ياپيېشىل شەمشاد ۋە سېرىق رەڭلىك قېيىن دەرىخىدىن شەكىللەنگەن روشەن رەڭ سېلىشتۇرمىسى.
10-ئايدا، «يۈز چاقىرىملىق يۆگىمە رەسىم، تەبىئىي رەسىم كارىدورى» دەپ تەرىپلىنىدىغان شىنجاڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى نىلقا ناھىيەسى تاڭبۇلا يايلىقى كۈزنىڭ گۈزەل رەڭلىرى بىلەن بويالدى. چەكسىز يايلاققا نەزەر سالسىڭىز، ئالتۇن رەڭ توغراق، قېيىن دەرىخى بىلەن ياپيېشىل شەمشاد بىر-بىرىگە رەڭ بېرىپ، بۇ مەنزىرە قوينىغا كىرگەندە، خۇددى شېئىرىي تۈس ئالغان رەسىم دۇنياسىغا كىرىپ قالغاندەك تۇيغۇغا كېلىسىز.
دەريا جىلغىسىدىكى چاتقاللىق مەنزىرىسى.
چارۋىچىلار پادىلىرىنى ھەيدەپ يايلاق كۆچمەكتە.
يايلاق كۆچۈش سەپىرىدە ھەممىلا يەردە گۈزەل مەنزىرە.
ئالتۇن رەڭ توغراقلار كۆزنى قاماشتۇرىدۇ.
تاڭبۇلا يايلىقىدىكى ھەر خىل رەڭلىك دەرەخلەر.
ماي بوياق رەسىمدەك تاڭبۇلا يايلىقىنىڭ كۈز مەنزىرىسى.
(«ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» شىنجاڭ ئۆگىنىش سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى)