى 10- ئاينىڭ 9- كۈنىدىن 10- ئاينىڭ 11- كۈنىگىچە، شىنجاڭ تارىم ئويمانلىقىنىڭ ئوخشىمىغان بۆلىكى بۇ يىل سوغۇق شەبنەم كىرگەندىن كېيىنكى تۇنجى يامغۇرلۇق ھاۋا رايىنى كۈتۈۋېلىپ، يامغۇر سۈيى تارىم ئويمانلىقىنىڭ ئۇسسۇزلۇقىنى قاندۇرۇش رولىنى ئوينىدى. يامغۇردىن كېيىنكى تارىم دەرياسى سۇلۇق يېرىنىڭ سۇ ئورنى كۆرۈنەرلىك ئۆرلەپ، ئەسلىدە بار بولغان سۇ ۋە ئېقىپ كىرگەن يامغۇر سۈيى بىلەن كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان رەڭگارەڭ مەنزىرە نامايان بولدى.